سۈرە قەلەم


نٓۚ وَٱلۡقَلَمِ وَمَا يَسۡطُرُونَ

نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى،


مَآ أَنتَ بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ بِمَجۡنُونٖ

(ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن


وَإِنَّ لَكَ لَأَجۡرًا غَيۡرَ مَمۡنُونٖ

مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن


وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ

(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن


فَسَتُبۡصِرُ وَيُبۡصِرُونَ

كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ


بِأَييِّكُمُ ٱلۡمَفۡتُونُ

كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ


إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ

شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ


فَلَا تُطِعِ ٱلۡمُكَذِّبِينَ

ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن



الصفحة التالية
Icon