سۈرە ئەبەسە


عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ

يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى


أَن جَآءَهُ ٱلۡأَعۡمَىٰ

يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى


وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ

(ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن


أَوۡ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكۡرَىٰٓ

ياكى ۋەز - نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن


أَمَّا مَنِ ٱسۡتَغۡنَىٰ

ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)


فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ

ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)


وَمَا عَلَيۡكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ

ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى


وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسۡعَىٰ

سەندىن مەرىپەت تىلەپ، اﷲ تىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك



الصفحة التالية
Icon