---
title: "ترجمة سورة الشعراء - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/26/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/26/book/1975"
surah_id: "26"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة الشعراء - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/26/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة الشعراء - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/26/book/1975*.

Translation of Surah الشعراء from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 26:1

> طسم [26:1]

تا، سىم، مىم\[1\].

### الآية 26:2

> ﻿تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْمُبِينِ [26:2]

بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر\[2\].

### الآية 26:3

> ﻿لَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ [26:3]

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن\[3\].

### الآية 26:4

> ﻿إِنْ نَشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ آيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ [26:4]

ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇق - تە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى\[4\].

### الآية 26:5

> ﻿وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ ذِكْرٍ مِنَ الرَّحْمَٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا عَنْهُ مُعْرِضِينَ [26:5]

ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ\[5\].

### الآية 26:6

> ﻿فَقَدْ كَذَّبُوا فَسَيَأْتِيهِمْ أَنْبَاءُ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ [26:6]

ئۇلار راستلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى (يەنى ئاقىۋىتى) ئۇلارغا كېلىدۇ\[6\].

### الآية 26:7

> ﻿أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الْأَرْضِ كَمْ أَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ [26:7]

ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق\[7\].

### الآية 26:8

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:8]

بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[8\].

### الآية 26:9

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:9]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[9\].

### الآية 26:10

> ﻿وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰ أَنِ ائْتِ الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ [26:10]

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن\[10\].

### الآية 26:11

> ﻿قَوْمَ فِرْعَوْنَ ۚ أَلَا يَتَّقُونَ [26:11]

(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟»\[11\].

### الآية 26:12

> ﻿قَالَ رَبِّ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ [26:12]

مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن\[12\].

### الآية 26:13

> ﻿وَيَضِيقُ صَدْرِي وَلَا يَنْطَلِقُ لِسَانِي فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَارُونَ [26:13]

(ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن\[13\].

### الآية 26:14

> ﻿وَلَهُمْ عَلَيَّ ذَنْبٌ فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ [26:14]

(ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»\[14\].

### الآية 26:15

> ﻿قَالَ كَلَّا ۖ فَاذْهَبَا بِآيَاتِنَا ۖ إِنَّا مَعَكُمْ مُسْتَمِعُونَ [26:15]

ئاللاھ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز\[15\].

### الآية 26:16

> ﻿فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَا إِنَّا رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:16]

سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز\[16\].

### الآية 26:17

> ﻿أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ [26:17]

ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»\[17\].

### الآية 26:18

> ﻿قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ [26:18]

(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى)، پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟\[18\].

### الآية 26:19

> ﻿وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ الَّتِي فَعَلْتَ وَأَنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ [26:19]

سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن»\[19\].

### الآية 26:20

> ﻿قَالَ فَعَلْتُهَا إِذًا وَأَنَا مِنَ الضَّالِّينَ [26:20]

مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم\[20\].

### الآية 26:21

> ﻿فَفَرَرْتُ مِنْكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكْمًا وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُرْسَلِينَ [26:21]

سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى\[21\].

### الآية 26:22

> ﻿وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنْ عَبَّدْتَ بَنِي إِسْرَائِيلَ [26:22]

سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر»\[

### الآية 26:23

> ﻿قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ الْعَالَمِينَ [26:23]

پىرئەۋن ئېيتتى: **«ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟»**\[23\].

### الآية 26:24

> ﻿قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ [26:24]

مۇسا ئېيتتى: **«ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»**\[24\].

### الآية 26:25

> ﻿قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُ أَلَا تَسْتَمِعُونَ [26:25]

پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: **«(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟»** دېدى\[25\].

### الآية 26:26

> ﻿قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ [26:26]

مۇسا ئېيتتى: **«(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»**\[26\].

### الآية 26:27

> ﻿قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ الَّذِي أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ [26:27]

پىرئەۋن ئېيتتى: **«سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر»**\[27\].

### الآية 26:28

> ﻿قَالَ رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ [26:28]

مۇسا ئېيتتى: **«(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»**\[28\].

### الآية 26:29

> ﻿قَالَ لَئِنِ اتَّخَذْتَ إِلَٰهًا غَيْرِي لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ الْمَسْجُونِينَ [26:29]

پىرئەۋن ئېيتتى: **«ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»**\[29\].

