---
title: "ترجمة سورة مريم - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/19/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/19/book/1975"
surah_id: "19"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة مريم - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/19/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة مريم - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/19/book/1975*.

Translation of Surah مريم from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 19:1

> كهيعص [19:1]

كاف، ھا، يا، ئەين، ساد\[1\].

### الآية 19:2

> ﻿ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا [19:2]

بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر\[2\].

### الآية 19:3

> ﻿إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا [19:3]

ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى\[3\].

### الآية 19:4

> ﻿قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا [19:4]

ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق\[4\].

### الآية 19:5

> ﻿وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا [19:5]

مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن\[5\].

### الآية 19:6

> ﻿يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا [19:6]

ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»\[6\].

### الآية 19:7

> ﻿يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَلْ لَهُ مِنْ قَبْلُ سَمِيًّا [19:7]

(ئاللاھ ئېيتتىكى) **«ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»**\[7\].

### الآية 19:8

> ﻿قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا [19:8]

زەكەرىيا ئېيتتى: **«ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»**\[8\].

### الآية 19:9

> ﻿قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا [19:9]

(نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: **«ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»**\[9\].

### الآية 19:10

> ﻿قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا [19:10]

زەكەرىيا ئېيتتى: **«پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ»**. ئاللاھ ئېيتتى: **«سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»**\[10\].

### الآية 19:11

> ﻿فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا [19:11]

زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى\[11\].

### الآية 19:12

> ﻿يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا [19:12]

(يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) **«ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن»** (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق\[12\].

### الآية 19:13

> ﻿وَحَنَانًا مِنْ لَدُنَّا وَزَكَاةً ۖ وَكَانَ تَقِيًّا [19:13]

بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى\[13\].

### الآية 19:14

> ﻿وَبَرًّا بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُنْ جَبَّارًا عَصِيًّا [19:14]

ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى\[14\].

### الآية 19:15

> ﻿وَسَلَامٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّا [19:15]

ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ\[15\].

### الآية 19:16

> ﻿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا [19:16]

(ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى\[16\].

### الآية 19:17

> ﻿فَاتَّخَذَتْ مِنْ دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا [19:17]

ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى\[17\].

### الآية 19:18

> ﻿قَالَتْ إِنِّي أَعُوذُ بِالرَّحْمَٰنِ مِنْكَ إِنْ كُنْتَ تَقِيًّا [19:18]

مەريەم ئېيتتى: **«مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»**\[18\].

### الآية 19:19

> ﻿قَالَ إِنَّمَا أَنَا رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَامًا زَكِيًّا [19:19]

جىبرىئىل ئېيتتى: **«مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»**\[19\].

### الآية 19:20

> ﻿قَالَتْ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا [19:20]

مەريەم ئېيتتى: **«ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»**\[20\].

### الآية 19:21

> ﻿قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَقْضِيًّا [19:21]

جىبرىئىل ئېيتتى: **«ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»**\[21\].

### الآية 19:22

> ﻿۞ فَحَمَلَتْهُ فَانْتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا [19:22]

مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى\[22\].

### الآية 19:23

> ﻿فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا [19:23]

تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: **«كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»**\[23\].

### الآية 19:24

> ﻿فَنَادَاهَا مِنْ تَحْتِهَا أَلَّا تَحْزَنِي قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّا [19:24]

جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى\[24\].

### الآية 19:25

> ﻿وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا [19:25]

خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ\[25\].

### الآية 19:26

> ﻿فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنْسِيًّا [19:26]

(بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»\[26\].

### الآية 19:27

> ﻿فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا [19:27]

مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ\[27\].

### الآية 19:28

> ﻿يَا أُخْتَ هَارُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ امْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا [19:28]

ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»\[28\].

### الآية 19:29

> ﻿فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا كَيْفَ نُكَلِّمُ مَنْ كَانَ فِي الْمَهْدِ صَبِيًّا [19:29]

مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: **«بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز»** دېدى\[29\].

### الآية 19:30

> ﻿قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا [19:30]

بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)\[30\].

### الآية 19:31

> ﻿وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا [19:31]

قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى\[31\].

### الآية 19:32

> ﻿وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا [19:32]

مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى\[32\].

