---
title: "ترجمة سورة الأنبياء - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/21/book/13643.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/21/book/13643"
surah_id: "21"
book_id: "13643"
book_name: "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة الأنبياء - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/21/book/13643)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة الأنبياء - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/21/book/13643*.

Translation of Surah الأنبياء from "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation" in الأويغورية.

### الآية 21:1

> اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُعْرِضُونَ [21:1]

سۈرە ئەنبىيا
------------

---

ٱقۡتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمۡ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ مُّعۡرِضُونَ


كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر

---

### الآية 21:2

> ﻿مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ ذِكْرٍ مِنْ رَبِّهِمْ مُحْدَثٍ إِلَّا اسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ [21:2]

مَا يَأۡتِيهِم مِّن ذِكۡرٖ مِّن رَّبِّهِم مُّحۡدَثٍ إِلَّا ٱسۡتَمَعُوهُ وَهُمۡ يَلۡعَبُونَ


ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا) يېڭى ۋەز - نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ

---

### الآية 21:3

> ﻿لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ ۗ وَأَسَرُّوا النَّجْوَى الَّذِينَ ظَلَمُوا هَلْ هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ ۖ أَفَتَأْتُونَ السِّحْرَ وَأَنْتُمْ تُبْصِرُونَ [21:3]

لَاهِيَةٗ قُلُوبُهُمۡۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ هَلۡ هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡۖ أَفَتَأۡتُونَ ٱلسِّحۡرَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ


ئۇلارنىڭ دىللىرى (اﷲ نىڭ كالامىدىن) غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: **«بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش (ئاددىي) بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟»** دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ

---

### الآية 21:4

> ﻿قَالَ رَبِّي يَعْلَمُ الْقَوْلَ فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ [21:4]

قَالَ رَبِّي يَعۡلَمُ ٱلۡقَوۡلَ فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ


(پەيغەمبەر) ئېيتتى: **«پەرۋەردىگارىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇر، اﷲ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»**

---

### الآية 21:5

> ﻿بَلْ قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ بَلِ افْتَرَاهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِآيَةٍ كَمَا أُرْسِلَ الْأَوَّلُونَ [21:5]

بَلۡ قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمِۭ بَلِ ٱفۡتَرَىٰهُ بَلۡ هُوَ شَاعِرٞ فَلۡيَأۡتِنَا بِـَٔايَةٖ كَمَآ أُرۡسِلَ ٱلۡأَوَّلُونَ


(كاپىرلار قۇرئان سېھرىدۇر دەپلا قالماستىن) بەلكى ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى

---

### الآية 21:6

> ﻿مَا آمَنَتْ قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا ۖ أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ [21:6]

مَآ ءَامَنَتۡ قَبۡلَهُم مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآۖ أَفَهُمۡ يُؤۡمِنُونَ


ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىلەرنى كۆرسەتسەڭ) ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟

---

### الآية 21:7

> ﻿وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ ۖ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ [21:7]

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ


(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى - (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئىنسانلارنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن (يەنى تەۋرات، ئىنجىللارنى بىلىدىغانلاردىن) سوراڭلار

---

### الآية 21:8

> ﻿وَمَا جَعَلْنَاهُمْ جَسَدًا لَا يَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَمَا كَانُوا خَالِدِينَ [21:8]

وَمَا جَعَلۡنَٰهُمۡ جَسَدٗا لَّا يَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَمَا كَانُواْ خَٰلِدِينَ


پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق (يەنى ئۇلار بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ) ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ قالىدىغان بولغىنى يوق (يەنى ئۇلارمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاپات بولىدۇ)

---

### الآية 21:9

> ﻿ثُمَّ صَدَقْنَاهُمُ الْوَعْدَ فَأَنْجَيْنَاهُمْ وَمَنْ نَشَاءُ وَأَهْلَكْنَا الْمُسْرِفِينَ [21:9]

ثُمَّ صَدَقۡنَٰهُمُ ٱلۡوَعۡدَ فَأَنجَيۡنَٰهُمۡ وَمَن نَّشَآءُ وَأَهۡلَكۡنَا ٱلۡمُسۡرِفِينَ


ئاندىن ئۇلارغا (ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت ۋەدىمىزنى راست قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغانلارنى قۇتقۇزدۇق، (كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق

---

### الآية 21:10

> ﻿لَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ [21:10]

لَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ كِتَٰبٗا فِيهِ ذِكۡرُكُمۡۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ


سىلەرنىڭ شان - شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟

---

### الآية 21:11

> ﻿وَكَمْ قَصَمْنَا مِنْ قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنْشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا آخَرِينَ [21:11]

وَكَمۡ قَصَمۡنَا مِن قَرۡيَةٖ كَانَتۡ ظَالِمَةٗ وَأَنشَأۡنَا بَعۡدَهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ


بىز (ئاھالىسى) كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق

---

### الآية 21:12

> ﻿فَلَمَّا أَحَسُّوا بَأْسَنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَرْكُضُونَ [21:12]