### الآية 26:30

> ﻿قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَيْءٍ مُبِينٍ [26:30]

مۇسا ئېيتتى: **«(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»**\[30\].

### الآية 26:31

> ﻿قَالَ فَأْتِ بِهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ [26:31]

پىرئەۋن ئېيتتى: **«ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن»**\[31\].

### الآية 26:32

> ﻿فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ [26:32]

مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى\[32\].

### الآية 26:33

> ﻿وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ [26:33]

مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى\[33\].

### الآية 26:34

> ﻿قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ [26:34]

پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: **«بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»**\[34ـ35\]

### الآية 26:35

> ﻿يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ [26:35]

پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: **«بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»**\[34ـ35\]

### الآية 26:36

> ﻿قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَابْعَثْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ [26:36]

ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن\[36\].

### الآية 26:37

> ﻿يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٍ [26:37]

ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن»\[37\].

### الآية 26:38

> ﻿فَجُمِعَ السَّحَرَةُ لِمِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ [26:38]

مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى\[38\].

### الآية 26:39

> ﻿وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلْ أَنْتُمْ مُجْتَمِعُونَ [26:39]

كىشىلەرگە: **«سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن»** دېيىلدى\[39 ـ 40\].

### الآية 26:40

> ﻿لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ السَّحَرَةَ إِنْ كَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ [26:40]

كىشىلەرگە: **«سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن»** دېيىلدى\[39 ـ 40\].

### الآية 26:41

> ﻿فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالُوا لِفِرْعَوْنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ [26:41]

سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: **«ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟»** دېدى\[41\].

### الآية 26:42

> ﻿قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ إِذًا لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ [26:42]

پىرئەۋن: **« ھەئە، ئۇ چاغدا (سىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر»** دېدى\[42\].

### الآية 26:43

> ﻿قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ [26:43]

مۇسا ئۇلارغا: **«تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!»** دېدى\[43\].

### الآية 26:44

> ﻿فَأَلْقَوْا حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ الْغَالِبُونَ [26:44]

ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى. ئۇلار: **«پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز»** دېدى\[44\].

### الآية 26:45

> ﻿فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ [26:45]

مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى\[45\].

### الآية 26:46

> ﻿فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ [26:46]

سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى\[46\].

### الآية 26:47

> ﻿قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ [26:47]

ئۇلار: **«ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق»** دېدى\[47ـ48\].

### الآية 26:48

> ﻿رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ [26:48]

ئۇلار: **«ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق»** دېدى\[47ـ48\].

### الآية 26:49

> ﻿قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ [26:49]

پىرئەۋن: **«مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن»** دېدى\[49\].

### الآية 26:50

> ﻿قَالُوا لَا ضَيْرَ ۖ إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ [26:50]

سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز،\[50\]

### الآية 26:51

> ﻿إِنَّا نَطْمَعُ أَنْ يَغْفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَايَانَا أَنْ كُنَّا أَوَّلَ الْمُؤْمِنِينَ [26:51]

بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى\[ـ 51\].

### الآية 26:52

> ﻿۞ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ [26:52]

بىز مۇساغا: **«كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)»** دەپ ۋەھىي قىلدۇق\[52\].

### الآية 26:53

> ﻿فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ [26:53]

پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى\[53\].

### الآية 26:54

> ﻿إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَشِرْذِمَةٌ قَلِيلُونَ [26:54]

(پىرئەۋن ئېيتتىكى:) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر\[54\].

### الآية 26:55

> ﻿وَإِنَّهُمْ لَنَا لَغَائِظُونَ [26:55]

ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى\[55\].

### الآية 26:56

> ﻿وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَاذِرُونَ [26:56]

بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز»\[56\].

### الآية 26:57

> ﻿فَأَخْرَجْنَاهُمْ مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ [26:57]

بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق\[57ـ58\].

### الآية 26:58

> ﻿وَكُنُوزٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ [26:58]

بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق\[57ـ58\].

### الآية 26:59

> ﻿كَذَٰلِكَ وَأَوْرَثْنَاهَا بَنِي إِسْرَائِيلَ [26:59]

شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق\[59\].

### الآية 26:60

> ﻿فَأَتْبَعُوهُمْ مُشْرِقِينَ [26:60]

ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى\[60\].

