---
title: "ترجمة سورة يوسف - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/12/book/13643.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/12/book/13643"
surah_id: "12"
book_id: "13643"
book_name: "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة يوسف - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/12/book/13643)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة يوسف - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/12/book/13643*.

Translation of Surah يوسف from "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation" in الأويغورية.

### الآية 12:1

> الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْمُبِينِ [12:1]

سۈرە يۇسۇف
----------

---

الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ


ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتاب ئايەتلىرىدۇر

---

### الآية 12:2

> ﻿إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ [12:2]

إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّٗا لَّعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ


شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق

---

### الآية 12:3

> ﻿نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَٰذَا الْقُرْآنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ [12:3]

نَحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ أَحۡسَنَ ٱلۡقَصَصِ بِمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ وَإِن كُنتَ مِن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ


بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ

---

### الآية 12:4

> ﻿إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ [12:4]

إِذۡ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَـٰٓأَبَتِ إِنِّي رَأَيۡتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوۡكَبٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ رَأَيۡتُهُمۡ لِي سَٰجِدِينَ


ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئۆز ئاتىسىغا: **«ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم»** دېدى

---

### الآية 12:5

> ﻿قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ [12:5]

قَالَ يَٰبُنَيَّ لَا تَقۡصُصۡ رُءۡيَاكَ عَلَىٰٓ إِخۡوَتِكَ فَيَكِيدُواْ لَكَ كَيۡدًاۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٞ مُّبِينٞ


ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): **«ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»** دېدى

---

### الآية 12:6

> ﻿وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ [12:6]

وَكَذَٰلِكَ يَجۡتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعۡقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيۡكَ مِن قَبۡلُ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ


شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

---

### الآية 12:7

> ﻿۞ لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ [12:7]

۞لَّقَدۡ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخۡوَتِهِۦٓ ءَايَٰتٞ لِّلسَّآئِلِينَ


يۇسۇفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسىسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار

---

### الآية 12:8

> ﻿إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ [12:8]

إِذۡ قَالُواْ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰٓ أَبِينَا مِنَّا وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ


ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: **«يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز (نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر»** دېيىشتى

---

### الآية 12:9

> ﻿اقْتُلُوا يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا مِنْ بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ [12:9]

ٱقۡتُلُواْ يُوسُفَ أَوِ ٱطۡرَحُوهُ أَرۡضٗا يَخۡلُ لَكُمۡ وَجۡهُ أَبِيكُمۡ وَتَكُونُواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ قَوۡمٗا صَٰلِحِينَ


(ئۇلار) **«يۇسۇفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر»** دېيىشتى

---

### الآية 12:10

> ﻿قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ السَّيَّارَةِ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ [12:10]

قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ لَا تَقۡتُلُواْ يُوسُفَ وَأَلۡقُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّ يَلۡتَقِطۡهُ بَعۡضُ ٱلسَّيَّارَةِ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ


ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: **«يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن»** دېدى

---

### الآية 12:11

> ﻿قَالُوا يَا أَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَنَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُ لَنَاصِحُونَ [12:11]

قَالُواْ يَـٰٓأَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأۡمَ۬نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَٰصِحُونَ


ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۇسۇف تورىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز

---

### الآية 12:12

> ﻿أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ [12:12]

أَرۡسِلۡهُ مَعَنَا غَدٗا يَرۡتَعۡ وَيَلۡعَبۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ


ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»

---

### الآية 12:13

> ﻿قَالَ إِنِّي لَيَحْزُنُنِي أَنْ تَذْهَبُوا بِهِ وَأَخَافُ أَنْ يَأْكُلَهُ الذِّئْبُ وَأَنْتُمْ عَنْهُ غَافِلُونَ [12:13]

قَالَ إِنِّي لَيَحۡزُنُنِيٓ أَن تَذۡهَبُواْ بِهِۦ وَأَخَافُ أَن يَأۡكُلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَأَنتُمۡ عَنۡهُ غَٰفِلُونَ


يەئقۇب: **«ئۇنى (يەنى يۇسۇفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن»** دېدى

---

### الآية 12:14

> ﻿قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَخَاسِرُونَ [12:14]

قَالُواْ لَئِنۡ أَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّآ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ


ئۇلار: **«بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە - زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز»** دېدى

---

### الآية 12:15

> ﻿فَلَمَّا ذَهَبُوا بِهِ وَأَجْمَعُوا أَنْ يَجْعَلُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُمْ بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ [12:15]

فَلَمَّا ذَهَبُواْ بِهِۦ وَأَجۡمَعُوٓاْ أَن يَجۡعَلُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمۡرِهِمۡ هَٰذَا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ


ئۇلار يۇسۇفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۇسۇفكە: **«كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە ئېيتقىن»** دەپ ۋەھيى قىلدۇق

---

### الآية 12:16

> ﻿وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ [12:16]

وَجَآءُوٓ أَبَاهُمۡ عِشَآءٗ يَبۡكُونَ


ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى

---

### الآية 12:17

> ﻿قَالُوا يَا أَبَانَا إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِنْدَ مَتَاعِنَا فَأَكَلَهُ الذِّئْبُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُؤْمِنٍ لَنَا وَلَوْ كُنَّا صَادِقِينَ [12:17]

قَالُواْ يَـٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبۡنَا نَسۡتَبِقُ وَتَرَكۡنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤۡمِنٖ لَّنَا وَلَوۡ كُنَّا صَٰدِقِينَ


ئۇلار: **«ئى ئاتىمىز! يۇسۇفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن»** دېيىشتى

---

### الآية 12:18

> ﻿وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ [12:18]

وَجَآءُو عَلَىٰ قَمِيصِهِۦ بِدَمٖ كَذِبٖۚ قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٞۖ وَٱللَّهُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ


ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: **«بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋرە قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە اﷲ مەدەتكاردۇر»** دېدى

---

### الآية 12:19

> ﻿وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُ ۖ قَالَ يَا بُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَامٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَاعَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَعْمَلُونَ [12:19]

وَجَآءَتۡ سَيَّارَةٞ فَأَرۡسَلُواْ وَارِدَهُمۡ فَأَدۡلَىٰ دَلۡوَهُۥۖ قَالَ يَٰبُشۡرَىٰ هَٰذَا غُلَٰمٞۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَٰعَةٗۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ


بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: **«خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا»** دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اﷲ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

