سۈرە غاشىيە


هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡغَٰشِيَةِ

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى


وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ خَٰشِعَةٌ

بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر


عَامِلَةٞ نَّاصِبَةٞ

ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر


تَصۡلَىٰ نَارًا حَامِيَةٗ

ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ


تُسۡقَىٰ مِنۡ عَيۡنٍ ءَانِيَةٖ

(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ


لَّيۡسَ لَهُمۡ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٖ

ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ


لَّا يُسۡمِنُ وَلَا يُغۡنِي مِن جُوعٖ

زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ


وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاعِمَةٞ

بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر


لِّسَعۡيِهَا رَاضِيَةٞ

بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر


فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ

ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر



الصفحة التالية
Icon