### الآية 26:61

> ﻿فَلَمَّا تَرَاءَى الْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَابُ مُوسَىٰ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ [26:61]

ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: **«ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى)بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى»** دېدى\[61\].

### الآية 26:62

> ﻿قَالَ كَلَّا ۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهْدِينِ [26:62]

مۇسا ئېيتتى: **«ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ»**\[62\].

### الآية 26:63

> ﻿فَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْبَحْرَ ۖ فَانْفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَالطَّوْدِ الْعَظِيمِ [26:63]

بىز مۇساغا: **«ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن»** دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى\[63\].

### الآية 26:64

> ﻿وَأَزْلَفْنَا ثَمَّ الْآخَرِينَ [26:64]

ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق)\[64\].

### الآية 26:65

> ﻿وَأَنْجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ أَجْمَعِينَ [26:65]

مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق\[65\].

### الآية 26:66

> ﻿ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ [26:66]

ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق\[66\].

### الآية 26:67

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:67]

بۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[67\].

### الآية 26:68

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:68]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[68\].

### الآية 26:69

> ﻿وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ إِبْرَاهِيمَ [26:69]

ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن\[69\].

### الآية 26:70

> ﻿إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا تَعْبُدُونَ [26:70]

ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: **«نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟»** دېدى(70\].

### الآية 26:71

> ﻿قَالُوا نَعْبُدُ أَصْنَامًا فَنَظَلُّ لَهَا عَاكِفِينَ [26:71]

ئۇلار: **«بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز»** دېيىشتى\[71\].

### الآية 26:72

> ﻿قَالَ هَلْ يَسْمَعُونَكُمْ إِذْ تَدْعُونَ [26:72]

ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى) ئاڭلامدۇ؟\[72\].

### الآية 26:73

> ﻿أَوْ يَنْفَعُونَكُمْ أَوْ يَضُرُّونَ [26:73]

يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ يا زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟»\[73\].

### الآية 26:74

> ﻿قَالُوا بَلْ وَجَدْنَا آبَاءَنَا كَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ [26:74]

ئۇلار ئېيتتى: **«ئۇنداق ئەمەس، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق»**\[74\].

### الآية 26:75

> ﻿قَالَ أَفَرَأَيْتُمْ مَا كُنْتُمْ تَعْبُدُونَ [26:75]

ئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭلار نېمە؟\[75\]

### الآية 26:76

> ﻿أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمُ الْأَقْدَمُونَ [26:76]

سىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە؟\[76\]

### الآية 26:77

> ﻿فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّ لِي إِلَّا رَبَّ الْعَالَمِينَ [26:77]

ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر)\[77\].

### الآية 26:78

> ﻿الَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهْدِينِ [26:78]

ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ\[78\].

### الآية 26:79

> ﻿وَالَّذِي هُوَ يُطْعِمُنِي وَيَسْقِينِ [26:79]

ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ\[79\].

### الآية 26:80

> ﻿وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ [26:80]

ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ\[80\].

### الآية 26:81

> ﻿وَالَّذِي يُمِيتُنِي ثُمَّ يُحْيِينِ [26:81]

ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ\[81\].

### الآية 26:82

> ﻿وَالَّذِي أَطْمَعُ أَنْ يَغْفِرَ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ [26:82]

قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن\[82\].

### الآية 26:83

> ﻿رَبِّ هَبْ لِي حُكْمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ [26:83]

پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن\[83\].

### الآية 26:84

> ﻿وَاجْعَلْ لِي لِسَانَ صِدْقٍ فِي الْآخِرِينَ [26:84]

كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن\[84\].

### الآية 26:85

> ﻿وَاجْعَلْنِي مِنْ وَرَثَةِ جَنَّةِ النَّعِيمِ [26:85]

مېنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن\[85\].

### الآية 26:86

> ﻿وَاغْفِرْ لِأَبِي إِنَّهُ كَانَ مِنَ الضَّالِّينَ [26:86]

ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى\[86\].

### الآية 26:87

> ﻿وَلَا تُخْزِنِي يَوْمَ يُبْعَثُونَ [26:87]

ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن\[87\].

### الآية 26:88

> ﻿يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ [26:88]

ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ\[88\].

### الآية 26:89

> ﻿إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ [26:89]

پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»\[89\].

### الآية 26:90

> ﻿وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ [26:90]

جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ\[90\].