### الآية 19:33

> ﻿وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدْتُ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا [19:33]

مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»\[33\].

### الآية 19:34

> ﻿ذَٰلِكَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ الْحَقِّ الَّذِي فِيهِ يَمْتَرُونَ [19:34]

ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى\[34\].

### الآية 19:35

> ﻿مَا كَانَ لِلَّهِ أَنْ يَتَّخِذَ مِنْ وَلَدٍ ۖ سُبْحَانَهُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ [19:35]

«ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ\[35\].

### الآية 19:36

> ﻿وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ [19:36]

ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»\[36\].

### الآية 19:37

> ﻿فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ مَشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ [19:37]

ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي!\[37\]

### الآية 19:38

> ﻿أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ [19:38]

ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر\[38\].

### الآية 19:39

> ﻿وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ [19:39]

ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر\[39\].

### الآية 19:40

> ﻿إِنَّا نَحْنُ نَرِثُ الْأَرْضَ وَمَنْ عَلَيْهَا وَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ [19:40]

زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارچىگە چوقۇم بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ\[40\].

### الآية 19:41

> ﻿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا [19:41]

(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى\[41\].

### الآية 19:42

> ﻿إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنْكَ شَيْئًا [19:42]

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن\[42\].

### الآية 19:43

> ﻿يَا أَبَتِ إِنِّي قَدْ جَاءَنِي مِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا [19:43]

ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن\[43\].

### الآية 19:44

> ﻿يَا أَبَتِ لَا تَعْبُدِ الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ عَصِيًّا [19:44]

ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى\[44\].

### الآية 19:45

> ﻿يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا [19:45]

ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»\[45\].

### الآية 19:46

> ﻿قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا [19:46]

ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: **«ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»**\[46\].

### الآية 19:47

> ﻿قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا [19:47]

ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر\[47\].

### الآية 19:48

> ﻿وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا [19:48]

سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»\[48\].

### الآية 19:49

> ﻿فَلَمَّا اعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا [19:49]

ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق\[49\].

### الآية 19:50

> ﻿وَوَهَبْنَا لَهُمْ مِنْ رَحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّا [19:50]

ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق\[50\].

### الآية 19:51

> ﻿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا [19:51]

كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى\[51\].

### الآية 19:52

> ﻿وَنَادَيْنَاهُ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّا [19:52]

ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق\[52\].

### الآية 19:53

> ﻿وَوَهَبْنَا لَهُ مِنْ رَحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا [19:53]

ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق\[53\].

### الآية 19:54

> ﻿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا [19:54]

(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى\[54\].

### الآية 19:55

> ﻿وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا [19:55]

ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى\[55\].

### الآية 19:56

> ﻿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا [19:56]

كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى\[56\].

### الآية 19:57

> ﻿وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا [19:57]

ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق\[57\].

### الآية 19:58

> ﻿أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩ [19:58]

ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ\[58\].

### الآية 19:59

> ﻿۞ فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا [19:59]

ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ\[59\].

### الآية 19:60

> ﻿إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا [19:60]

تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ\[60\].

### الآية 19:61

> ﻿جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ عِبَادَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّهُ كَانَ وَعْدُهُ مَأْتِيًّا [19:61]

ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ\[61\].

### الآية 19:62

> ﻿لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَامًا ۖ وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةً وَعَشِيًّا [19:62]

ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ\[62\].

### الآية 19:63

> ﻿تِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِي نُورِثُ مِنْ عِبَادِنَا مَنْ كَانَ تَقِيًّا [19:63]

بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ\[63\].

### الآية 19:64

> ﻿وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا [19:64]

بىز (يەنى پەرىشتىلەر دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ\[64\].

### الآية 19:65

> ﻿رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا [19:65]

ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟\[65\].

### الآية 19:66

> ﻿وَيَقُولُ الْإِنْسَانُ أَإِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا [19:66]

ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): **«مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىم؟»** دەيدۇ\[66\].

### الآية 19:67

> ﻿أَوَلَا يَذْكُرُ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْئًا [19:67]

ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟\[67\].

### الآية 19:68

> ﻿فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَالشَّيَاطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا [19:68]

پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز\[68\].

