سۈرە مەئارىج


سَأَلَ سَآئِلُۢ بِعَذَابٖ وَاقِعٖ

بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى


لِّلۡكَٰفِرِينَ لَيۡسَ لَهُۥ دَافِعٞ

ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ


مِّنَ ٱللَّهِ ذِي ٱلۡمَعَارِجِ

ئۇ (ئازاب) ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى اﷲ تەرىپىدىن بولغان


تَعۡرُجُ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥ خَمۡسِينَ أَلۡفَ سَنَةٖ

پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) اﷲ قا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ


فَٱصۡبِرۡ صَبۡرٗا جَمِيلًا

(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن


إِنَّهُمۡ يَرَوۡنَهُۥ بَعِيدٗا

ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ


وَنَرَىٰهُ قَرِيبٗا

بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز


يَوۡمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلۡمُهۡلِ

ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ


وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ

تاغلار ئېرىتىلگەن رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ



الصفحة التالية
Icon