---

### الآية 12:20

> ﻿وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍ بَخْسٍ دَرَاهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا فِيهِ مِنَ الزَّاهِدِينَ [12:20]

وَشَرَوۡهُ بِثَمَنِۭ بَخۡسٖ دَرَٰهِمَ مَعۡدُودَةٖ وَكَانُواْ فِيهِ مِنَ ٱلزَّـٰهِدِينَ


ئۇلار يۇسۇفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۇسۇفكە قىزىقمىغان ئىدى

---

### الآية 12:21

> ﻿وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِنْ مِصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ [12:21]

وَقَالَ ٱلَّذِي ٱشۡتَرَىٰهُ مِن مِّصۡرَ لِٱمۡرَأَتِهِۦٓ أَكۡرِمِي مَثۡوَىٰهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗاۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلِنُعَلِّمَهُۥ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ وَٱللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰٓ أَمۡرِهِۦ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ


ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: **«ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز»** دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۇسۇفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۇسۇفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، اﷲ (خالىغان) ئىشىنى ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ

---

### الآية 12:22

> ﻿وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ [12:22]

وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ


يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز

---

### الآية 12:23

> ﻿وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ [12:23]

وَرَٰوَدَتۡهُ ٱلَّتِي هُوَ فِي بَيۡتِهَا عَن نَّفۡسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلۡأَبۡوَٰبَ وَقَالَتۡ هَيۡتَ لَكَۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ رَبِّيٓ أَحۡسَنَ مَثۡوَايَۖ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّـٰلِمُونَ


يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: **«بېرى كەل»** دېدى. يۇسۇف: **«خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ (يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ»** دېدى

---

### الآية 12:24

> ﻿وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ ۖ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَىٰ بُرْهَانَ رَبِّهِ ۚ كَذَٰلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ ۚ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ [12:24]

وَلَقَدۡ هَمَّتۡ بِهِۦۖ وَهَمَّ بِهَا لَوۡلَآ أَن رَّءَا بُرۡهَٰنَ رَبِّهِۦۚ كَذَٰلِكَ لِنَصۡرِفَ عَنۡهُ ٱلسُّوٓءَ وَٱلۡفَحۡشَآءَۚ إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُخۡلَصِينَ


ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۇسۇفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۇسۇف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى

---

### الآية 12:25

> ﻿وَاسْتَبَقَا الْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُ مِنْ دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَاءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوءًا إِلَّا أَنْ يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ [12:25]

وَٱسۡتَبَقَا ٱلۡبَابَ وَقَدَّتۡ قَمِيصَهُۥ مِن دُبُرٖ وَأَلۡفَيَا سَيِّدَهَا لَدَا ٱلۡبَابِۚ قَالَتۡ مَا جَزَآءُ مَنۡ أَرَادَ بِأَهۡلِكَ سُوٓءًا إِلَّآ أَن يُسۡجَنَ أَوۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ


ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۇسۇف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): **«سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك»** دېدى

---

### الآية 12:26

> ﻿قَالَ هِيَ رَاوَدَتْنِي عَنْ نَفْسِي ۚ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ أَهْلِهَا إِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ قُبُلٍ فَصَدَقَتْ وَهُوَ مِنَ الْكَاذِبِينَ [12:26]

قَالَ هِيَ رَٰوَدَتۡنِي عَن نَّفۡسِيۚ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن قُبُلٖ فَصَدَقَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ


يۇسۇف: **«ئۇ (يەنى زۈلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى»** دېدى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ سۆزى راست، يۇسۇفنىڭ سۆزى يالغان

---

### الآية 12:27

> ﻿وَإِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ فَكَذَبَتْ وَهُوَ مِنَ الصَّادِقِينَ [12:27]

وَإِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ فَكَذَبَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ


يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ) سۆزى يالغان يۇسۇفنىڭ سۆزى راست» دېدى

---

### الآية 12:28

> ﻿فَلَمَّا رَأَىٰ قَمِيصَهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ قَالَ إِنَّهُ مِنْ كَيْدِكُنَّ ۖ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ [12:28]

فَلَمَّا رَءَا قَمِيصَهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ قَالَ إِنَّهُۥ مِن كَيۡدِكُنَّۖ إِنَّ كَيۡدَكُنَّ عَظِيمٞ


ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ ئېرى) يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: **«ئەي ئاياللار جامائەسى! بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر»** دېدى

---

### الآية 12:29

> ﻿يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۚ وَاسْتَغْفِرِي لِذَنْبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنْتِ مِنَ الْخَاطِئِينَ [12:29]

يُوسُفُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَاۚ وَٱسۡتَغۡفِرِي لِذَنۢبِكِۖ إِنَّكِ كُنتِ مِنَ ٱلۡخَاطِـِٔينَ


(يەنى ئېيتتى) **«يۇسۇف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ»**

---

### الآية 12:30

> ﻿۞ وَقَالَ نِسْوَةٌ فِي الْمَدِينَةِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ تُرَاوِدُ فَتَاهَا عَنْ نَفْسِهِ ۖ قَدْ شَغَفَهَا حُبًّا ۖ إِنَّا لَنَرَاهَا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ [12:30]

۞وَقَالَ نِسۡوَةٞ فِي ٱلۡمَدِينَةِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ تُرَٰوِدُ فَتَىٰهَا عَن نَّفۡسِهِۦۖ قَدۡ شَغَفَهَا حُبًّاۖ إِنَّا لَنَرَىٰهَا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ


شەھەردىكى بەزى ئاياللار: **«ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ پادىشاھسى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە، ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز»** دېيىشتى

---

### الآية 12:31

> ﻿فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ [12:31]

فَلَمَّا سَمِعَتۡ بِمَكۡرِهِنَّ أَرۡسَلَتۡ إِلَيۡهِنَّ وَأَعۡتَدَتۡ لَهُنَّ مُتَّكَـٔٗا وَءَاتَتۡ كُلَّ وَٰحِدَةٖ مِّنۡهُنَّ سِكِّينٗا وَقَالَتِ ٱخۡرُجۡ عَلَيۡهِنَّۖ فَلَمَّا رَأَيۡنَهُۥٓ أَكۡبَرۡنَهُۥ وَقَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّ وَقُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا مَلَكٞ كَرِيمٞ


ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۇسۇفكە) **«سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن دېدى، ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) اﷲ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر»** دېيىشتى