### الآية 26:91

> ﻿وَبُرِّزَتِ الْجَحِيمُ لِلْغَاوِينَ [26:91]

دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ\[91\].

### الآية 26:92

> ﻿وَقِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْبُدُونَ [26:92]

ئۇلارغا: **«سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟»** دېيىلىدۇ\[92ـ93\].

### الآية 26:93

> ﻿مِنْ دُونِ اللَّهِ هَلْ يَنْصُرُونَكُمْ أَوْ يَنْتَصِرُونَ [26:93]

ئۇلارغا: **«سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟»** دېيىلىدۇ\[92ـ93\].

### الآية 26:94

> ﻿فَكُبْكِبُوا فِيهَا هُمْ وَالْغَاوُونَ [26:94]

بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ\[94ـ95\].

### الآية 26:95

> ﻿وَجُنُودُ إِبْلِيسَ أَجْمَعُونَ [26:95]

بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ\[94ـ95\].

### الآية 26:96

> ﻿قَالُوا وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ [26:96]

ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق\[96ـ97\].

### الآية 26:97

> ﻿تَاللَّهِ إِنْ كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ [26:97]

ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق\[96ـ97\].

### الآية 26:98

> ﻿إِذْ نُسَوِّيكُمْ بِرَبِّ الْعَالَمِينَ [26:98]

ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق\[98\].

### الآية 26:99

> ﻿وَمَا أَضَلَّنَا إِلَّا الْمُجْرِمُونَ [26:99]

بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى\[99\].

### الآية 26:100

> ﻿فَمَا لَنَا مِنْ شَافِعِينَ [26:100]

شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق\[100\].

### الآية 26:101

> ﻿وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍ [26:101]

ۋە يېقىن دوستمۇ يوق\[101\].

### الآية 26:102

> ﻿فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ [26:102]

ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق»\[102\].

### الآية 26:103

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:103]

شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسەسىدە) (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[103\].

### الآية 26:104

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:104]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[104\].

### الآية 26:105

> ﻿كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ [26:105]

نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى\[105\].

### الآية 26:106

> ﻿إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ [26:106]

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟\[106\].

### الآية 26:107

> ﻿إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ [26:107]

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن\[107\].

### الآية 26:108

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:108]

سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[108\].

### الآية 26:109

> ﻿وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:109]

تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن\[109\].

### الآية 26:110

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:110]

ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»\[110\].

### الآية 26:111

> ﻿۞ قَالُوا أَنُؤْمِنُ لَكَ وَاتَّبَعَكَ الْأَرْذَلُونَ [26:111]

ئۇلار: **«(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟»** دېدى\[111\].

### الآية 26:112

> ﻿قَالَ وَمَا عِلْمِي بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ [26:112]

نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن\[112\].

### الآية 26:113

> ﻿إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّي ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ [26:113]

ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان\[113\].

### الآية 26:114

> ﻿وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الْمُؤْمِنِينَ [26:114]

مەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن\[114\].

### الآية 26:115

> ﻿إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ [26:115]

مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»\[115\].

### الآية 26:116

> ﻿قَالُوا لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ يَا نُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمَرْجُومِينَ [26:116]

ئۇلار ئېيتتى: **«ئى نۇھ! ئەگەر سەن (پەيغەمبەرلىك دەۋىتىڭدىن) يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن»**\[116\].

### الآية 26:117

> ﻿قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِي كَذَّبُونِ [26:117]

نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى\[117\].

### الآية 26:118

> ﻿فَافْتَحْ بَيْنِي وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِي وَمَنْ مَعِيَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ [26:118]

مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن»\[118\].

### الآية 26:119

> ﻿فَأَنْجَيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ [26:119]

بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق\[119\].

### الآية 26:120

> ﻿ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ الْبَاقِينَ [26:120]

(ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق\[120\].

### الآية 26:121

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:121]

بۇنىڭدا (تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلار (يەنى كىشىلەر) نىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[121\].

### الآية 26:122

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:122]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[122\].

### الآية 26:123

> ﻿كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ [26:123]

ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى\[123\].

### الآية 26:124

> ﻿إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ [26:124]

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟\[124\].

### الآية 26:125

> ﻿إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ [26:125]

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن\[125\].

### الآية 26:126

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:126]

سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[126\].

### الآية 26:127

> ﻿وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:127]

تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن\[127\].

