---
title: "ترجمة سورة ص - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/38/book/13643.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/38/book/13643"
surah_id: "38"
book_id: "13643"
book_name: "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة ص - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/38/book/13643)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة ص - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/38/book/13643*.

Translation of Surah ص from "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation" in الأويغورية.

### الآية 38:1

> ص ۚ وَالْقُرْآنِ ذِي الذِّكْرِ [38:1]

سۈرە ساد
--------

---

صٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ذِي ٱلذِّكۡرِ


صاد. شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن مۆجىزىدۇر)

---

### الآية 38:2

> ﻿بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ [38:2]

بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي عِزَّةٖ وَشِقَاقٖ


بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا

---

### الآية 38:3

> ﻿كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ فَنَادَوْا وَلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ [38:3]

كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّن قَرۡنٖ فَنَادَواْ وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٖ


ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس

---

### الآية 38:4

> ﻿وَعَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ ۖ وَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا سَاحِرٌ كَذَّابٌ [38:4]

وَعَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡۖ وَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا سَٰحِرٞ كَذَّابٌ


ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر

---

### الآية 38:5

> ﻿أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ [38:5]

أَجَعَلَ ٱلۡأٓلِهَةَ إِلَٰهٗا وَٰحِدًاۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٌ عُجَابٞ


ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش»

---

### الآية 38:6

> ﻿وَانْطَلَقَ الْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ امْشُوا وَاصْبِرُوا عَلَىٰ آلِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ يُرَادُ [38:6]

وَٱنطَلَقَ ٱلۡمَلَأُ مِنۡهُمۡ أَنِ ٱمۡشُواْ وَٱصۡبِرُواْ عَلَىٰٓ ءَالِهَتِكُمۡۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٞ يُرَادُ


ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ)

---

### الآية 38:7

> ﻿مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي الْمِلَّةِ الْآخِرَةِ إِنْ هَٰذَا إِلَّا اخْتِلَاقٌ [38:7]

مَا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِي ٱلۡمِلَّةِ ٱلۡأٓخِرَةِ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا ٱخۡتِلَٰقٌ


بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر

---

### الآية 38:8

> ﻿أَأُنْزِلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ مِنْ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْ ذِكْرِي ۖ بَلْ لَمَّا يَذُوقُوا عَذَابِ [38:8]

أَءُنزِلَ عَلَيۡهِ ٱلذِّكۡرُ مِنۢ بَيۡنِنَاۚ بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ مِّن ذِكۡرِيۚ بَل لَّمَّا يَذُوقُواْ عَذَابِ


قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق

---

### الآية 38:9

> ﻿أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ الْعَزِيزِ الْوَهَّابِ [38:9]

أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَحۡمَةِ رَبِّكَ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡوَهَّابِ


ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟

---

### الآية 38:10

> ﻿أَمْ لَهُمْ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا فِي الْأَسْبَابِ [38:10]

أَمۡ لَهُم مُّلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ فَلۡيَرۡتَقُواْ فِي ٱلۡأَسۡبَٰبِ


ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر ئۇلار ئىگە بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان) شوتىلارغا چىقسۇن

---

### الآية 38:11

> ﻿جُنْدٌ مَا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِنَ الْأَحْزَابِ [38:11]

جُندٞ مَّا هُنَالِكَ مَهۡزُومٞ مِّنَ ٱلۡأَحۡزَابِ


ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئۇيۇشقان مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر

---

### الآية 38:12

> ﻿كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو الْأَوْتَادِ [38:12]

كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ ذُو ٱلۡأَوۡتَادِ


ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى

---

### الآية 38:13

> ﻿وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ ۚ أُولَٰئِكَ الْأَحْزَابُ [38:13]

وَثَمُودُ وَقَوۡمُ لُوطٖ وَأَصۡحَٰبُ لۡـَٔيۡكَةِۚ أُوْلَـٰٓئِكَ ٱلۡأَحۡزَابُ


سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى

---

### الآية 38:14

> ﻿إِنْ كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ [38:14]

إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ


ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى

---

### الآية 38:15

> ﻿وَمَا يَنْظُرُ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً مَا لَهَا مِنْ فَوَاقٍ [38:15]

وَمَا يَنظُرُ هَـٰٓؤُلَآءِ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ مَّا لَهَا مِن فَوَاقٖ


بۇلار (يەنى مەككە مۇشرىكلىرى) پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۇر) نىلا كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ

---

### الآية 38:16

> ﻿وَقَالُوا رَبَّنَا عَجِّلْ لَنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ الْحِسَابِ [38:16]

وَقَالُواْ رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ


ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): **«پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق – قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن»** دېيىشتى

---

### الآية 38:17

> ﻿اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ [38:17]

ٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَا دَاوُۥدَ ذَا ٱلۡأَيۡدِۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ


ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى

---

### الآية 38:18

> ﻿إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ [38:18]

إِنَّا سَخَّرۡنَا ٱلۡجِبَالَ مَعَهُۥ يُسَبِّحۡنَ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِشۡرَاقِ


بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى - ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى

---

### الآية 38:19

> ﻿وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَهُ أَوَّابٌ [38:19]

وَٱلطَّيۡرَ مَحۡشُورَةٗۖ كُلّٞ لَّهُۥٓ أَوَّابٞ


قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ - تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر

---

### الآية 38:20

> ﻿وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ [38:20]

وَشَدَدۡنَا مُلۡكَهُۥ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡحِكۡمَةَ وَفَصۡلَ ٱلۡخِطَابِ


داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز - ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق

---

### الآية 38:21

> ﻿۞ وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ [38:21]

۞وَهَلۡ أَتَىٰكَ نَبَؤُاْ ٱلۡخَصۡمِ إِذۡ تَسَوَّرُواْ ٱلۡمِحۡرَابَ


(ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى

---

### الآية 38:22

> ﻿إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ [38:22]

إِذۡ دَخَلُواْ عَلَىٰ دَاوُۥدَ فَفَزِعَ مِنۡهُمۡۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ خَصۡمَانِ بَغَىٰ بَعۡضُنَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فَٱحۡكُم بَيۡنَنَا بِٱلۡحَقِّ وَلَا تُشۡطِطۡ وَٱهۡدِنَآ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلصِّرَٰطِ


ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): **«قورقمىغىن، بىز بىرىمىز - بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»** دېدى

---

### الآية 38:23

> ﻿إِنَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ [38:23]

إِنَّ هَٰذَآ أَخِي لَهُۥ تِسۡعٞ وَتِسۡعُونَ نَعۡجَةٗ وَلِيَ نَعۡجَةٞ وَٰحِدَةٞ فَقَالَ أَكۡفِلۡنِيهَا وَعَزَّنِي فِي ٱلۡخِطَابِ


(ئۇلارنىڭ بىرى) **«شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى»** دېدى

---

### الآية 38:24

> ﻿قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩ [38:24]

قَالَ لَقَدۡ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعۡجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِۦۖ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡخُلَطَآءِ لَيَبۡغِي بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٍ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ وَقَلِيلٞ مَّا هُمۡۗ وَظَنَّ دَاوُۥدُ أَنَّمَا فَتَنَّـٰهُ فَٱسۡتَغۡفَرَ رَبَّهُۥ وَخَرَّۤ رَاكِعٗاۤ وَأَنَابَ۩


داۋۇد ئېيتتى: **«ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر - بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر - بىرىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر»**. داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (اﷲ قا) تەۋبە قىلدى

---

### الآية 38:25

> ﻿فَغَفَرْنَا لَهُ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ [38:25]

فَغَفَرۡنَا لَهُۥ ذَٰلِكَۖ وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ


بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ

---

### الآية 38:26

> ﻿يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ [38:26]

يَٰدَاوُۥدُ إِنَّا جَعَلۡنَٰكَ خَلِيفَةٗ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱحۡكُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ ٱلۡهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدُۢ بِمَا نَسُواْ يَوۡمَ ٱلۡحِسَابِ


ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، اﷲ نىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

---

### الآية 38:27

> ﻿وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ [38:27]

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا بَٰطِلٗاۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنَ ٱلنَّارِ


ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!