---

### الآية 12:32

> ﻿قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ الَّذِي لُمْتُنَّنِي فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ فَاسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِنْ لَمْ يَفْعَلْ مَا آمُرُهُ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِنَ الصَّاغِرِينَ [12:32]

قَالَتۡ فَذَٰلِكُنَّ ٱلَّذِي لُمۡتُنَّنِي فِيهِۖ وَلَقَدۡ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ فَٱسۡتَعۡصَمَۖ وَلَئِن لَّمۡ يَفۡعَلۡ مَآ ءَامُرُهُۥ لَيُسۡجَنَنَّ وَلَيَكُونٗا مِّنَ ٱلصَّـٰغِرِينَ


ئۇ (يەنى زۈلەيخا): **«مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ»** دېدى

---

### الآية 12:33

> ﻿قَالَ رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُنْ مِنَ الْجَاهِلِينَ [12:33]

قَالَ رَبِّ ٱلسِّجۡنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِۖ وَإِلَّا تَصۡرِفۡ عَنِّي كَيۡدَهُنَّ أَصۡبُ إِلَيۡهِنَّ وَأَكُن مِّنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ


يۇسۇف: **«ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن»** دېدى

---

### الآية 12:34

> ﻿فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ [12:34]

فَٱسۡتَجَابَ لَهُۥ رَبُّهُۥ فَصَرَفَ عَنۡهُ كَيۡدَهُنَّۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ


پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۇسۇفتىن دەپئى قىلدى. اﷲ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

---

### الآية 12:35

> ﻿ثُمَّ بَدَا لَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا رَأَوُا الْآيَاتِ لَيَسْجُنُنَّهُ حَتَّىٰ حِينٍ [12:35]

ثُمَّ بَدَا لَهُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا رَأَوُاْ ٱلۡأٓيَٰتِ لَيَسۡجُنُنَّهُۥ حَتَّىٰ حِينٖ


ئاندىن ئۇلار (يۇسۇفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى

---

### الآية 12:36

> ﻿وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ [12:36]

وَدَخَلَ مَعَهُ ٱلسِّجۡنَ فَتَيَانِۖ قَالَ أَحَدُهُمَآ إِنِّيٓ أَرَىٰنِيٓ أَعۡصِرُ خَمۡرٗاۖ وَقَالَ ٱلۡأٓخَرُ إِنِّيٓ أَرَىٰنِيٓ أَحۡمِلُ فَوۡقَ رَأۡسِي خُبۡزٗا تَأۡكُلُ ٱلطَّيۡرُ مِنۡهُۖ نَبِّئۡنَا بِتَأۡوِيلِهِۦٓۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ


زىندانغا يۇسۇف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: **«مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن»** دېدى. ئىككىنچىسى: **«مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز»** دېدى

---

### الآية 12:37

> ﻿قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَنْ يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ [12:37]

قَالَ لَا يَأۡتِيكُمَا طَعَامٞ تُرۡزَقَانِهِۦٓ إِلَّا نَبَّأۡتُكُمَا بِتَأۡوِيلِهِۦ قَبۡلَ أَن يَأۡتِيَكُمَاۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّيٓۚ إِنِّي تَرَكۡتُ مِلَّةَ قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ


يۇسۇف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن اﷲ قا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم

---

### الآية 12:38

> ﻿وَاتَّبَعْتُ مِلَّةَ آبَائِي إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَا أَنْ نُشْرِكَ بِاللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ [12:38]

وَٱتَّبَعۡتُ مِلَّةَ ءَابَآءِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ مَا كَانَ لَنَآ أَن نُّشۡرِكَ بِٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ عَلَيۡنَا وَعَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ


مەن ئەجدادلىرىم - ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ اﷲ نىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ

---

### الآية 12:39

> ﻿يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَأَرْبَابٌ مُتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ [12:39]

يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ ءَأَرۡبَابٞ مُّتَفَرِّقُونَ خَيۡرٌ أَمِ ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ


تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىر اﷲ ياخشىمۇ؟

---

### الآية 12:40

> ﻿مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ [12:40]

مَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ أَسۡمَآءٗ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِ أَمَرَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ


سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، اﷲ (ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت اﷲ غىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ

---

### الآية 12:41

> ﻿يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَمَّا أَحَدُكُمَا فَيَسْقِي رَبَّهُ خَمْرًا ۖ وَأَمَّا الْآخَرُ فَيُصْلَبُ فَتَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْ رَأْسِهِ ۚ قُضِيَ الْأَمْرُ الَّذِي فِيهِ تَسْتَفْتِيَانِ [12:41]

يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ أَمَّآ أَحَدُكُمَا فَيَسۡقِي رَبَّهُۥ خَمۡرٗاۖ وَأَمَّا ٱلۡأٓخَرُ فَيُصۡلَبُ فَتَأۡكُلُ ٱلطَّيۡرُ مِن رَّأۡسِهِۦۚ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ ٱلَّذِي فِيهِ تَسۡتَفۡتِيَانِ


تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بېرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ) خوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ (يەنى ساقىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ)، يەنە بېرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى»

---

### الآية 12:42

> ﻿وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُ نَاجٍ مِنْهُمَا اذْكُرْنِي عِنْدَ رَبِّكَ فَأَنْسَاهُ الشَّيْطَانُ ذِكْرَ رَبِّهِ فَلَبِثَ فِي السِّجْنِ بِضْعَ سِنِينَ [12:42]

وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُۥ نَاجٖ مِّنۡهُمَا ٱذۡكُرۡنِي عِندَ رَبِّكَ فَأَنسَىٰهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ ذِكۡرَ رَبِّهِۦ فَلَبِثَ فِي ٱلسِّجۡنِ بِضۡعَ سِنِينَ


يۇسۇف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن بىرسىگە (يەنى ساقىيغا): **«مېنى خۇجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن»** دېگەن ئىدى. خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۇسۇفنى ئەسلەپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇدۇردى، يۇسۇف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى

---

### الآية 12:43

> ﻿وَقَالَ الْمَلِكُ إِنِّي أَرَىٰ سَبْعَ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعَ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ ۖ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَفْتُونِي فِي رُؤْيَايَ إِنْ كُنْتُمْ لِلرُّؤْيَا تَعْبُرُونَ [12:43]

وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ إِنِّيٓ أَرَىٰ سَبۡعَ بَقَرَٰتٖ سِمَانٖ يَأۡكُلُهُنَّ سَبۡعٌ عِجَافٞ وَسَبۡعَ سُنۢبُلَٰتٍ خُضۡرٖ وَأُخَرَ يَابِسَٰتٖۖ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ أَفۡتُونِي فِي رُءۡيَٰيَ إِن كُنتُمۡ لِلرُّءۡيَا تَعۡبُرُونَ


پادىشاھ ئېيتتى: **«مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپكەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى ئەربابلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار»**

---

### الآية 12:44

> ﻿قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ ۖ وَمَا نَحْنُ بِتَأْوِيلِ الْأَحْلَامِ بِعَالِمِينَ [12:44]

قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمٖۖ وَمَا نَحۡنُ بِتَأۡوِيلِ ٱلۡأَحۡلَٰمِ بِعَٰلِمِينَ


ئۇلار ئېيتتى: **«بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز (مۇنداق) قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۇقمايمىز»**

---

### الآية 12:45

> ﻿وَقَالَ الَّذِي نَجَا مِنْهُمَا وَادَّكَرَ بَعْدَ أُمَّةٍ أَنَا أُنَبِّئُكُمْ بِتَأْوِيلِهِ فَأَرْسِلُونِ [12:45]

وَقَالَ ٱلَّذِي نَجَا مِنۡهُمَا وَٱدَّكَرَ بَعۡدَ أُمَّةٍ أَنَا۠ أُنَبِّئُكُم بِتَأۡوِيلِهِۦ فَأَرۡسِلُونِ


ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۈرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۇسۇفنى) ئەسلىگەن بىرسى: **«مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۇسۇفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار»** دېدى

---

### الآية 12:46

> ﻿يُوسُفُ أَيُّهَا الصِّدِّيقُ أَفْتِنَا فِي سَبْعِ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعِ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ لَعَلِّي أَرْجِعُ إِلَى النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَعْلَمُونَ [12:46]

يُوسُفُ أَيُّهَا ٱلصِّدِّيقُ أَفۡتِنَا فِي سَبۡعِ بَقَرَٰتٖ سِمَانٖ يَأۡكُلُهُنَّ سَبۡعٌ عِجَافٞ وَسَبۡعِ سُنۢبُلَٰتٍ خُضۡرٖ وَأُخَرَ يَابِسَٰتٖ لَّعَلِّيٓ أَرۡجِعُ إِلَى ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَعۡلَمُونَ


(ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىردى - دە) **«ئى راستچىل يۇسۇف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن ئۇنى كىشىلەرگە (يەنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا) خەۋەر قىلسام، ئۇلار (سېنىڭ پەزلىڭنى) بىلسۇن»** دېدى

---

### الآية 12:47

> ﻿قَالَ تَزْرَعُونَ سَبْعَ سِنِينَ دَأَبًا فَمَا حَصَدْتُمْ فَذَرُوهُ فِي سُنْبُلِهِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تَأْكُلُونَ [12:47]

قَالَ تَزۡرَعُونَ سَبۡعَ سِنِينَ دَأَبٗا فَمَا حَصَدتُّمۡ فَذَرُوهُ فِي سُنۢبُلِهِۦٓ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّا تَأۡكُلُونَ


يۇسۇف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغا ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى (مىتە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) باشىقى بىلەن قويۇڭلار

---

### الآية 12:48

> ﻿ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ سَبْعٌ شِدَادٌ يَأْكُلْنَ مَا قَدَّمْتُمْ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تُحْصِنُونَ [12:48]

ثُمَّ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ سَبۡعٞ شِدَادٞ يَأۡكُلۡنَ مَا قَدَّمۡتُمۡ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّا تُحۡصِنُونَ


شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر

---

### الآية 12:49

> ﻿ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَامٌ فِيهِ يُغَاثُ النَّاسُ وَفِيهِ يَعْصِرُونَ [12:49]

ثُمَّ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ عَامٞ فِيهِ يُغَاثُ ٱلنَّاسُ وَفِيهِ يَعۡصِرُونَ


شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»

---

### الآية 12:50

> ﻿وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَىٰ رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللَّاتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ ۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيْدِهِنَّ عَلِيمٌ [12:50]

وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦۖ فَلَمَّا جَآءَهُ ٱلرَّسُولُ قَالَ ٱرۡجِعۡ إِلَىٰ رَبِّكَ فَسۡـَٔلۡهُ مَا بَالُ ٱلنِّسۡوَةِ ٱلَّـٰتِي قَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيۡدِهِنَّ عَلِيمٞ


(ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۇسۇفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ: ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. (پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۇسۇفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۇسۇف ئەلچىگە: **«خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى، (بىلەمدۇ؟) سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ»** دېدى

---

### الآية 12:51

> ﻿قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَاوَدْتُنَّ يُوسُفَ عَنْ نَفْسِهِ ۚ قُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِنْ سُوءٍ ۚ قَالَتِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ الْآنَ حَصْحَصَ الْحَقُّ أَنَا رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ [12:51]

قَالَ مَا خَطۡبُكُنَّ إِذۡ رَٰوَدتُّنَّ يُوسُفَ عَن نَّفۡسِهِۦۚ قُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا عَلِمۡنَا عَلَيۡهِ مِن سُوٓءٖۚ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡـَٰٔنَ حَصۡحَصَ ٱلۡحَقُّ أَنَا۠ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ


پادىشاھ ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ): **«سىلەر يۇسۇفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟) دېدى. ئۇلار: «اﷲ پاكتۇر؛ يۇسۇفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز»** دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: **«ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۇسۇف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى»** دېدى

---

### الآية 12:52

> ﻿ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ [12:52]

ذَٰلِكَ لِيَعۡلَمَ أَنِّي لَمۡ أَخُنۡهُ بِٱلۡغَيۡبِ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي كَيۡدَ ٱلۡخَآئِنِينَ


(يۇسۇف ئېيتتى) **«بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى اﷲ نىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر»**

---

### الآية 12:53

> ﻿۞ وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ [12:53]

۞وَمَآ أُبَرِّئُ نَفۡسِيٓۚ إِنَّ ٱلنَّفۡسَ لَأَمَّارَةُۢ بِٱلسُّوٓءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّيٓۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ


**«مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»**

---

### الآية 12:54

> ﻿وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ [12:54]

وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦٓ أَسۡتَخۡلِصۡهُ لِنَفۡسِيۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُۥ قَالَ إِنَّكَ ٱلۡيَوۡمَ لَدَيۡنَا مَكِينٌ أَمِينٞ