فَلَمَّآ أَحَسُّواْ بَأۡسَنَآ إِذَا هُم مِّنۡهَا يَرۡكُضُونَ


ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ (كەلگەنلىكىنى) ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ

---

### الآية 21:13

> ﻿لَا تَرْكُضُوا وَارْجِعُوا إِلَىٰ مَا أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَاكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْأَلُونَ [21:13]

لَا تَرۡكُضُواْ وَٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰ مَآ أُتۡرِفۡتُمۡ فِيهِ وَمَسَٰكِنِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡـَٔلُونَ


(پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەسخىرە قىلىپ ئېيتتى) قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن»

---

### الآية 21:14

> ﻿قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ [21:14]

قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ


ئۇلار: **«ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق»** دېيىشتى

---

### الآية 21:15

> ﻿فَمَا زَالَتْ تِلْكَ دَعْوَاهُمْ حَتَّىٰ جَعَلْنَاهُمْ حَصِيدًا خَامِدِينَ [21:15]

فَمَا زَالَت تِّلۡكَ دَعۡوَىٰهُمۡ حَتَّىٰ جَعَلۡنَٰهُمۡ حَصِيدًا خَٰمِدِينَ


ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى

---

### الآية 21:16

> ﻿وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ [21:16]

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ


بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق)

---

### الآية 21:17

> ﻿لَوْ أَرَدْنَا أَنْ نَتَّخِذَ لَهْوًا لَاتَّخَذْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا إِنْ كُنَّا فَاعِلِينَ [21:17]

لَوۡ أَرَدۡنَآ أَن نَّتَّخِذَ لَهۡوٗا لَّٱتَّخَذۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّآ إِن كُنَّا فَٰعِلِينَ


ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق)

---

### الآية 21:18

> ﻿بَلْ نَقْذِفُ بِالْحَقِّ عَلَى الْبَاطِلِ فَيَدْمَغُهُ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ ۚ وَلَكُمُ الْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ [21:18]

بَلۡ نَقۡذِفُ بِٱلۡحَقِّ عَلَى ٱلۡبَٰطِلِ فَيَدۡمَغُهُۥ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٞۚ وَلَكُمُ ٱلۡوَيۡلُ مِمَّا تَصِفُونَ


بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، (ئى كۇففارلار جامائەسى! اﷲ نى بالىسى بار، خوتۇنى بار دەپ) سۈپەتلىگەن سۆزۈڭلاردىن سىلەرگە ۋاي!

---

### الآية 21:19

> ﻿وَلَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَنْ عِنْدَهُ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ [21:19]

وَلَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَنۡ عِندَهُۥ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَلَا يَسۡتَحۡسِرُونَ


ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ

---

### الآية 21:20

> ﻿يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ [21:20]

يُسَبِّحُونَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لَا يَفۡتُرُونَ


ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ

---

### الآية 21:21

> ﻿أَمِ اتَّخَذُوا آلِهَةً مِنَ الْأَرْضِ هُمْ يُنْشِرُونَ [21:21]

أَمِ ٱتَّخَذُوٓاْ ءَالِهَةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ هُمۡ يُنشِرُونَ


ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟

---

### الآية 21:22

> ﻿لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ [21:22]

لَوۡ كَانَ فِيهِمَآ ءَالِهَةٌ إِلَّا ٱللَّهُ لَفَسَدَتَاۚ فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ


ئەگەر ئاسمان - زېمىندا اﷲ تىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر

---

### الآية 21:23

> ﻿لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ [21:23]

لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ


اﷲ نىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ

---

### الآية 21:24

> ﻿أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً ۖ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ ۖ هَٰذَا ذِكْرُ مَنْ مَعِيَ وَذِكْرُ مَنْ قَبْلِي ۗ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ الْحَقَّ ۖ فَهُمْ مُعْرِضُونَ [21:24]

أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡۖ هَٰذَا ذِكۡرُ مَن مَّعِيَ وَذِكۡرُ مَن قَبۡلِيۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡحَقَّۖ فَهُم مُّعۡرِضُونَ


ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: **«(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى (يەنى قۇرئان) دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق) كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (تەۋھىد) تىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر»**

---

### الآية 21:25

> ﻿وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ [21:25]

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِيٓ إِلَيۡهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدُونِ


(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: **«مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار»** دەپ ۋەھيى قىلدۇق

---

### الآية 21:26

> ﻿وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَٰنُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۚ بَلْ عِبَادٌ مُكْرَمُونَ [21:26]

وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۚ بَلۡ عِبَادٞ مُّكۡرَمُونَ


ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): **«اﷲ نىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار»** دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. اﷲ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، (پەرىشتىلەر اﷲ نىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر

---

### الآية 21:27

> ﻿لَا يَسْبِقُونَهُ بِالْقَوْلِ وَهُمْ بِأَمْرِهِ يَعْمَلُونَ [21:27]

لَا يَسۡبِقُونَهُۥ بِٱلۡقَوۡلِ وَهُم بِأَمۡرِهِۦ يَعۡمَلُونَ


ئۇلار اﷲ قا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنىلمايدۇ، ئۇلار اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ

---

### الآية 21:28

> ﻿يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ وَهُمْ مِنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ [21:28]

يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يَشۡفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ٱرۡتَضَىٰ وَهُم مِّنۡ خَشۡيَتِهِۦ مُشۡفِقُونَ


اﷲ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار اﷲ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ

---

### الآية 21:29

> ﻿۞ وَمَنْ يَقُلْ مِنْهُمْ إِنِّي إِلَٰهٌ مِنْ دُونِهِ فَذَٰلِكَ نَجْزِيهِ جَهَنَّمَ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ [21:29]

۞وَمَن يَقُلۡ مِنۡهُمۡ إِنِّيٓ إِلَٰهٞ مِّن دُونِهِۦ فَذَٰلِكَ نَجۡزِيهِ جَهَنَّمَۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّـٰلِمِينَ


ئۇلاردىن كىمكى، مەن اﷲ تىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز

---

### الآية 21:30

> ﻿أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ [21:30]

أَوَلَمۡ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ كَانَتَا رَتۡقٗا فَفَتَقۡنَٰهُمَاۖ وَجَعَلۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ كُلَّ شَيۡءٍ حَيٍّۚ أَفَلَا يُؤۡمِنُونَ


كاپىرلار بىلەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر - بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشىنەمدۇ؟

---

### الآية 21:31

> ﻿وَجَعَلْنَا فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ [21:31]

وَجَعَلۡنَا فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِهِمۡ وَجَعَلۡنَا فِيهَا فِجَاجٗا سُبُلٗا لَّعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ


يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق

---

### الآية 21:32

> ﻿وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفًا مَحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ [21:32]

وَجَعَلۡنَا ٱلسَّمَآءَ سَقۡفٗا مَّحۡفُوظٗاۖ وَهُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهَا مُعۡرِضُونَ


ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر

---

### الآية 21:33

> ﻿وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ [21:33]

وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ


اﷲ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ

---

### الآية 21:34

> ﻿وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِنْ قَبْلِكَ الْخُلْدَ ۖ أَفَإِنْ مِتَّ فَهُمُ الْخَالِدُونَ [21:34]

وَمَا جَعَلۡنَا لِبَشَرٖ مِّن قَبۡلِكَ ٱلۡخُلۡدَۖ أَفَإِيْن مِّتَّ فَهُمُ ٱلۡخَٰلِدُونَ


(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەك، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ)

---

### الآية 21:35

> ﻿كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۗ وَنَبْلُوكُمْ بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً ۖ وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ [21:35]

كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَنَبۡلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ


ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)

---

### الآية 21:36

> ﻿وَإِذَا رَآكَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا الَّذِي يَذْكُرُ آلِهَتَكُمْ وَهُمْ بِذِكْرِ الرَّحْمَٰنِ هُمْ كَافِرُونَ [21:36]

وَإِذَا رَءَاكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي يَذۡكُرُ ءَالِهَتَكُمۡ وَهُم بِذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ هُمۡ كَٰفِرُونَ


كاپىرلار سىنى كۆرگەن چاغدا: **«سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟»** (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ

---

### الآية 21:37

> ﻿خُلِقَ الْإِنْسَانُ مِنْ عَجَلٍ ۚ سَأُرِيكُمْ آيَاتِي فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ [21:37]

خُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ مِنۡ عَجَلٖۚ سَأُوْرِيكُمۡ ءَايَٰتِي فَلَا تَسۡتَعۡجِلُونِ


ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالايدىغانلىقىمنى) كۆرسىتىمەن. (ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن) مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار

---

### الآية 21:38

> ﻿وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ [21:38]

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ


ئۇلار: **«(سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى بىزگە قىلىنغان ئازابنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى) قاچان؟»** دېيىشىدۇ

---

### الآية 21:39

> ﻿لَوْ يَعْلَمُ الَّذِينَ كَفَرُوا حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَنْ وُجُوهِهِمُ النَّارَ وَلَا عَنْ ظُهُورِهِمْ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ [21:39]

لَوۡ يَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَن وُجُوهِهِمُ ٱلنَّارَ وَلَا عَن ظُهُورِهِمۡ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ


ئەگەر كاپىرلار بۇ چاغدا يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلسە ئىدى (ئازابنى بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلمايتتى)

---

### الآية 21:40

> ﻿بَلْ تَأْتِيهِمْ بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ [21:40]

بَلۡ تَأۡتِيهِم بَغۡتَةٗ فَتَبۡهَتُهُمۡ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ


لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ - دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ

---

### الآية 21:41

> ﻿وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ [21:41]

وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُواْ مِنۡهُم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ


سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى

---

### الآية 21:42

> ﻿قُلْ مَنْ يَكْلَؤُكُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِمْ مُعْرِضُونَ [21:42]

قُلۡ مَن يَكۡلَؤُكُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ مِنَ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ بَلۡ هُمۡ عَن ذِكۡرِ رَبِّهِم مُّعۡرِضُونَ


(ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) **«سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟»** دېگىن بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر

---

### الآية 21:43

> ﻿أَمْ لَهُمْ آلِهَةٌ تَمْنَعُهُمْ مِنْ دُونِنَا ۚ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنْفُسِهِمْ وَلَا هُمْ مِنَّا يُصْحَبُونَ [21:43]

أَمۡ لَهُمۡ ءَالِهَةٞ تَمۡنَعُهُم مِّن دُونِنَاۚ لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَ أَنفُسِهِمۡ وَلَا هُم مِّنَّا يُصۡحَبُونَ


ئۇلاردىن بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى (قوغدايدىغان) مەبۇدلىرى بارمۇ ئۇلارنىڭ (چوقۇنۇۋاتقان) مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ

---

### الآية 21:44

> ﻿بَلْ مَتَّعْنَا هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۗ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ أَفَهُمُ الْغَالِبُونَ [21:44]

بَلۡ مَتَّعۡنَا هَـٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡعُمُرُۗ أَفَلَا يَرَوۡنَ أَنَّا نَأۡتِي ٱلۡأَرۡضَ نَنقُصُهَا مِنۡ أَطۡرَافِهَآۚ أَفَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ


بۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال - مۈلكىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا (شۇ نېمەت ئىچىدە) ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى (مۇسۇلمانلارغا ئىگەللىتىش بىلەن) قەدەممۇقەدەم تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلارمۇ بىلەمدۇ؟ (ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن) ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟ (مەغلۇپ ھېسابلىنامدۇ؟)

---

### الآية 21:45

> ﻿قُلْ إِنَّمَا أُنْذِرُكُمْ بِالْوَحْيِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ الصُّمُّ الدُّعَاءَ إِذَا مَا يُنْذَرُونَ [21:45]

قُلۡ إِنَّمَآ أُنذِرُكُم بِٱلۡوَحۡيِۚ وَلَا يَسۡمَعُ ٱلصُّمُّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ


(ئى مۇھەممەد!) **«مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن»** دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (ئى مۇشرىكلار! سىلەر سەركەشلىكىڭلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى گاسقا ئوخشاش دەۋەتنى ئاڭلىمايسىلەر، ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايسىلەر)

---

### الآية 21:46

> ﻿وَلَئِنْ مَسَّتْهُمْ نَفْحَةٌ مِنْ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ [21:46]

وَلَئِن مَّسَّتۡهُمۡ نَفۡحَةٞ مِّنۡ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ


ئەگەر ئۇلار پەرۋەردىگارىڭدىن ئازغىنا ئازاب يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: **«ۋاي ئىسىت! (اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ) ھەقىقەتەن (ئۆزىمىزگە) زۇلۇم قىلىپتۇق»** دەيدۇ

---

### الآية 21:47

> ﻿وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا ۖ وَإِنْ كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَاسِبِينَ [21:47]

وَنَضَعُ ٱلۡمَوَٰزِينَ ٱلۡقِسۡطَ لِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَلَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗاۖ وَإِن كَانَ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٍ أَتَيۡنَا بِهَاۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَٰسِبِينَ


قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز

---

### الآية 21:48

> ﻿وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَارُونَ الْفُرْقَانَ وَضِيَاءً وَذِكْرًا لِلْمُتَّقِينَ [21:48]

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ ٱلۡفُرۡقَانَ وَضِيَآءٗ وَذِكۡرٗا لِّلۡمُتَّقِينَ


بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز - نەسىھەتنى بەردۇق

---

### الآية 21:49

> ﻿الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَهُمْ مِنَ السَّاعَةِ مُشْفِقُونَ [21:49]

ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَهُم مِّنَ ٱلسَّاعَةِ مُشۡفِقُونَ


تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ (دەھشىتىدىن) تىترىگۈچىلەردۇر

---

### الآية 21:50

> ﻿وَهَٰذَا ذِكْرٌ مُبَارَكٌ أَنْزَلْنَاهُ ۚ أَفَأَنْتُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ [21:50]

وَهَٰذَا ذِكۡرٞ مُّبَارَكٌ أَنزَلۡنَٰهُۚ أَفَأَنتُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ


بۇ بىز (سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا) نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئاندۇر. (ئى ئەرەب جامائەسى! ئۇ شۇنچە روشەن تۇرسىمۇ) سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟

---

### الآية 21:51

> ﻿۞ وَلَقَدْ آتَيْنَا إِبْرَاهِيمَ رُشْدَهُ مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا بِهِ عَالِمِينَ [21:51]

۞وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ


(مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق

---

### الآية 21:52

> ﻿إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا هَٰذِهِ التَّمَاثِيلُ الَّتِي أَنْتُمْ لَهَا عَاكِفُونَ [21:52]

إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ


ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى

---

### الآية 21:53

> ﻿قَالُوا وَجَدْنَا آبَاءَنَا لَهَا عَابِدِينَ [21:53]

قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ


ئۇلار: **«ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز (يەنى ئۇلارغا ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا تەقلىد قىلىپ چوقۇنىمىز)»** دېدى

---

### الآية 21:54

> ﻿قَالَ لَقَدْ كُنْتُمْ أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ [21:54]

قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ


ئىبراھىم: **«سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ (پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر»** دېدى

---

### الآية 21:55

> ﻿قَالُوا أَجِئْتَنَا بِالْحَقِّ أَمْ أَنْتَ مِنَ اللَّاعِبِينَ [21:55]

قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا بِٱلۡحَقِّ أَمۡ أَنتَ مِنَ ٱللَّـٰعِبِينَ


ئۇلار: **«سەن راست دەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق دەۋاتامسەن؟»** دېدى

---

### الآية 21:56

> ﻿قَالَ بَلْ رَبُّكُمْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ [21:56]

قَالَ بَل رَّبُّكُمۡ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا۠ عَلَىٰ ذَٰلِكُم مِّنَ ٱلشَّـٰهِدِينَ


ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن

---

### الآية 21:57

> ﻿وَتَاللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَامَكُمْ بَعْدَ أَنْ تُوَلُّوا مُدْبِرِينَ [21:57]

وَتَٱللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصۡنَٰمَكُم بَعۡدَ أَن تُوَلُّواْ مُدۡبِرِينَ


اﷲ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن»

---

### الآية 21:58

> ﻿فَجَعَلَهُمْ جُذَاذًا إِلَّا كَبِيرًا لَهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ [21:58]

فَجَعَلَهُمۡ جُذَٰذًا إِلَّا كَبِيرٗا لَّهُمۡ لَعَلَّهُمۡ إِلَيۡهِ يَرۡجِعُونَ


ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى

---

### الآية 21:59

> ﻿قَالُوا مَنْ فَعَلَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا إِنَّهُ لَمِنَ الظَّالِمِينَ [21:59]

قَالُواْ مَن فَعَلَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَآ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ


(ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) **«بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن»** دېدى

---

### الآية 21:60

> ﻿قَالُوا سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُ إِبْرَاهِيمُ [21:60]

قَالُواْ سَمِعۡنَا فَتٗى يَذۡكُرُهُمۡ يُقَالُ لَهُۥٓ إِبۡرَٰهِيمُ


(ئۇلارنىڭ بەزىسى) ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى

---

### الآية 21:61

> ﻿قَالُوا فَأْتُوا بِهِ عَلَىٰ أَعْيُنِ النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ [21:61]

قَالُواْ فَأۡتُواْ بِهِۦ عَلَىٰٓ أَعۡيُنِ ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡهَدُونَ


ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): **«ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن»** دېدى)

---

### الآية 21:62

> ﻿قَالُوا أَأَنْتَ فَعَلْتَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ [21:62]

قَالُوٓاْ ءَأَنتَ فَعَلۡتَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَا يَـٰٓإِبۡرَٰهِيمُ


ئۇلار: **«ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟»** دېدى.

---

### الآية 21:63

> ﻿قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَٰذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِنْ كَانُوا يَنْطِقُونَ [21:63]

قَالَ بَلۡ فَعَلَهُۥ كَبِيرُهُمۡ هَٰذَا فَسۡـَٔلُوهُمۡ إِن كَانُواْ يَنطِقُونَ


(ئىبراھىم: **«(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!»** دېدى

---

### الآية 21:64

> ﻿فَرَجَعُوا إِلَىٰ أَنْفُسِهِمْ فَقَالُوا إِنَّكُمْ أَنْتُمُ الظَّالِمُونَ [21:64]

فَرَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ فَقَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ أَنتُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ


ئۇلار بىر - بىرىنى ئەيىبلەپ: **«(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر»** دېدى

---

### الآية 21:65

> ﻿ثُمَّ نُكِسُوا عَلَىٰ رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَٰؤُلَاءِ يَنْطِقُونَ [21:65]

ثُمَّ نُكِسُواْ عَلَىٰ رُءُوسِهِمۡ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَا هَـٰٓؤُلَآءِ يَنطِقُونَ


ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: **«ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟»** دېدى

---

### الآية 21:66

> ﻿قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ [21:66]

قَالَ أَفَتَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا يَضُرُّكُمۡ


ئىبراھىم ئېيتتى: **«سىلەر اﷲ نى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر»**

---

### الآية 21:67

> ﻿أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ [21:67]

أُفّٖ لَّكُمۡ وَلِمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ


سىلەرگە ۋە اﷲ نى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»

---

### الآية 21:68

> ﻿قَالُوا حَرِّقُوهُ وَانْصُرُوا آلِهَتَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ [21:68]

قَالُواْ حَرِّقُوهُ وَٱنصُرُوٓاْ ءَالِهَتَكُمۡ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ


ئۇلار ئېيتتى: **«ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»**

---

### الآية 21:69

> ﻿قُلْنَا يَا نَارُ كُونِي بَرْدًا وَسَلَامًا عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ [21:69]

قُلۡنَا يَٰنَارُ كُونِي بَرۡدٗا وَسَلَٰمًا عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ


بىز ئوتقا: **«ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن»** دېدۇق

---

### الآية 21:70

> ﻿وَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَخْسَرِينَ [21:70]

وَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَخۡسَرِينَ


ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچى قىلدۇق

---

### الآية 21:71

> ﻿وَنَجَّيْنَاهُ وَلُوطًا إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا لِلْعَالَمِينَ [21:71]

وَنَجَّيۡنَٰهُ وَلُوطًا إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا لِلۡعَٰلَمِينَ


بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى بىز ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك زېمىنغا كۆچۈردۇق

---

### الآية 21:72

> ﻿وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا صَالِحِينَ [21:72]

وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ نَافِلَةٗۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا صَٰلِحِينَ


بىز ئۇنىڭغا (يەنى ئىبراھىمغا) ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇ پەرۋەردىگارىدىن سورىمىسىمۇ) يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى نەۋرە قىلىپ ياكى ئىبراھى ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىدىن زىيادە قىلىپ بەردۇق)، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ئادەملەر قىلدۇق

---

### الآية 21:73

> ﻿وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ ۖ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ [21:73]

وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِمۡ فِعۡلَ ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَإِقَامَ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءَ ٱلزَّكَوٰةِۖ وَكَانُواْ لَنَا عَٰبِدِينَ


ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلىدۇ، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى

---

### الآية 21:74

> ﻿وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ تَعْمَلُ الْخَبَائِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ [21:74]

وَلُوطًا ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗا وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَت تَّعۡمَلُ ٱلۡخَبَـٰٓئِثَۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَٰسِقِينَ


لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنىڭ (ئائىلىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى

---

### الآية 21:75

> ﻿وَأَدْخَلْنَاهُ فِي رَحْمَتِنَا ۖ إِنَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ [21:75]

وَأَدۡخَلۡنَٰهُ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُۥ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ


بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى

---

### الآية 21:76

> ﻿وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِنْ قَبْلُ فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ [21:76]

وَنُوحًا إِذۡ نَادَىٰ مِن قَبۡلُ فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ


نۇھنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق)

---

### الآية 21:77

> ﻿وَنَصَرْنَاهُ مِنَ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ [21:77]

وَنَصَرۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ


بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ (بىرنىمۇ قويماي) ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق

---

### الآية 21:78

> ﻿وَدَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِي الْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ الْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَاهِدِينَ [21:78]

وَدَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ إِذۡ يَحۡكُمَانِ فِي ٱلۡحَرۡثِ إِذۡ نَفَشَتۡ فِيهِ غَنَمُ ٱلۡقَوۡمِ وَكُنَّا لِحُكۡمِهِمۡ شَٰهِدِينَ


داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق

---

### الآية 21:79

> ﻿فَفَهَّمْنَاهَا سُلَيْمَانَ ۚ وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُودَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَاعِلِينَ [21:79]

فَفَهَّمۡنَٰهَا سُلَيۡمَٰنَۚ وَكُلًّا ءَاتَيۡنَا حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَسَخَّرۡنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلۡجِبَالَ يُسَبِّحۡنَ وَٱلطَّيۡرَۚ وَكُنَّا فَٰعِلِينَ


قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، تەسبىھ ئېيتىشقا مۇسەخخەر قىلدۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق

---

### الآية 21:80

> ﻿وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَكُمْ لِتُحْصِنَكُمْ مِنْ بَأْسِكُمْ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ شَاكِرُونَ [21:80]

وَعَلَّمۡنَٰهُ صَنۡعَةَ لَبُوسٖ لَّكُمۡ لِتُحۡصِنَكُم مِّنۢ بَأۡسِكُمۡۖ فَهَلۡ أَنتُمۡ شَٰكِرُونَ


جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار)

---

### الآية 21:81

> ﻿وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ [21:81]

وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ عَاصِفَةٗ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦٓ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَاۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيۡءٍ عَٰلِمِينَ


سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز

---

### الآية 21:82

> ﻿وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَنْ يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ [21:82]

وَمِنَ ٱلشَّيَٰطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُۥ وَيَعۡمَلُونَ عَمَلٗا دُونَ ذَٰلِكَۖ وَكُنَّا لَهُمۡ حَٰفِظِينَ


سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە - مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق

---

### الآية 21:83

> ﻿۞ وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ [21:83]

۞وَأَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلضُّرُّ وَأَنتَ أَرۡحَمُ ٱلرَّـٰحِمِينَ


(ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: **«ھەقىقەتەن مېنى بال (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن»** دەپ دۇئا قىلدى

---

### الآية 21:84

> ﻿فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِنْ ضُرٍّ ۖ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَابِدِينَ [21:84]

فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَكَشَفۡنَا مَا بِهِۦ مِن ضُرّٖۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ أَهۡلَهُۥ وَمِثۡلَهُم مَّعَهُمۡ رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَا وَذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰبِدِينَ


ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق)