### الآية 26:128

> ﻿أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ آيَةً تَعْبَثُونَ [26:128]

سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر؟\[128\]

### الآية 26:129

> ﻿وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ [26:129]

(گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟\[129\]

### الآية 26:130

> ﻿وَإِذَا بَطَشْتُمْ بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ [26:130]

ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر\[130\].

### الآية 26:131

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:131]

سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[131\].

### الآية 26:132

> ﻿وَاتَّقُوا الَّذِي أَمَدَّكُمْ بِمَا تَعْلَمُونَ [26:132]

سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار\[132\].

### الآية 26:133

> ﻿أَمَدَّكُمْ بِأَنْعَامٍ وَبَنِينَ [26:133]

ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى\[133ـ134\].

### الآية 26:134

> ﻿وَجَنَّاتٍ وَعُيُونٍ [26:134]

ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى\[133ـ134\].

### الآية 26:135

> ﻿إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ [26:135]

مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»\[135\].

### الآية 26:136

> ﻿قَالُوا سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُنْ مِنَ الْوَاعِظِينَ [26:136]

ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش\[136\].

### الآية 26:137

> ﻿إِنْ هَٰذَا إِلَّا خُلُقُ الْأَوَّلِينَ [26:137]

بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت\[137\].

### الآية 26:138

> ﻿وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ [26:138]

بىز ھەرگىز جازالانمايمىز»\[138\].

### الآية 26:139

> ﻿فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَاهُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:139]

ئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[139\].

### الآية 26:140

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:140]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[140\].

### الآية 26:141

> ﻿كَذَّبَتْ ثَمُودُ الْمُرْسَلِينَ [26:141]

سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى\[141\].

### الآية 26:142

> ﻿إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ صَالِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ [26:142]

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟\[142\].

### الآية 26:143

> ﻿إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ [26:143]

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن\[143\].

### الآية 26:144

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:144]

سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[144\].

### الآية 26:145

> ﻿وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:145]

تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن\[145\].

### الآية 26:146

> ﻿أَتُتْرَكُونَ فِي مَا هَاهُنَا آمِنِينَ [26:146]

سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟)\[146ـ148\].

### الآية 26:147

> ﻿فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ [26:147]

سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟)\[146ـ148\].

### الآية 26:148

> ﻿وَزُرُوعٍ وَنَخْلٍ طَلْعُهَا هَضِيمٌ [26:148]

سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟)\[146ـ148\].

### الآية 26:149

> ﻿وَتَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا فَارِهِينَ [26:149]

ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟\[149\]

### الآية 26:150

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:150]

ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[150\].

### الآية 26:151

> ﻿وَلَا تُطِيعُوا أَمْرَ الْمُسْرِفِينَ [26:151]

زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»\[151ـ152\].

### الآية 26:152

> ﻿الَّذِينَ يُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ [26:152]

زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»\[151ـ152\].

### الآية 26:153

> ﻿قَالُوا إِنَّمَا أَنْتَ مِنَ الْمُسَحَّرِينَ [26:153]

ئۇلار ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن\[153\].

### الآية 26:154

> ﻿مَا أَنْتَ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا فَأْتِ بِآيَةٍ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ [26:154]

سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن»\[154\].

### الآية 26:155

> ﻿قَالَ هَٰذِهِ نَاقَةٌ لَهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَعْلُومٍ [26:155]

سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر\[155\].

### الآية 26:156

> ﻿وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍ [26:156]

ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر»\[156\].

### الآية 26:157

> ﻿فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا نَادِمِينَ [26:157]

ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى\[157\].

### الآية 26:158

> ﻿فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:158]

ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[158\].

### الآية 26:159

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:159]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[159\].

### الآية 26:160

> ﻿كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ الْمُرْسَلِينَ [26:160]

لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى\[160\].

### الآية 26:161

> ﻿إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ [26:161]

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟\[161\]

### الآية 26:162

> ﻿إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ [26:162]

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن\[162\].

### الآية 26:163

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:163]

سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[163\].

### الآية 26:164

> ﻿وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:164]

تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن\[164\].

### الآية 26:165

> ﻿أَتَأْتُونَ الذُّكْرَانَ مِنَ الْعَالَمِينَ [26:165]

سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»\[165ـ166\].