پادىشاھ: **«يۇسۇفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن»** دېدى. يۇسۇف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: **«سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن»** دېدى

---

### الآية 12:55

> ﻿قَالَ اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ [12:55]

قَالَ ٱجۡعَلۡنِي عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلۡأَرۡضِۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٞ


يۇسۇف: **«مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن»** دېدى

---

### الآية 12:56

> ﻿وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ [12:56]

وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَتَبَوَّأُ مِنۡهَا حَيۡثُ يَشَآءُۚ نُصِيبُ بِرَحۡمَتِنَا مَن نَّشَآءُۖ وَلَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ


بىز يۇسۇفنى (مىسىر زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز

---

### الآية 12:57

> ﻿وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ [12:57]

وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ


ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر

---

### الآية 12:58

> ﻿وَجَاءَ إِخْوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُوا عَلَيْهِ فَعَرَفَهُمْ وَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ [12:58]

وَجَآءَ إِخۡوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَعَرَفَهُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ


يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىردى. يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۇسۇفنى تونۇمىدى

---

### الآية 12:59

> ﻿وَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ قَالَ ائْتُونِي بِأَخٍ لَكُمْ مِنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّي أُوفِي الْكَيْلَ وَأَنَا خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ [12:59]

وَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ قَالَ ٱئۡتُونِي بِأَخٖ لَّكُم مِّنۡ أَبِيكُمۡۚ أَلَا تَرَوۡنَ أَنِّيٓ أُوفِي ٱلۡكَيۡلَ وَأَنَا۠ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ


يۇسۇف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟

---

### الآية 12:60

> ﻿فَإِنْ لَمْ تَأْتُونِي بِهِ فَلَا كَيْلَ لَكُمْ عِنْدِي وَلَا تَقْرَبُونِ [12:60]

فَإِن لَّمۡ تَأۡتُونِي بِهِۦ فَلَا كَيۡلَ لَكُمۡ عِندِي وَلَا تَقۡرَبُونِ


ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار»

---

### الآية 12:61

> ﻿قَالُوا سَنُرَاوِدُ عَنْهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَاعِلُونَ [12:61]

قَالُواْ سَنُرَٰوِدُ عَنۡهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَٰعِلُونَ


ئۇلار: **«بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز»** دېدى

---

### الآية 12:62

> ﻿وَقَالَ لِفِتْيَانِهِ اجْعَلُوا بِضَاعَتَهُمْ فِي رِحَالِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَعْرِفُونَهَا إِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ [12:62]

وَقَالَ لِفِتۡيَٰنِهِ ٱجۡعَلُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ فِي رِحَالِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَعۡرِفُونَهَآ إِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ


يۇسۇف خىزمەتچىلىرىگە: **«ئۇلارنىڭ (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال - مۈلۈكلىرىنى يۈك - تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن»** دېدى

---

### الآية 12:63

> ﻿فَلَمَّا رَجَعُوا إِلَىٰ أَبِيهِمْ قَالُوا يَا أَبَانَا مُنِعَ مِنَّا الْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَا أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ [12:63]

فَلَمَّا رَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيهِمۡ قَالُواْ يَـٰٓأَبَانَا مُنِعَ مِنَّا ٱلۡكَيۡلُ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَآ أَخَانَا نَكۡتَلۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ


ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: **«ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ پادىشاھى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز»** دېدى

---

### الآية 12:64

> ﻿قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ [12:64]

قَالَ هَلۡ ءَامَنُكُمۡ عَلَيۡهِ إِلَّا كَمَآ أَمِنتُكُمۡ عَلَىٰٓ أَخِيهِ مِن قَبۡلُ فَٱللَّهُ خَيۡرٌ حَٰفِظٗاۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّـٰحِمِينَ


(يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: **«ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۇسۇف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغلا ئىشەنمەيمەن) اﷲ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»**

---

### الآية 12:65

> ﻿وَلَمَّا فَتَحُوا مَتَاعَهُمْ وَجَدُوا بِضَاعَتَهُمْ رُدَّتْ إِلَيْهِمْ ۖ قَالُوا يَا أَبَانَا مَا نَبْغِي ۖ هَٰذِهِ بِضَاعَتُنَا رُدَّتْ إِلَيْنَا ۖ وَنَمِيرُ أَهْلَنَا وَنَحْفَظُ أَخَانَا وَنَزْدَادُ كَيْلَ بَعِيرٍ ۖ ذَٰلِكَ كَيْلٌ يَسِيرٌ [12:65]

وَلَمَّا فَتَحُواْ مَتَٰعَهُمۡ وَجَدُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ رُدَّتۡ إِلَيۡهِمۡۖ قَالُواْ يَـٰٓأَبَانَا مَا نَبۡغِيۖ هَٰذِهِۦ بِضَٰعَتُنَا رُدَّتۡ إِلَيۡنَاۖ وَنَمِيرُ أَهۡلَنَا وَنَحۡفَظُ أَخَانَا وَنَزۡدَادُ كَيۡلَ بَعِيرٖۖ ذَٰلِكَ كَيۡلٞ يَسِيرٞ


ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: **«ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال - مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقىنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ (يەنى بىر تۆگە ئاشلىق پادىشاھ ئۈچۈن) ئازغىنا ئاشلىقتۇر»** دېدى

---

### الآية 12:66

> ﻿قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ لَتَأْتُنَّنِي بِهِ إِلَّا أَنْ يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّا آتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ اللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ [12:66]

قَالَ لَنۡ أُرۡسِلَهُۥ مَعَكُمۡ حَتَّىٰ تُؤۡتُونِ مَوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ لَتَأۡتُنَّنِي بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يُحَاطَ بِكُمۡۖ فَلَمَّآ ءَاتَوۡهُ مَوۡثِقَهُمۡ قَالَ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٞ


يەئقۇب ئېيتتى: **«بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن»**. ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: **«بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە اﷲ گۇۋاھتۇر»** دېدى

---

### الآية 12:67

> ﻿وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ [12:67]

وَقَالَ يَٰبَنِيَّ لَا تَدۡخُلُواْ مِنۢ بَابٖ وَٰحِدٖ وَٱدۡخُلُواْ مِنۡ أَبۡوَٰبٖ مُّتَفَرِّقَةٖۖ وَمَآ أُغۡنِي عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍۖ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَعَلَيۡهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ


(ئۇ يەنە) **«ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. اﷲ نىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت اﷲ غىلا خاس، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار اﷲ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!»** دېدى

---

### الآية 12:68

> ﻿وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا ۚ وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ [12:68]

وَلَمَّا دَخَلُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَهُمۡ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغۡنِي عَنۡهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍ إِلَّا حَاجَةٗ فِي نَفۡسِ يَعۡقُوبَ قَضَىٰهَاۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلۡمٖ لِّمَا عَلَّمۡنَٰهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ


ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، (بۇ) اﷲ نىڭ قازاسى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ (كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (تەقدىرنىڭ سىرىنى) بىلمەيدۇ

---

### الآية 12:69

> ﻿وَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَخَاهُ ۖ قَالَ إِنِّي أَنَا أَخُوكَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ [12:69]

وَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَخَاهُۖ قَالَ إِنِّيٓ أَنَا۠ أَخُوكَ فَلَا تَبۡتَئِسۡ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ


ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ بالىلىرى) يۇسۇفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: **«مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن»** دېدى

---

### الآية 12:70

> ﻿فَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ السِّقَايَةَ فِي رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا الْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَارِقُونَ [12:70]

فَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ جَعَلَ ٱلسِّقَايَةَ فِي رَحۡلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا ٱلۡعِيرُ إِنَّكُمۡ لَسَٰرِقُونَ


يۇسۇف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: **«ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر»** دەپ توۋلىدى.

---

### الآية 12:71

> ﻿قَالُوا وَأَقْبَلُوا عَلَيْهِمْ مَاذَا تَفْقِدُونَ [12:71]

قَالُواْ وَأَقۡبَلُواْ عَلَيۡهِم مَّاذَا تَفۡقِدُونَ


(كارۋاندىكىلەر) ئۇلارغا قاراپ: **«نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار»** دېدى

---

### الآية 12:72

> ﻿قَالُوا نَفْقِدُ صُوَاعَ الْمَلِكِ وَلِمَنْ جَاءَ بِهِ حِمْلُ بَعِيرٍ وَأَنَا بِهِ زَعِيمٌ [12:72]

قَالُواْ نَفۡقِدُ صُوَاعَ ٱلۡمَلِكِ وَلِمَن جَآءَ بِهِۦ حِمۡلُ بَعِيرٖ وَأَنَا۠ بِهِۦ زَعِيمٞ


ئۇلار: **«پادىشاھنىڭ (تامغىسى بېسىلغان) قەدەھنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە (مۇكاپات ئۈچۈن) بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل»** دېدى

---

### الآية 12:73

> ﻿قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُمْ مَا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَارِقِينَ [12:73]

قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ عَلِمۡتُم مَّا جِئۡنَا لِنُفۡسِدَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كُنَّا سَٰرِقِينَ


ئۇلار: اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى

---

### الآية 12:74

> ﻿قَالُوا فَمَا جَزَاؤُهُ إِنْ كُنْتُمْ كَاذِبِينَ [12:74]

قَالُواْ فَمَا جَزَـٰٓؤُهُۥٓ إِن كُنتُمۡ كَٰذِبِينَ


ئۇلار (يەنى يۇسۇفنىڭ خىزمەتچىلىرى): «سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟ (ئەگەر قەدەھ يۈكۈڭلاردىن چىقىپ قېلىپ) يالغانچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟) دېدى

---

### الآية 12:75

> ﻿قَالُوا جَزَاؤُهُ مَنْ وُجِدَ فِي رَحْلِهِ فَهُوَ جَزَاؤُهُ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ [12:75]

قَالُواْ جَزَـٰٓؤُهُۥ مَن وُجِدَ فِي رَحۡلِهِۦ فَهُوَ جَزَـٰٓؤُهُۥۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّـٰلِمِينَ


ئۇلار: **«ئۇنىڭ جازاسى قەدەھ بىلەن تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز»** دېدى

---

### الآية 12:76

> ﻿فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ [12:76]

فَبَدَأَ بِأَوۡعِيَتِهِمۡ قَبۡلَ وِعَآءِ أَخِيهِ ثُمَّ ٱسۡتَخۡرَجَهَا مِن وِعَآءِ أَخِيهِۚ كَذَٰلِكَ كِدۡنَا لِيُوسُفَۖ مَا كَانَ لِيَأۡخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ ٱلۡمَلِكِ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ وَفَوۡقَ كُلِّ ذِي عِلۡمٍ عَلِيمٞ


ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنى يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۇسۇفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۇسۇفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۇسۇف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتى، لېكىن اﷲ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۇسۇفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار

---

### الآية 12:77

> ﻿۞ قَالُوا إِنْ يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفْسِهِ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنْتُمْ شَرٌّ مَكَانًا ۖ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ [12:77]

۞قَالُوٓاْ إِن يَسۡرِقۡ فَقَدۡ سَرَقَ أَخٞ لَّهُۥ مِن قَبۡلُۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفۡسِهِۦ وَلَمۡ يُبۡدِهَا لَهُمۡۚ قَالَ أَنتُمۡ شَرّٞ مَّكَانٗاۖ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا تَصِفُونَ


ئۇلار: **«ئەگەر ئۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۇسۇفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان»** دېيىشتى. يۇسۇف (ئۇلارنىڭ) بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۇسۇف (ئىچىدە): **«سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ (يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسى توغرىسىدا) قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ»** دېدى

---

### الآية 12:78

> ﻿قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ إِنَّ لَهُ أَبًا شَيْخًا كَبِيرًا فَخُذْ أَحَدَنَا مَكَانَهُ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ [12:78]

قَالُواْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ إِنَّ لَهُۥٓ أَبٗا شَيۡخٗا كَبِيرٗا فَخُذۡ أَحَدَنَا مَكَانَهُۥٓۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ


ئۇلار: **«ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ (ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان) بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز»** دېدى

---

### الآية 12:79

> ﻿قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ أَنْ نَأْخُذَ إِلَّا مَنْ وَجَدْنَا مَتَاعَنَا عِنْدَهُ إِنَّا إِذًا لَظَالِمُونَ [12:79]

قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِ أَن نَّأۡخُذَ إِلَّا مَن وَجَدۡنَا مَتَٰعَنَا عِندَهُۥٓ إِنَّآ إِذٗا لَّظَٰلِمُونَ


