---
title: "ترجمة سورة المجادلة - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/58/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/58/book/1975"
surah_id: "58"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة المجادلة - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/58/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة المجادلة - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/58/book/1975*.

Translation of Surah المجادلة from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 58:1

> قَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّتِي تُجَادِلُكَ فِي زَوْجِهَا وَتَشْتَكِي إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ يَسْمَعُ تَحَاوُرَكُمَا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ [58:1]

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر\[1\].

### الآية 58:2

> ﻿الَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنْكُمْ مِنْ نِسَائِهِمْ مَا هُنَّ أُمَّهَاتِهِمْ ۖ إِنْ أُمَّهَاتُهُمْ إِلَّا اللَّائِي وَلَدْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَيَقُولُونَ مُنْكَرًا مِنَ الْقَوْلِ وَزُورًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ [58:2]

سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ. ئاللاھ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر\[2\].

### الآية 58:3

> ﻿وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنْ نِسَائِهِمْ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَتَمَاسَّا ۚ ذَٰلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ [58:3]

ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە (يەنى زىھار قىلغانلىقىغا) پۇشايمان قىلغانلار (ئەر ـ ئايال ئىككىسى) يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر\[3\].

### الآية 58:4

> ﻿فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَتَمَاسَّا ۖ فَمَنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَإِطْعَامُ سِتِّينَ مِسْكِينًا ۚ ذَٰلِكَ لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ [58:4]

(ئازاد قىلىشقا) قۇل تاپالمىغان ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (قېرىلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغان ئادەم (60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىشى لازىم)، بۇ (ئەھكام) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ( ئەمر قىلغان ئىشلارغا) تەستىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، (بۇ قانۇننى) ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ\[4\].

### الآية 58:5

> ﻿إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ كُبِتُوا كَمَا كُبِتَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ وَقَدْ أَنْزَلْنَا آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ [58:5]

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن (ھالال، ھارام، پەرز ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ\[5\].

### الآية 58:6

> ﻿يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا ۚ أَحْصَاهُ اللَّهُ وَنَسُوهُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ [58:6]

ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە ـ ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر\[6\].

### الآية 58:7

> ﻿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ مَا يَكُونُ مِنْ نَجْوَىٰ ثَلَاثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمْ وَلَا خَمْسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمْ وَلَا أَدْنَىٰ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمْ أَيْنَ مَا كَانُوا ۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ [58:7]

ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر\[7\].

### الآية 58:8

> ﻿أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نُهُوا عَنِ النَّجْوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَيَتَنَاجَوْنَ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَإِذَا جَاءُوكَ حَيَّوْكَ بِمَا لَمْ يُحَيِّكَ بِهِ اللَّهُ وَيَقُولُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ۚ حَسْبُهُمْ جَهَنَّمُ يَصْلَوْنَهَا ۖ فَبِئْسَ الْمَصِيرُ [58:8]

پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: **«ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىمايدۇ؟»** دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!\[8\]

### الآية 58:9

> ﻿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَتَنَاجَوْا بِالْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ [58:9]

ئى مۆمىنلەر! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار، سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر\[9\].

### الآية 58:10

> ﻿إِنَّمَا النَّجْوَىٰ مِنَ الشَّيْطَانِ لِيَحْزُنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَلَيْسَ بِضَارِّهِمْ شَيْئًا إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ [58:10]

گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش مۆمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر، (بۇنداق پىچىرلىشىش) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولمىسىلا مۆمىنلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن\[10\].

### الآية 58:11

> ﻿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قِيلَ لَكُمْ تَفَسَّحُوا فِي الْمَجَالِسِ فَافْسَحُوا يَفْسَحِ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَإِذَا قِيلَ انْشُزُوا فَانْشُزُوا يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ [58:11]

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: **«ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار»** دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): **«ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»** دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار\[11\].

### الآية 58:12

> ﻿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَاجَيْتُمُ الرَّسُولَ فَقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَةً ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۚ فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ [58:12]

ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر\[12\].

### الآية 58:13

> ﻿أَأَشْفَقْتُمْ أَنْ تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَاتٍ ۚ فَإِذْ لَمْ تَفْعَلُوا وَتَابَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ [58:13]

سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن (كەمبەغەل بولۇپ قالىمىز) دەپ قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ئاللاھ تولۇق خەۋەرداردۇر\[13\].

### الآية 58:14

> ﻿۞ أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ تَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَا مِنْهُمْ وَيَحْلِفُونَ عَلَى الْكَذِبِ وَهُمْ يَعْلَمُونَ [58:14]

ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ (يەنى يەھۇدىيلارغىمۇ) مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ\[14\].

### الآية 58:15

> ﻿أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ [58:15]

ئۇلارغا ئاللاھ قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!\[15\]

### الآية 58:16

> ﻿اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ فَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ [58:16]

ئۇلار (يالغان) قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ\[16\].

### الآية 58:17

> ﻿لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ [58:17]

ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى (ئۇلارغا ئاخىرەتتە بولىدىغان) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر\[17\].

### الآية 58:18

> ﻿يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيَحْلِفُونَ لَهُ كَمَا يَحْلِفُونَ لَكُمْ ۖ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْكَاذِبُونَ [58:18]

ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا **«بىز مۇسۇلمانمىز»** دەپ يالغاندىن) سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ، ئۇلار بۇ قەسەمنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر\[18\].

### الآية 58:19

> ﻿اسْتَحْوَذَ عَلَيْهِمُ الشَّيْطَانُ فَأَنْسَاهُمْ ذِكْرَ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ حِزْبُ الشَّيْطَانِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ الشَّيْطَانِ هُمُ الْخَاسِرُونَ [58:19]

ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلدى، (شەيتان) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر\[19\].

### الآية 58:20

> ﻿إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ أُولَٰئِكَ فِي الْأَذَلِّينَ [58:20]

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئەڭ خار ئىنسانلار قاتارىدىدۇر\[20\].

### الآية 58:21

> ﻿كَتَبَ اللَّهُ لَأَغْلِبَنَّ أَنَا وَرُسُلِي ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ [58:21]

ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): **«مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز»** دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر\[21\].

### الآية 58:22

> ﻿لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ ۚ أُولَٰئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ ۖ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ أُولَٰئِكَ حِزْبُ اللَّهِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ [58:22]

ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى \_ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ \_ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر\[22\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/58.md)
- [كل تفاسير سورة المجادلة
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/58.md)
- [ترجمات سورة المجادلة
](https://quranpedia.net/translations/58.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/58/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
