---
title: "ترجمة سورة ق - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/50/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/50/book/1975"
surah_id: "50"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة ق - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/50/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة ق - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/50/book/1975*.

Translation of Surah ق from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 50:1

> ق ۚ وَالْقُرْآنِ الْمَجِيدِ [50:1]

قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن\[1\].

### الآية 50:2

> ﻿بَلْ عَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ فَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا شَيْءٌ عَجِيبٌ [50:2]

بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر\[2\].

### الآية 50:3

> ﻿أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا ۖ ذَٰلِكَ رَجْعٌ بَعِيدٌ [50:3]

بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر»\[3\].

### الآية 50:4

> ﻿قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنْقُصُ الْأَرْضُ مِنْهُمْ ۖ وَعِنْدَنَا كِتَابٌ حَفِيظٌ [50:4]

ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) بار\[4\].

### الآية 50:5

> ﻿بَلْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ فَهُمْ فِي أَمْرٍ مَرِيجٍ [50:5]

بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، ئۇلار قالايمىقان ھالەتتىدۇر\[5\].

### الآية 50:6

> ﻿أَفَلَمْ يَنْظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِنْ فُرُوجٍ [50:6]

ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟\[6\]

### الآية 50:7

> ﻿وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ [50:7]

زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق\[7\].

### الآية 50:8

> ﻿تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ [50:8]

ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق)\[8\].

### الآية 50:9

> ﻿وَنَزَّلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً مُبَارَكًا فَأَنْبَتْنَا بِهِ جَنَّاتٍ وَحَبَّ الْحَصِيدِ [50:9]

كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق\[9 ـ 10\].

### الآية 50:10

> ﻿وَالنَّخْلَ بَاسِقَاتٍ لَهَا طَلْعٌ نَضِيدٌ [50:10]

كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق\[9 ـ 10\].

### الآية 50:11

> ﻿رِزْقًا لِلْعِبَادِ ۖ وَأَحْيَيْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ الْخُرُوجُ [50:11]

(ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن (ئۆستۈردۇق)، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر\[11\].

### الآية 50:12

> ﻿كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَابُ الرَّسِّ وَثَمُودُ [50:12]

ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى\[12ـ14\].

### الآية 50:13

> ﻿وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَانُ لُوطٍ [50:13]

ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى\[12ـ14\].

### الآية 50:14

> ﻿وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ [50:14]

ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى\[12ـ14\].

### الآية 50:15

> ﻿أَفَعَيِينَا بِالْخَلْقِ الْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِي لَبْسٍ مِنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ [50:15]

(ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز). ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر\[15\].

### الآية 50:16

> ﻿وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ [50:16]

بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز\[16\].

### الآية 50:17

> ﻿إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ [50:17]

ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار،\[17\]

### الآية 50:18

> ﻿مَا يَلْفِظُ مِنْ قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ [50:18]

ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ\[ـ18\].

### الآية 50:19

> ﻿وَجَاءَتْ سَكْرَةُ الْمَوْتِ بِالْحَقِّ ۖ ذَٰلِكَ مَا كُنْتَ مِنْهُ تَحِيدُ [50:19]

ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ\[19\].

### الآية 50:20

> ﻿وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ [50:20]

سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر\[20\].

### الآية 50:21

> ﻿وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ [50:21]

ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ\[21\].

### الآية 50:22

> ﻿لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ [50:22]

ئۇنىڭغا: **«ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر»** دېيىلىدۇ\[22\].

### الآية 50:23

> ﻿وَقَالَ قَرِينُهُ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ [50:23]

ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: **«مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر»** دەيدۇ\[23\].

### الآية 50:24

> ﻿أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ [50:24]

(ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) **«ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار»** (دەيدۇ)\[24ـ26\].

### الآية 50:25

> ﻿مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ [50:25]

(ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) **«ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار»** (دەيدۇ)\[24ـ26\].

### الآية 50:26

> ﻿الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ [50:26]

(ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) **«ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار»** (دەيدۇ)\[24ـ26\].

### الآية 50:27

> ﻿۞ قَالَ قَرِينُهُ رَبَّنَا مَا أَطْغَيْتُهُ وَلَٰكِنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ [50:27]

ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): **«پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى»** (دەيدۇ)\[27\].

### الآية 50:28

> ﻿قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا لَدَيَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُمْ بِالْوَعِيدِ [50:28]

ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم،\[28\]

### الآية 50:29

> ﻿مَا يُبَدَّلُ الْقَوْلُ لَدَيَّ وَمَا أَنَا بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ [50:29]

مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ\[ـ29\].

### الآية 50:30

> ﻿يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِنْ مَزِيدٍ [50:30]

ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: **«توشتۇڭمۇ؟»** دەيمىز، جەھەننەم: **«يەنە بارمۇ؟»** دەيدۇ\[30\].

### الآية 50:31

> ﻿وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ غَيْرَ بَعِيدٍ [50:31]

جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ\[31\].

### الآية 50:32

> ﻿هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ [50:32]

مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر\[32\].

### الآية 50:33

> ﻿مَنْ خَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ وَجَاءَ بِقَلْبٍ مُنِيبٍ [50:33]

كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) **«جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر»** (دېيىلىدۇ)\[33ـ34\].

### الآية 50:34

> ﻿ادْخُلُوهَا بِسَلَامٍ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُلُودِ [50:34]

كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) **«جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر»** (دېيىلىدۇ)\[33ـ34\].

### الآية 50:35

> ﻿لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ فِيهَا وَلَدَيْنَا مَزِيدٌ [50:35]

جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە (نېمەتلەر) بار\[35\].

### الآية 50:36

> ﻿وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُمْ بَطْشًا فَنَقَّبُوا فِي الْبِلَادِ هَلْ مِنْ مَحِيصٍ [50:36]

بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟\[36\]

### الآية 50:37

> ﻿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَنْ كَانَ لَهُ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى السَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ [50:37]

بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار\[37\].

### الآية 50:38

> ﻿وَلَقَدْ خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِنْ لُغُوبٍ [50:38]

بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق\[38\].

### الآية 50:39

> ﻿فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ [50:39]

(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن\[39\].

### الآية 50:40

> ﻿وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَارَ السُّجُودِ [50:40]

كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن (يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا) تەسبىھ ئېيتقىن\[40\].

### الآية 50:41

> ﻿وَاسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ الْمُنَادِ مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ [50:41]

نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يېتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن\[41\].

### الآية 50:42

> ﻿يَوْمَ يَسْمَعُونَ الصَّيْحَةَ بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُرُوجِ [50:42]

ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنى) ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر\[42\].

### الآية 50:43

> ﻿إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَإِلَيْنَا الْمَصِيرُ [50:43]

بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر\[43\].

### الآية 50:44

> ﻿يَوْمَ تَشَقَّقُ الْأَرْضُ عَنْهُمْ سِرَاعًا ۚ ذَٰلِكَ حَشْرٌ عَلَيْنَا يَسِيرٌ [50:44]

ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر\[44\].

### الآية 50:45

> ﻿نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِجَبَّارٍ ۖ فَذَكِّرْ بِالْقُرْآنِ مَنْ يَخَافُ وَعِيدِ [50:45]

بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن\[45\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/50.md)
- [كل تفاسير سورة ق
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/50.md)
- [ترجمات سورة ق
](https://quranpedia.net/translations/50.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/50/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