يۇسۇف: **«خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز»** دېدى

---

### الآية 12:80

> ﻿فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ [12:80]

فَلَمَّا ٱسۡتَيۡـَٔسُواْ مِنۡهُ خَلَصُواْ نَجِيّٗاۖ قَالَ كَبِيرُهُمۡ أَلَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ أَبَاكُمۡ قَدۡ أَخَذَ عَلَيۡكُم مَّوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَمِن قَبۡلُ مَا فَرَّطتُمۡ فِي يُوسُفَۖ فَلَنۡ أَبۡرَحَ ٱلۡأَرۡضَ حَتَّىٰ يَأۡذَنَ لِيٓ أَبِيٓ أَوۡ يَحۡكُمَ ٱللَّهُ لِيۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ


ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۇسۇفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۇسۇف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى اﷲ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر

---

### الآية 12:81

> ﻿ارْجِعُوا إِلَىٰ أَبِيكُمْ فَقُولُوا يَا أَبَانَا إِنَّ ابْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَا إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَافِظِينَ [12:81]

ٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيكُمۡ فَقُولُواْ يَـٰٓأَبَانَآ إِنَّ ٱبۡنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدۡنَآ إِلَّا بِمَا عَلِمۡنَا وَمَا كُنَّا لِلۡغَيۡبِ حَٰفِظِينَ


سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق)

---

### الآية 12:82

> ﻿وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ [12:82]

وَسۡـَٔلِ ٱلۡقَرۡيَةَ ٱلَّتِي كُنَّا فِيهَا وَٱلۡعِيرَ ٱلَّتِيٓ أَقۡبَلۡنَا فِيهَاۖ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ


بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»

---

### الآية 12:83

> ﻿قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ [12:83]

قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٌۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَأۡتِيَنِي بِهِمۡ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ


يەئقۇب ئېيتتى: **«ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋرە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى اﷲ تىن تىلەيمەن. اﷲ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»**

---

### الآية 12:84

> ﻿وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ [12:84]

وَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَـٰٓأَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَٱبۡيَضَّتۡ عَيۡنَاهُ مِنَ ٱلۡحُزۡنِ فَهُوَ كَظِيمٞ


يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: **«ئىسىت يۇسۇف!»** دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى

---

### الآية 12:85

> ﻿قَالُوا تَاللَّهِ تَفْتَأُ تَذْكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوْ تَكُونَ مِنَ الْهَالِكِينَ [12:85]

قَالُواْ تَٱللَّهِ تَفۡتَؤُاْ تَذۡكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوۡ تَكُونَ مِنَ ٱلۡهَٰلِكِينَ


ئۇلار: **«اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۇسۇفنى ياد ئېتىۋېرىپ (ھەسرەتتىن) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ»** دېدى

---

### الآية 12:86

> ﻿قَالَ إِنَّمَا أَشْكُو بَثِّي وَحُزْنِي إِلَى اللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ [12:86]

قَالَ إِنَّمَآ أَشۡكُواْ بَثِّي وَحُزۡنِيٓ إِلَى ٱللَّهِ وَأَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ


يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ - ھەسرىتىمنى پەقەت اﷲ غىلا ئېيتىمەن، اﷲ نىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن

---

### الآية 12:87

> ﻿يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ [12:87]

يَٰبَنِيَّ ٱذۡهَبُواْ فَتَحَسَّسُواْ مِن يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَاْيۡـَٔسُواْ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ لَا يَاْيۡـَٔسُ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ


ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»

---

### الآية 12:88

> ﻿فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ [12:88]

فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَيۡهِ قَالُواْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهۡلَنَا ٱلضُّرُّ وَجِئۡنَا بِبِضَٰعَةٖ مُّزۡجَىٰةٖ فَأَوۡفِ لَنَا ٱلۡكَيۡلَ وَتَصَدَّقۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَجۡزِي ٱلۡمُتَصَدِّقِينَ


ئۇلار يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: **«ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، اﷲ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ»** دېدى

---

### الآية 12:89

> ﻿قَالَ هَلْ عَلِمْتُمْ مَا فَعَلْتُمْ بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذْ أَنْتُمْ جَاهِلُونَ [12:89]

قَالَ هَلۡ عَلِمۡتُم مَّا فَعَلۡتُم بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذۡ أَنتُمۡ جَٰهِلُونَ


يۇسۇف: **«سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەر قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟»** دېدى

---

### الآية 12:90

> ﻿قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ [12:90]

قَالُوٓاْ أَءِنَّكَ لَأَنتَ يُوسُفُۖ قَالَ أَنَا۠ يُوسُفُ وَهَٰذَآ أَخِيۖ قَدۡ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَآۖ إِنَّهُۥ مَن يَتَّقِ وَيَصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ


ئۇلار: **«سەن راستلا يۇسۇفمۇ؟»** دېدى. ئۇ: **«مەن يۇسۇف بۇ مېنىڭ ئىنىم. اﷲ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋرى قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى اﷲ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»** دېدى

---

### الآية 12:91

> ﻿قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ آثَرَكَ اللَّهُ عَلَيْنَا وَإِنْ كُنَّا لَخَاطِئِينَ [12:91]

قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ ءَاثَرَكَ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَإِن كُنَّا لَخَٰطِـِٔينَ


ئۇلار **«اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، اﷲ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق»** دېيىشتى

---

### الآية 12:92

> ﻿قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ [12:92]

قَالَ لَا تَثۡرِيبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَۖ يَغۡفِرُ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّـٰحِمِينَ


يۇسۇف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، اﷲ سىلەرنى كەچۈرسۇن، اﷲ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر

---

### الآية 12:93

> ﻿اذْهَبُوا بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلْقُوهُ عَلَىٰ وَجْهِ أَبِي يَأْتِ بَصِيرًا وَأْتُونِي بِأَهْلِكُمْ أَجْمَعِينَ [12:93]

ٱذۡهَبُواْ بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلۡقُوهُ عَلَىٰ وَجۡهِ أَبِي يَأۡتِ بَصِيرٗا وَأۡتُونِي بِأَهۡلِكُمۡ أَجۡمَعِينَ


سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىنى ئىلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى

---

### الآية 12:94

> ﻿وَلَمَّا فَصَلَتِ الْعِيرُ قَالَ أَبُوهُمْ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَ ۖ لَوْلَا أَنْ تُفَنِّدُونِ [12:94]