---

### الآية 38:28

> ﻿أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ [38:28]

أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ كَٱلۡمُفۡسِدِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلۡمُتَّقِينَ كَٱلۡفُجَّارِ


ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟

---

### الآية 38:29

> ﻿كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ [38:29]

كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ مُبَٰرَكٞ لِّيَدَّبَّرُوٓاْ ءَايَٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ


(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر

---

### الآية 38:30

> ﻿وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ [38:30]

وَوَهَبۡنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيۡمَٰنَۚ نِعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ


بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (اﷲ قا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى

---

### الآية 38:31

> ﻿إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِالْعَشِيِّ الصَّافِنَاتُ الْجِيَادُ [38:31]

إِذۡ عُرِضَ عَلَيۡهِ بِٱلۡعَشِيِّ ٱلصَّـٰفِنَٰتُ ٱلۡجِيَادُ


ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى

---

### الآية 38:32

> ﻿فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَنْ ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ [38:32]

فَقَالَ إِنِّيٓ أَحۡبَبۡتُ حُبَّ ٱلۡخَيۡرِ عَن ذِكۡرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتۡ بِٱلۡحِجَابِ


سۇلەيمان ئېيتتى: **«مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغۇچە (ئۇلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈش بىلەن بولدۇم)»**

---

### الآية 38:33

> ﻿رُدُّوهَا عَلَيَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًا بِالسُّوقِ وَالْأَعْنَاقِ [38:33]

رُدُّوهَا عَلَيَّۖ فَطَفِقَ مَسۡحَۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلۡأَعۡنَاقِ


سۇلەيمان ئېيتتى: **«ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار»**. (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى

---

### الآية 38:34

> ﻿وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَانَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ [38:34]

وَلَقَدۡ فَتَنَّا سُلَيۡمَٰنَ وَأَلۡقَيۡنَا عَلَىٰ كُرۡسِيِّهِۦ جَسَدٗا ثُمَّ أَنَابَ


بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى

---

### الآية 38:35

> ﻿قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ [38:35]

قَالَ رَبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَهَبۡ لِي مُلۡكٗا لَّا يَنۢبَغِي لِأَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ


سۇلەيمان ئېيىتتى: **«پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»**

---

### الآية 38:36

> ﻿فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ [38:36]

فَسَخَّرۡنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦ رُخَآءً حَيۡثُ أَصَابَ


بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى

---

### الآية 38:37

> ﻿وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ [38:37]

وَٱلشَّيَٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٖ وَغَوَّاصٖ


ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە - مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق

---

### الآية 38:38

> ﻿وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ [38:38]

وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي ٱلۡأَصۡفَادِ


يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر

---

### الآية 38:39

> ﻿هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ [38:39]

هَٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمۡنُنۡ أَوۡ أَمۡسِكۡ بِغَيۡرِ حِسَابٖ


(بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى) **«بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن، ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ»**

---

### الآية 38:40

> ﻿وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ [38:40]

وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ


ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ

---

### الآية 38:41

> ﻿وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ [38:41]

وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَآ أَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِنُصۡبٖ وَعَذَابٍ


بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): **«شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى»** دەپ نىدا قىلدى

---

### الآية 38:42

> ﻿ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ [38:42]

ٱرۡكُضۡ بِرِجۡلِكَۖ هَٰذَا مُغۡتَسَلُۢ بَارِدٞ وَشَرَابٞ


ئۇنىڭغا: **«پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن»** دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) **«بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر»** (دېدۇق)

---

### الآية 38:43

> ﻿وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ [38:43]

وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ أَهۡلَهُۥ وَمِثۡلَهُم مَّعَهُمۡ رَحۡمَةٗ مِّنَّا وَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ


بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى - ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر

---

### الآية 38:44

> ﻿وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِبْ بِهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ [38:44]

وَخُذۡ بِيَدِكَ ضِغۡثٗا فَٱضۡرِب بِّهِۦ وَلَا تَحۡنَثۡۗ إِنَّا وَجَدۡنَٰهُ صَابِرٗاۚ نِّعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٞ


(ئۇنىڭغا) **«قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن»** (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (اﷲ قا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر

---

### الآية 38:45

> ﻿وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ [38:45]

وَٱذۡكُرۡ عِبَٰدَنَآ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ أُوْلِي ٱلۡأَيۡدِي وَٱلۡأَبۡصَٰرِ


ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن

---

### الآية 38:46

> ﻿إِنَّا أَخْلَصْنَاهُمْ بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ [38:46]

إِنَّآ أَخۡلَصۡنَٰهُم بِخَالِصَةٖ ذِكۡرَى ٱلدَّارِ


ئۇلارنى بىز پاك - خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق

---

### الآية 38:47

> ﻿وَإِنَّهُمْ عِنْدَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ [38:47]

وَإِنَّهُمۡ عِندَنَا لَمِنَ ٱلۡمُصۡطَفَيۡنَ ٱلۡأَخۡيَارِ


ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر

---

### الآية 38:48

> ﻿وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِنَ الْأَخْيَارِ [38:48]