### الآية 26:166

> ﻿وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ [26:166]

سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»\[165ـ166\].

### الآية 26:167

> ﻿قَالُوا لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ يَا لُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمُخْرَجِينَ [26:167]

ئۇلار ئېيتتى: **«ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن»**\[167\].

### الآية 26:168

> ﻿قَالَ إِنِّي لِعَمَلِكُمْ مِنَ الْقَالِينَ [26:168]

لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن\[168\].

### الآية 26:169

> ﻿رَبِّ نَجِّنِي وَأَهْلِي مِمَّا يَعْمَلُونَ [26:169]

پەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن»\[169\].

### الآية 26:170

> ﻿فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ [26:170]

ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق\[170\].

### الآية 26:171

> ﻿إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ [26:171]

پەقەت موماينى (يەنى لۇتنىڭ ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ) ھالاك قىلدۇق\[171\].

### الآية 26:172

> ﻿ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ [26:172]

ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق\[172\].

### الآية 26:173

> ﻿وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِينَ [26:173]

ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!\[173\].

### الآية 26:174

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:174]

بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) بىر ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى\[174\].

### الآية 26:175

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:175]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[175\].

### الآية 26:176

> ﻿كَذَّبَ أَصْحَابُ الْأَيْكَةِ الْمُرْسَلِينَ [26:176]

ئەيكىلىقلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى\[176\].

### الآية 26:177

> ﻿إِذْ قَالَ لَهُمْ شُعَيْبٌ أَلَا تَتَّقُونَ [26:177]

ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟\[177\]

### الآية 26:178

> ﻿إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ [26:178]

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن\[178\].

### الآية 26:179

> ﻿فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ [26:179]

ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار\[179\].

### الآية 26:180

> ﻿وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:180]

تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن\[180\].

### الآية 26:181

> ﻿۞ أَوْفُوا الْكَيْلَ وَلَا تَكُونُوا مِنَ الْمُخْسِرِينَ [26:181]

ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بېرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار\[181\].

### الآية 26:182

> ﻿وَزِنُوا بِالْقِسْطَاسِ الْمُسْتَقِيمِ [26:182]

(نەرسىلەرنى) توغرا تارازىدا تارتىڭلار\[182\]،

### الآية 26:183

> ﻿وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ [26:183]

كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار\[183\].

### الآية 26:184

> ﻿وَاتَّقُوا الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالْجِبِلَّةَ الْأَوَّلِينَ [26:184]

سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار»\[184\].

### الآية 26:185

> ﻿قَالُوا إِنَّمَا أَنْتَ مِنَ الْمُسَحَّرِينَ [26:185]

ئۇلار ئېيتتى: «سەن سېھىر قىلىنغۇچىلاردىنسەن\[185\].

### الآية 26:186

> ﻿وَمَا أَنْتَ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَإِنْ نَظُنُّكَ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ [26:186]

سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش (ئاددى) ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمىز\[186\].

### الآية 26:187

> ﻿فَأَسْقِطْ عَلَيْنَا كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ [26:187]

ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگىن»\[187\].

### الآية 26:188

> ﻿قَالَ رَبِّي أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ [26:188]

شۇئەيب ئېيتتى: **«پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ»**\[188\].

### الآية 26:189

> ﻿فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ الظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ [26:189]

ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى\[189\].

### الآية 26:190

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ [26:190]

بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولمىدى\[190\].

### الآية 26:191

> ﻿وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ [26:191]

سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[191\].

### الآية 26:192

> ﻿وَإِنَّهُ لَتَنْزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ [26:192]

شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر\[192\].

### الآية 26:193

> ﻿نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ [26:193]

ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى\[193ـ194\].

### الآية 26:194

> ﻿عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنْذِرِينَ [26:194]

ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى\[193ـ194\].

### الآية 26:195

> ﻿بِلِسَانٍ عَرَبِيٍّ مُبِينٍ [26:195]

(قۇرئان) ئوچۇق ئەرەبى تىلدا (نازىل بولدى)\[195\].

### الآية 26:196

> ﻿وَإِنَّهُ لَفِي زُبُرِ الْأَوَّلِينَ [26:196]

ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرنىڭ) كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان\[196\].

### الآية 26:197

> ﻿أَوَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ آيَةً أَنْ يَعْلَمَهُ عُلَمَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ [26:197]

(ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟\[197\]

### الآية 26:198

> ﻿وَلَوْ نَزَّلْنَاهُ عَلَىٰ بَعْضِ الْأَعْجَمِينَ [26:198]

ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى\[198ـ199\].