وَلَمَّا فَصَلَتِ ٱلۡعِيرُ قَالَ أَبُوهُمۡ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَۖ لَوۡلَآ أَن تُفَنِّدُونِ


كارۋان (مىسىردىن شانغا قاراپ) قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): **«مەن چوقۇم يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار (يۇسۇفنى ئەلۋەتتە ھايات دەيتتىم)»** دېدى

---

### الآية 12:95

> ﻿قَالُوا تَاللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَالِكَ الْقَدِيمِ [12:95]

قَالُواْ تَٱللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَٰلِكَ ٱلۡقَدِيمِ


ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): **«اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن»** دېدى

---

### الآية 12:96

> ﻿فَلَمَّا أَنْ جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ [12:96]

فَلَمَّآ أَن جَآءَ ٱلۡبَشِيرُ أَلۡقَىٰهُ عَلَىٰ وَجۡهِهِۦ فَٱرۡتَدَّ بَصِيرٗاۖ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ


خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: **«مەن سىلەرگە، اﷲ نىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم»** دېدى

---

### الآية 12:97

> ﻿قَالُوا يَا أَبَانَا اسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا إِنَّا كُنَّا خَاطِئِينَ [12:97]

قَالُواْ يَـٰٓأَبَانَا ٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَآ إِنَّا كُنَّا خَٰطِـِٔينَ


ئۇلار: **«ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق»** دېيىشتى

---

### الآية 12:98

> ﻿قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ [12:98]

قَالَ سَوۡفَ أَسۡتَغۡفِرُ لَكُمۡ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ


يەئقۇب: **«پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. اﷲ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر»** دېدى

---

### الآية 12:99

> ﻿فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَبَوَيْهِ وَقَالَ ادْخُلُوا مِصْرَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ [12:99]

فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَبَوَيۡهِ وَقَالَ ٱدۡخُلُواْ مِصۡرَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ


ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: **«خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئاما - ئېسەن كىرىڭلار»** دېدى

---

### الآية 12:100

> ﻿وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ [12:100]

وَرَفَعَ أَبَوَيۡهِ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ وَخَرُّواْ لَهُۥ سُجَّدٗاۖ وَقَالَ يَـٰٓأَبَتِ هَٰذَا تَأۡوِيلُ رُءۡيَٰيَ مِن قَبۡلُ قَدۡ جَعَلَهَا رَبِّي حَقّٗاۖ وَقَدۡ أَحۡسَنَ بِيٓ إِذۡ أَخۡرَجَنِي مِنَ ٱلسِّجۡنِ وَجَآءَ بِكُم مِّنَ ٱلۡبَدۡوِ مِنۢ بَعۡدِ أَن نَّزَغَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بَيۡنِي وَبَيۡنَ إِخۡوَتِيٓۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٞ لِّمَا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ


ئاتا - ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۇسۇفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

---

### الآية 12:101

> ﻿۞ رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ [12:101]

۞رَبِّ قَدۡ ءَاتَيۡتَنِي مِنَ ٱلۡمُلۡكِ وَعَلَّمۡتَنِي مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ فَاطِرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ أَنتَ وَلِيِّۦ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ تَوَفَّنِي مُسۡلِمٗا وَأَلۡحِقۡنِي بِٱلصَّـٰلِحِينَ


پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى

---

### الآية 12:102

> ﻿ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوا أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ [12:102]

ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۖ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ أَجۡمَعُوٓاْ أَمۡرَهُمۡ وَهُمۡ يَمۡكُرُونَ


مانا بۇلار (يەنى يۇسۇف قىسسىسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ

---

### الآية 12:103

> ﻿وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ [12:103]

وَمَآ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ وَلَوۡ حَرَصۡتَ بِمُؤۡمِنِينَ


سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ

---

### الآية 12:104

> ﻿وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ [12:104]

وَمَا تَسۡـَٔلُهُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ


قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر

---

### الآية 12:105

> ﻿وَكَأَيِّنْ مِنْ آيَةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَمُرُّونَ عَلَيْهَا وَهُمْ عَنْهَا مُعْرِضُونَ [12:105]

وَكَأَيِّن مِّنۡ ءَايَةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ يَمُرُّونَ عَلَيۡهَا وَهُمۡ عَنۡهَا مُعۡرِضُونَ


ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلا ر ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ

---

### الآية 12:106

> ﻿وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُمْ بِاللَّهِ إِلَّا وَهُمْ مُشْرِكُونَ [12:106]

وَمَا يُؤۡمِنُ أَكۡثَرُهُم بِٱللَّهِ إِلَّا وَهُم مُّشۡرِكُونَ


ئۇلارنىڭ تولىسى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى اﷲ نى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ)

---

### الآية 12:107

> ﻿أَفَأَمِنُوا أَنْ تَأْتِيَهُمْ غَاشِيَةٌ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ [12:107]

أَفَأَمِنُوٓاْ أَن تَأۡتِيَهُمۡ غَٰشِيَةٞ مِّنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ أَوۡ تَأۡتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ


ئۇلار اﷲ نىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟

---

### الآية 12:108

> ﻿قُلْ هَٰذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي ۖ وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ [12:108]

قُلۡ هَٰذِهِۦ سَبِيلِيٓ أَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا۠ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِيۖ وَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ


ئېيتقىنكى، **«بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) اﷲ قا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. اﷲ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»**

---

### الآية 12:109

> ﻿وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ [12:109]

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰٓۗ أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۗ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ


بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر

---

### الآية 12:110

> ﻿حَتَّىٰ إِذَا اسْتَيْأَسَ الرُّسُلُ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا جَاءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّيَ مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ [12:110]

حَتَّىٰٓ إِذَا ٱسۡتَيۡـَٔسَ ٱلرُّسُلُ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ قَدۡ كُذِبُواْ جَآءَهُمۡ نَصۡرُنَا فَنُجِّيَ مَن نَّشَآءُۖ وَلَا يُرَدُّ بَأۡسُنَا عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ


ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ

---

### الآية 12:111

> ﻿لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ [12:111]

لَقَدۡ كَانَ فِي قَصَصِهِمۡ عِبۡرَةٞ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِۗ مَا كَانَ حَدِيثٗا يُفۡتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ


ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر

---

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/12.md)
- [كل تفاسير سورة يوسف
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/12.md)
- [ترجمات سورة يوسف
](https://quranpedia.net/translations/12.md)
- [صفحة الكتاب: Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation](https://quranpedia.net/book/13643.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/12/book/13643) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