---

### الآية 21:85

> ﻿وَإِسْمَاعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّابِرِينَ [21:85]

وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِدۡرِيسَ وَذَا ٱلۡكِفۡلِۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّـٰبِرِينَ


ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسىسىنى باياق قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى)

---

### الآية 21:86

> ﻿وَأَدْخَلْنَاهُمْ فِي رَحْمَتِنَا ۖ إِنَّهُمْ مِنَ الصَّالِحِينَ [21:86]

وَأَدۡخَلۡنَٰهُمۡ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُم مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ


ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى

---

### الآية 21:87

> ﻿وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ [21:87]

وَذَا ٱلنُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَٰضِبٗا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقۡدِرَ عَلَيۡهِ فَنَادَىٰ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ أَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنتَ سُبۡحَٰنَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ


يۇنۇسنىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنى قارنىدا): **«(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم»** دەپ نىدا قىلدى

---

### الآية 21:88

> ﻿فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ ۚ وَكَذَٰلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ [21:88]

فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡغَمِّۚ وَكَذَٰلِكَ نُـۨجِي ٱلۡمُؤۡمِنِينَ


ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز

---

### الآية 21:89

> ﻿وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ [21:89]

وَزَكَرِيَّآ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥ رَبِّ لَا تَذَرۡنِي فَرۡدٗا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡوَٰرِثِينَ


زەكەرىيانىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: **«ئى پەرۋەردىگارىم! مىنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)»** دەپ نىدا قىلدى

---

### الآية 21:90

> ﻿فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ [21:90]

فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ وَوَهَبۡنَا لَهُۥ يَحۡيَىٰ وَأَصۡلَحۡنَا لَهُۥ زَوۡجَهُۥٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَيَدۡعُونَنَا رَغَبٗا وَرَهَبٗاۖ وَكَانُواْ لَنَا خَٰشِعِينَ


بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئۆزگەرتىپ بەردۇق (يەنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق). (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى

---

### الآية 21:91

> ﻿وَالَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِنْ رُوحِنَا وَجَعَلْنَاهَا وَابْنَهَا آيَةً لِلْعَالَمِينَ [21:91]

وَٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلۡنَٰهَا وَٱبۡنَهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ


نومۇسنى ساقلىغان ئايالنى (يەنى مەريەمنىڭ قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۇنىڭغا (يەنى كىيىمنىڭ ئىچىگە) بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى (يەنى ئىسا بىلەن مەريەمنى) ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق

---

### الآية 21:92

> ﻿إِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ [21:92]

إِنَّ هَٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَأَنَا۠ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُونِ


(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار

---

### الآية 21:93

> ﻿وَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ ۖ كُلٌّ إِلَيْنَا رَاجِعُونَ [21:93]

وَتَقَطَّعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡۖ كُلٌّ إِلَيۡنَا رَٰجِعُونَ


ئۇلار (دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ) پىرقە - پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر

---

### الآية 21:94

> ﻿فَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا كُفْرَانَ لِسَعْيِهِ وَإِنَّا لَهُ كَاتِبُونَ [21:94]

فَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا كُفۡرَانَ لِسَعۡيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَٰتِبُونَ


كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ (ساۋابى) زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى (يەنى نامە - ئەمالنى) چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز

---

### الآية 21:95

> ﻿وَحَرَامٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ [21:95]

وَحَرَٰمٌ عَلَىٰ قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآ أَنَّهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ


بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس

---

### الآية 21:96

> ﻿حَتَّىٰ إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُمْ مِنْ كُلِّ حَدَبٍ يَنْسِلُونَ [21:96]

حَتَّىٰٓ إِذَا فُتِحَتۡ يَأۡجُوجُ وَمَأۡجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٖ يَنسِلُونَ


يەجۇج - مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ

---

### الآية 21:97

> ﻿وَاقْتَرَبَ الْوَعْدُ الْحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَاخِصَةٌ أَبْصَارُ الَّذِينَ كَفَرُوا يَا وَيْلَنَا قَدْ كُنَّا فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا بَلْ كُنَّا ظَالِمِينَ [21:97]

وَٱقۡتَرَبَ ٱلۡوَعۡدُ ٱلۡحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَٰخِصَةٌ أَبۡصَٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَٰوَيۡلَنَا قَدۡ كُنَّا فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا بَلۡ كُنَّا ظَٰلِمِينَ


راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) **«ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قېلىپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىپتۇق»** (دېيىشىدۇ)

---

### الآية 21:98

> ﻿إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنْتُمْ لَهَا وَارِدُونَ [21:98]

إِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمۡ لَهَا وَٰرِدُونَ


(ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەتەن سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر

---

### الآية 21:99

> ﻿لَوْ كَانَ هَٰؤُلَاءِ آلِهَةً مَا وَرَدُوهَا ۖ وَكُلٌّ فِيهَا خَالِدُونَ [21:99]

لَوۡ كَانَ هَـٰٓؤُلَآءِ ءَالِهَةٗ مَّا وَرَدُوهَاۖ وَكُلّٞ فِيهَا خَٰلِدُونَ


ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

---

### الآية 21:100

> ﻿لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ [21:100]