### الآية 26:199

> ﻿فَقَرَأَهُ عَلَيْهِمْ مَا كَانُوا بِهِ مُؤْمِنِينَ [26:199]

ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى\[198ـ199\].

### الآية 26:200

> ﻿كَذَٰلِكَ سَلَكْنَاهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ [26:200]

شۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىشەنمەسلىكنى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت ـ بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى)\[200\].

### الآية 26:201

> ﻿لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ [26:201]

ئۇلار (ئاللاھنىڭ) قاتتىق ئازابىنى كۆرمىگۈچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ\[201\].

### الآية 26:202

> ﻿فَيَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ [26:202]

ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ (كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ\[202\].

### الآية 26:203

> ﻿فَيَقُولُوا هَلْ نَحْنُ مُنْظَرُونَ [26:203]

(ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: **«بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟»** دەيدۇ\[203\].

### الآية 26:204

> ﻿أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ [26:204]

ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟\[204\]

### الآية 26:205

> ﻿أَفَرَأَيْتَ إِنْ مَتَّعْنَاهُمْ سِنِينَ [26:205]

ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ\[205ـ207\].

### الآية 26:206

> ﻿ثُمَّ جَاءَهُمْ مَا كَانُوا يُوعَدُونَ [26:206]

ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ\[205ـ207\].

### الآية 26:207

> ﻿مَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يُمَتَّعُونَ [26:207]

ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ\[205ـ207\].

### الآية 26:208

> ﻿وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنْذِرُونَ [26:208]

قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگۈچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، \[208ـ\].

### الآية 26:209

> ﻿ذِكْرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَالِمِينَ [26:209]

(ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق\[209\].

### الآية 26:210

> ﻿وَمَا تَنَزَّلَتْ بِهِ الشَّيَاطِينُ [26:210]

قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق\[210\].

### الآية 26:211

> ﻿وَمَا يَنْبَغِي لَهُمْ وَمَا يَسْتَطِيعُونَ [26:211]

بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس. ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا) قادىر بولالمايدۇ\[211\].

### الآية 26:212

> ﻿إِنَّهُمْ عَنِ السَّمْعِ لَمَعْزُولُونَ [26:212]

شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) (ئوغرىلىقچە) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغاندۇر\[212\].

### الآية 26:213

> ﻿فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ [26:213]

ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن\[213\].

### الآية 26:214

> ﻿وَأَنْذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ [26:214]

يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن\[214\].

### الآية 26:215

> ﻿وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ [26:215]

ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن\[215\].

### الآية 26:216

> ﻿فَإِنْ عَصَوْكَ فَقُلْ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تَعْمَلُونَ [26:216]

ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: **«مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدا مەن»** دېگىن\[216\].

### الآية 26:217

> ﻿وَتَوَكَّلْ عَلَى الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ [26:217]

ناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن\[217\].

### الآية 26:218

> ﻿الَّذِي يَرَاكَ حِينَ تَقُومُ [26:218]

ئاللاھ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ\[218\].

### الآية 26:219

> ﻿وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَ [26:219]

ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ\[219\].

### الآية 26:220

> ﻿إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ [26:220]

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر\[220\].

### الآية 26:221

> ﻿هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَىٰ مَنْ تَنَزَّلُ الشَّيَاطِينُ [26:221]

(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟\[221\]

### الآية 26:222

> ﻿تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ [26:222]

ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ\[222\].

### الآية 26:223

> ﻿يُلْقُونَ السَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَاذِبُونَ [26:223]

ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر\[223\].

### الآية 26:224

> ﻿وَالشُّعَرَاءُ يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ [26:224]

شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ\[224\].

### الآية 26:225

> ﻿أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِي كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ [26:225]

ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟\[225\]

### الآية 26:226

> ﻿وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ [26:226]

ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ\[226\].

### الآية 26:227

> ﻿إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَذَكَرُوا اللَّهَ كَثِيرًا وَانْتَصَرُوا مِنْ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا ۗ وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ [26:227]

پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ\[227\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/26.md)
- [كل تفاسير سورة الشعراء
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/26.md)
- [ترجمات سورة الشعراء
](https://quranpedia.net/translations/26.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/26/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