وَٱذۡكُرۡ إِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَذَا ٱلۡكِفۡلِۖ وَكُلّٞ مِّنَ ٱلۡأَخۡيَارِ


ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر

---

### الآية 38:49

> ﻿هَٰذَا ذِكْرٌ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَآبٍ [38:49]

هَٰذَا ذِكۡرٞۚ وَإِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ لَحُسۡنَ مَـَٔابٖ


بۇ ۋەز - نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار

---

### الآية 38:50

> ﻿جَنَّاتِ عَدْنٍ مُفَتَّحَةً لَهُمُ الْأَبْوَابُ [38:50]

جَنَّـٰتِ عَدۡنٖ مُّفَتَّحَةٗ لَّهُمُ ٱلۡأَبۡوَٰبُ


(ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر

---

### الآية 38:51

> ﻿مُتَّكِئِينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ وَشَرَابٍ [38:51]

مُتَّكِـِٔينَ فِيهَا يَدۡعُونَ فِيهَا بِفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ وَشَرَابٖ


ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ

---

### الآية 38:52

> ﻿۞ وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ أَتْرَابٌ [38:52]

۞وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ أَتۡرَابٌ


ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ

---

### الآية 38:53

> ﻿هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ الْحِسَابِ [38:53]

هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ


بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر

---

### الآية 38:54

> ﻿إِنَّ هَٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُ مِنْ نَفَادٍ [38:54]

إِنَّ هَٰذَا لَرِزۡقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍ


بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ

---

### الآية 38:55

> ﻿هَٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّاغِينَ لَشَرَّ مَآبٍ [38:55]

هَٰذَاۚ وَإِنَّ لِلطَّـٰغِينَ لَشَرَّ مَـَٔابٖ


بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر

---

### الآية 38:56

> ﻿جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ الْمِهَادُ [38:56]

جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَا فَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ


ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!

---

### الآية 38:57

> ﻿هَٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ [38:57]

هَٰذَا فَلۡيَذُوقُوهُ حَمِيمٞ وَغَسَّاقٞ


بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان - يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن

---

### الآية 38:58

> ﻿وَآخَرُ مِنْ شَكْلِهِ أَزْوَاجٌ [38:58]

وَءَاخَرُ مِن شَكۡلِهِۦٓ أَزۡوَٰجٌ


يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار

---

### الآية 38:59

> ﻿هَٰذَا فَوْجٌ مُقْتَحِمٌ مَعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُو النَّارِ [38:59]

هَٰذَا فَوۡجٞ مُّقۡتَحِمٞ مَّعَكُمۡ لَا مَرۡحَبَۢا بِهِمۡۚ إِنَّهُمۡ صَالُواْ ٱلنَّارِ


(ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) **«بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر»**. (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) **«ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر»**

---

### الآية 38:60

> ﻿قَالُوا بَلْ أَنْتُمْ لَا مَرْحَبًا بِكُمْ ۖ أَنْتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ الْقَرَارُ [38:60]

قَالُواْ بَلۡ أَنتُمۡ لَا مَرۡحَبَۢا بِكُمۡۖ أَنتُمۡ قَدَّمۡتُمُوهُ لَنَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ


ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: **«بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»**

---

### الآية 38:61

> ﻿قَالُوا رَبَّنَا مَنْ قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِي النَّارِ [38:61]

قَالُواْ رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدۡهُ عَذَابٗا ضِعۡفٗا فِي ٱلنَّارِ


ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): **«پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن»** دەيدۇ

---

### الآية 38:62

> ﻿وَقَالُوا مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُمْ مِنَ الْأَشْرَارِ [38:62]

وَقَالُواْ مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالٗا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ ٱلۡأَشۡرَارِ


ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟

---

### الآية 38:63

> ﻿أَتَّخَذْنَاهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ الْأَبْصَارُ [38:63]

أَتَّخَذۡنَٰهُمۡ سِخۡرِيًّا أَمۡ زَاغَتۡ عَنۡهُمُ ٱلۡأَبۡصَٰرُ


ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟ (يەنى ياكى ئۇلار دوزاختا بىز بىلەن بىللە تۇرسىمۇ كۆرمەيۋاتامدۇق؟)»

---

### الآية 38:64

> ﻿إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ النَّارِ [38:64]

إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقّٞ تَخَاصُمُ أَهۡلِ ٱلنَّارِ


ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر

---

### الآية 38:65

> ﻿قُلْ إِنَّمَا أَنَا مُنْذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ [38:65]

قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ مُنذِرٞۖ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ


(ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

---

### الآية 38:66

> ﻿رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ [38:66]

رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفَّـٰرُ


(ئۇ اﷲ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»

---

### الآية 38:67

> ﻿قُلْ هُوَ نَبَأٌ عَظِيمٌ [38:67]

قُلۡ هُوَ نَبَؤٌاْ عَظِيمٌ


(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى اﷲ نىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر

---

### الآية 38:68

> ﻿أَنْتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ [38:68]

أَنتُمۡ عَنۡهُ مُعۡرِضُونَ


سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر

---

### الآية 38:69

> ﻿مَا كَانَ لِيَ مِنْ عِلْمٍ بِالْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ إِذْ يَخْتَصِمُونَ [38:69]

مَا كَانَ لِيَ مِنۡ عِلۡمِۭ بِٱلۡمَلَإِ ٱلۡأَعۡلَىٰٓ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ


پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم

---

### الآية 38:70

> ﻿إِنْ يُوحَىٰ إِلَيَّ إِلَّا أَنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ [38:70]

إِن يُوحَىٰٓ إِلَيَّ إِلَّآ أَنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ


ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇكى، مەن روشەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»

---

### الآية 38:71

> ﻿إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ طِينٍ [38:71]

إِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن طِينٖ


ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن

---

### الآية 38:72

> ﻿فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ [38:72]

فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ


ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار»

---

### الآية 38:73

> ﻿فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ [38:73]

فَسَجَدَ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ


پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى

---

### الآية 38:74

> ﻿إِلَّا إِبْلِيسَ اسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ [38:74]

إِلَّآ إِبۡلِيسَ ٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ


پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى

---

### الآية 38:75

> ﻿قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَنْ تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْعَالِينَ [38:75]

قَالَ يَـٰٓإِبۡلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسۡجُدَ لِمَا خَلَقۡتُ بِيَدَيَّۖ أَسۡتَكۡبَرۡتَ أَمۡ كُنتَ مِنَ ٱلۡعَالِينَ


اﷲ ئېيتتى: **«ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»**

---

### الآية 38:76

> ﻿قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ ۖ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ [38:76]

قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ


ئىبلىس: **«مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ»** دېدى

---

### الآية 38:77

> ﻿قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ [38:77]

قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ


اﷲ: **«سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن»** دېدى

---

### الآية 38:78

> ﻿وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ [38:78]

وَإِنَّ عَلَيۡكَ لَعۡنَتِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ


اﷲ: **«سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن»** دېدى

---

### الآية 38:79

> ﻿قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ [38:79]

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ


ئىبلىس: **«پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گىچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)»** دېدى

---

### الآية 38:80

> ﻿قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ [38:80]

قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ


اﷲ: **«جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ»** دېدى

---

### الآية 38:81

> ﻿إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ [38:81]

إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡوَقۡتِ ٱلۡمَعۡلُومِ


اﷲ: **«جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ»** دېدى

---

### الآية 38:82

> ﻿قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ [38:82]

قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ


ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن

---

### الآية 38:83

> ﻿إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ [38:83]

إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ


ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»

---

### الآية 38:84

> ﻿قَالَ فَالْحَقُّ وَالْحَقَّ أَقُولُ [38:84]

قَالَ فَٱلۡحَقُّ وَٱلۡحَقَّ أَقُولُ


اﷲ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن

---

### الآية 38:85

> ﻿لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكَ وَمِمَّنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ [38:85]

لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكَ وَمِمَّن تَبِعَكَ مِنۡهُمۡ أَجۡمَعِينَ


سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن»

---

### الآية 38:86

> ﻿قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ [38:86]

قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٖ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُتَكَلِّفِينَ


ئېيتقىنكى، «(اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن

---

### الآية 38:87

> ﻿إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ [38:87]

إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ


قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر

---

### الآية 38:88

> ﻿وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُ بَعْدَ حِينٍ [38:88]

وَلَتَعۡلَمُنَّ نَبَأَهُۥ بَعۡدَ حِينِۭ


بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»

---

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/38.md)
- [كل تفاسير سورة ص
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/38.md)
- [ترجمات سورة ص
](https://quranpedia.net/translations/38.md)
- [صفحة الكتاب: Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation](https://quranpedia.net/book/13643.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/38/book/13643) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