لَهُمۡ فِيهَا زَفِيرٞ وَهُمۡ فِيهَا لَا يَسۡمَعُونَ


ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ

---

### الآية 21:101

> ﻿إِنَّ الَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُمْ مِنَّا الْحُسْنَىٰ أُولَٰئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ [21:101]

إِنَّ ٱلَّذِينَ سَبَقَتۡ لَهُم مِّنَّا ٱلۡحُسۡنَىٰٓ أُوْلَـٰٓئِكَ عَنۡهَا مُبۡعَدُونَ


بىز بىر تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت - سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت - ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ

---

### الآية 21:102

> ﻿لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا ۖ وَهُمْ فِي مَا اشْتَهَتْ أَنْفُسُهُمْ خَالِدُونَ [21:102]

لَا يَسۡمَعُونَ حَسِيسَهَاۖ وَهُمۡ فِي مَا ٱشۡتَهَتۡ أَنفُسُهُمۡ خَٰلِدُونَ


ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىڭ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ

---

### الآية 21:103

> ﻿لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَٰذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ [21:103]

لَا يَحۡزُنُهُمُ ٱلۡفَزَعُ ٱلۡأَكۡبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ هَٰذَا يَوۡمُكُمُ ٱلَّذِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ


چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: **«اﷲ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ»** (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ.

---

### الآية 21:104

> ﻿يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ ۚ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُعِيدُهُ ۚ وَعْدًا عَلَيْنَا ۚ إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ [21:104]

يَوۡمَ نَطۡوِي ٱلسَّمَآءَ كَطَيِّ ٱلسِّجِلِّ لِلۡكُتُبِۚ كَمَا بَدَأۡنَآ أَوَّلَ خَلۡقٖ نُّعِيدُهُۥۚ وَعۡدًا عَلَيۡنَآۚ إِنَّا كُنَّا فَٰعِلِينَ


ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.

---

### الآية 21:105

> ﻿وَلَقَدْ كَتَبْنَا فِي الزَّبُورِ مِنْ بَعْدِ الذِّكْرِ أَنَّ الْأَرْضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ الصَّالِحُونَ [21:105]

وَلَقَدۡ كَتَبۡنَا فِي ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعۡدِ ٱلذِّكۡرِ أَنَّ ٱلۡأَرۡضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ ٱلصَّـٰلِحُونَ


بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئەزەلدە) يازغاندىن كېيىن، (داۋۇدقا نازىل قىلىنغان) زەبۇردا زېمىنغا (يەنى جەننەت زېمىنغا) ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق

---

### الآية 21:106

> ﻿إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَاغًا لِقَوْمٍ عَابِدِينَ [21:106]

إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَٰغٗا لِّقَوۡمٍ عَٰبِدِينَ


بۇ (قۇرئان) دا اﷲ قا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن (خەۋەرلەر، ۋەز - نەسىھەتلەردىن) ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار

---

### الآية 21:107

> ﻿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ [21:107]

وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ


(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق

---

### الآية 21:108

> ﻿قُلْ إِنَّمَا يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ [21:108]

قُلۡ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ


(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) **«ماڭا ۋەھيى قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟»** دېگىن

---

### الآية 21:109

> ﻿فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنْتُكُمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۖ وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَمْ بَعِيدٌ مَا تُوعَدُونَ [21:109]

فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ ءَاذَنتُكُمۡ عَلَىٰ سَوَآءٖۖ وَإِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٞ مَّا تُوعَدُونَ


ئەگەر ئۇلار (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى ھېچ كىشىنى ئايرىماستىن) ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ئازاب) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن

---

### الآية 21:110

> ﻿إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ مِنَ الْقَوْلِ وَيَعْلَمُ مَا تَكْتُمُونَ [21:110]

إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡتُمُونَ


اﷲ ھەقىقەتەن ئاشكارا سۆزنىمۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ

---

### الآية 21:111

> ﻿وَإِنْ أَدْرِي لَعَلَّهُ فِتْنَةٌ لَكُمْ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ [21:111]

وَإِنۡ أَدۡرِي لَعَلَّهُۥ فِتۡنَةٞ لَّكُمۡ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ


بىلەمسەنكى، ئۇ (يەنى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ كېچىكىشى) سىلەر ئۈچۈن سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن»

---

### الآية 21:112

> ﻿قَالَ رَبِّ احْكُمْ بِالْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا الرَّحْمَٰنُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ [21:112]

قَٰلَ رَبِّ ٱحۡكُم بِٱلۡحَقِّۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ


(پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك اﷲ دۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى اﷲ تىن ياردەم تىلەيمەن

---

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/21.md)
- [كل تفاسير سورة الأنبياء
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/21.md)
- [ترجمات سورة الأنبياء
](https://quranpedia.net/translations/21.md)
- [صفحة الكتاب: Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation](https://quranpedia.net/book/13643.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/21/book/13643) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