### الآية 19:69

> ﻿ثُمَّ لَنَنْزِعَنَّ مِنْ كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى الرَّحْمَٰنِ عِتِيًّا [19:69]

ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز\[69\].

### الآية 19:70

> ﻿ثُمَّ لَنَحْنُ أَعْلَمُ بِالَّذِينَ هُمْ أَوْلَىٰ بِهَا صِلِيًّا [19:70]

ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز\[70\].

### الآية 19:71

> ﻿وَإِنْ مِنْكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَقْضِيًّا [19:71]

سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر\[71\].

### الآية 19:72

> ﻿ثُمَّ نُنَجِّي الَّذِينَ اتَّقَوْا وَنَذَرُ الظَّالِمِينَ فِيهَا جِثِيًّا [19:72]

ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز\[72\].

### الآية 19:73

> ﻿وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَيُّ الْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا [19:73]

ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: **«ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟»** دېدى\[73\].

### الآية 19:74

> ﻿وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا [19:74]

بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى\[74\].

### الآية 19:75

> ﻿قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا [19:75]

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، **«كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»**\[75\].

### الآية 19:76

> ﻿وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى ۗ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَرَدًّا [19:76]

ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر\[76\].

### الآية 19:77

> ﻿أَفَرَأَيْتَ الَّذِي كَفَرَ بِآيَاتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا [19:77]

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟\[77\]

### الآية 19:78

> ﻿أَطَّلَعَ الْغَيْبَ أَمِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا [19:78]

ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟\[78\]

### الآية 19:79

> ﻿كَلَّا ۚ سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُ مِنَ الْعَذَابِ مَدًّا [19:79]

ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز\[79\].

### الآية 19:80

> ﻿وَنَرِثُهُ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا [19:80]

ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ\[80\].

### الآية 19:81

> ﻿وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا [19:81]

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى ئىلاھلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى\[81\].

### الآية 19:82

> ﻿كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا [19:82]

ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ\[82\].

### الآية 19:83

> ﻿أَلَمْ تَرَ أَنَّا أَرْسَلْنَا الشَّيَاطِينَ عَلَى الْكَافِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا [19:83]

بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ\[83\].

### الآية 19:84

> ﻿فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا [19:84]

ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز\[84\].

### الآية 19:85

> ﻿يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَٰنِ وَفْدًا [19:85]

شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز\[85\].

### الآية 19:86

> ﻿وَنَسُوقُ الْمُجْرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرْدًا [19:86]

گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز\[86\].

### الآية 19:87

> ﻿لَا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا [19:87]

مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ\[87\].

### الآية 19:88

> ﻿وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَٰنُ وَلَدًا [19:88]

ئۇلار: **«ئاللاھنىڭ بالىسى بار»** دېيىشتى\[88\].

### الآية 19:89

> ﻿لَقَدْ جِئْتُمْ شَيْئًا إِدًّا [19:89]

سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار\[89\].

### الآية 19:90

> ﻿تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنْشَقُّ الْأَرْضُ وَتَخِرُّ الْجِبَالُ هَدًّا [19:90]

بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى\[90\].

### الآية 19:91

> ﻿أَنْ دَعَوْا لِلرَّحْمَٰنِ وَلَدًا [19:91]

بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى\[91\].

### الآية 19:92

> ﻿وَمَا يَنْبَغِي لِلرَّحْمَٰنِ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا [19:92]

بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر\[92\].

### الآية 19:93

> ﻿إِنْ كُلُّ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَٰنِ عَبْدًا [19:93]

ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر\[93\].

### الآية 19:94

> ﻿لَقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا [19:94]

شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى\[94\].

### الآية 19:95

> ﻿وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا [19:95]

قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ\[95\].

### الآية 19:96

> ﻿إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَٰنُ وُدًّا [19:96]

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ\[96\].

### الآية 19:97

> ﻿فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ الْمُتَّقِينَ وَتُنْذِرَ بِهِ قَوْمًا لُدًّا [19:97]

(ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق\[97\].

### الآية 19:98

> ﻿وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُمْ مِنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا [19:98]

ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)\[98\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/19.md)
- [كل تفاسير سورة مريم
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/19.md)
- [ترجمات سورة مريم
](https://quranpedia.net/translations/19.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/19/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
