---
title: "ترجمة سورة الملك - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/67/book/13643.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/67/book/13643"
surah_id: "67"
book_id: "13643"
book_name: "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة الملك - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/67/book/13643)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة الملك - Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/67/book/13643*.

Translation of Surah الملك from "Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation" in الأويغورية.

### الآية 67:1

> تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ [67:1]

سۈرە مۇلك
---------

---

تَبَٰرَكَ ٱلَّذِي بِيَدِهِ ٱلۡمُلۡكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ


(پۈتۈن ئاسمان - زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

---

### الآية 67:2

> ﻿الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ [67:2]

ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡمَوۡتَ وَٱلۡحَيَوٰةَ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفُورُ


سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

---

### الآية 67:3

> ﻿الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ [67:3]

ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗاۖ مَّا تَرَىٰ فِي خَلۡقِ ٱلرَّحۡمَٰنِ مِن تَفَٰوُتٖۖ فَٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ هَلۡ تَرَىٰ مِن فُطُورٖ


اﷲ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان اﷲ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن

---

### الآية 67:4

> ﻿ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنْقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ [67:4]

ثُمَّ ٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ كَرَّتَيۡنِ يَنقَلِبۡ إِلَيۡكَ ٱلۡبَصَرُ خَاسِئٗا وَهُوَ حَسِيرٞ


ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ

---

### الآية 67:5

> ﻿وَلَقَدْ زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَجَعَلْنَاهَا رُجُومًا لِلشَّيَاطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ السَّعِيرِ [67:5]

وَلَقَدۡ زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَجَعَلۡنَٰهَا رُجُومٗا لِّلشَّيَٰطِينِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابَ ٱلسَّعِيرِ


(بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئورۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان شولا بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق

---

### الآية 67:6

> ﻿وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ [67:6]

وَلِلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ


پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!

---

### الآية 67:7

> ﻿إِذَا أُلْقُوا فِيهَا سَمِعُوا لَهَا شَهِيقًا وَهِيَ تَفُورُ [67:7]

إِذَآ أُلۡقُواْ فِيهَا سَمِعُواْ لَهَا شَهِيقٗا وَهِيَ تَفُورُ


ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ

---

### الآية 67:8

> ﻿تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ ۖ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ [67:8]

تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۖ كُلَّمَآ أُلۡقِيَ فِيهَا فَوۡجٞ سَأَلَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَذِيرٞ


دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: **«سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟»** دەپ سورايدۇ

---

### الآية 67:9

> ﻿قَالُوا بَلَىٰ قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ [67:9]

قَالُواْ بَلَىٰ قَدۡ جَآءَنَا نَذِيرٞ فَكَذَّبۡنَا وَقُلۡنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ كَبِيرٖ


ئۇلار: **«ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ‹اﷲ (ھېچ ئادەمگە ۋەھيىدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق»** دەيدۇ

---

### الآية 67:10

> ﻿وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ [67:10]

وَقَالُواْ لَوۡ كُنَّا نَسۡمَعُ أَوۡ نَعۡقِلُ مَا كُنَّا فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ


ئۇلار: **«ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق»** دەيدۇ

---

### الآية 67:11

> ﻿فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْ فَسُحْقًا لِأَصْحَابِ السَّعِيرِ [67:11]

فَٱعۡتَرَفُواْ بِذَنۢبِهِمۡ فَسُحۡقٗا لِّأَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ


ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!

---

### الآية 67:12

> ﻿إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ [67:12]

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ


پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ

---

### الآية 67:13

> ﻿وَأَسِرُّوا قَوْلَكُمْ أَوِ اجْهَرُوا بِهِ ۖ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ [67:13]

وَأَسِرُّواْ قَوۡلَكُمۡ أَوِ ٱجۡهَرُواْ بِهِۦٓۖ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ


سىلەر سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار (اﷲ ھامان ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر

---

### الآية 67:14

> ﻿أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ [67:14]

أَلَا يَعۡلَمُ مَنۡ خَلَقَ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلۡخَبِيرُ


(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر

---

### الآية 67:15

> ﻿هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ ۖ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ [67:15]

هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ ذَلُولٗا فَٱمۡشُواْ فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُواْ مِن رِّزۡقِهِۦۖ وَإِلَيۡهِ ٱلنُّشُورُ


اﷲ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. اﷲ نىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر

---

### الآية 67:16

> ﻿أَأَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ [67:16]

ءَأَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يَخۡسِفَ بِكُمُ ٱلۡأَرۡضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ


(ئى كۇففارلار!) ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟

---

### الآية 67:17

> ﻿أَمْ أَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ [67:17]

أَمۡ أَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ كَيۡفَ نَذِيرِ


ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر

---

### الآية 67:18

> ﻿وَلَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ [67:18]

وَلَقَدۡ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ


ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى، (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟

---

### الآية 67:19

> ﻿أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ [67:19]

أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ فَوۡقَهُمۡ صَـٰٓفَّـٰتٖ وَيَقۡبِضۡنَۚ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحۡمَٰنُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءِۭ بَصِيرٌ


ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت اﷲ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

---

### الآية 67:20

> ﻿أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ جُنْدٌ لَكُمْ يَنْصُرُكُمْ مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ ۚ إِنِ الْكَافِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ [67:20]

أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ جُندٞ لَّكُمۡ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ إِنِ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ


سىلەرگە اﷲ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ، كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)

---

### الآية 67:21

> ﻿أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ ۚ بَلْ لَجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ [67:21]

أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي يَرۡزُقُكُمۡ إِنۡ أَمۡسَكَ رِزۡقَهُۥۚ بَل لَّجُّواْ فِي عُتُوّٖ وَنُفُورٍ


ئەگەر اﷲ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر

---

### الآية 67:22

> ﻿أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ [67:22]

أَفَمَن يَمۡشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجۡهِهِۦٓ أَهۡدَىٰٓ أَمَّن يَمۡشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ


زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ؟ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟

---

### الآية 67:23

> ﻿قُلْ هُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۖ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ [67:23]

قُلۡ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَكُمۡ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ


(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، **«اﷲ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر»**

---

### الآية 67:24

> ﻿قُلْ هُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ [67:24]

قُلۡ هُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ


ئېيتقىنكى، **«اﷲ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»**

---

### الآية 67:25

> ﻿وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ [67:25]

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ


ئۇلار: **«ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ»** دەيدۇ

---

### الآية 67:26

> ﻿قُلْ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ [67:26]

قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡعِلۡمُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٞ


(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، **«(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»**

---

### الآية 67:27

> ﻿فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيئَتْ وُجُوهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَقِيلَ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَدَّعُونَ [67:27]

فَلَمَّا رَأَوۡهُ زُلۡفَةٗ سِيٓـَٔتۡ وُجُوهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقِيلَ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَدَّعُونَ


ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: **«مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر»** دېيىلىدۇ

---

### الآية 67:28

> ﻿قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِيَ اللَّهُ وَمَنْ مَعِيَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَنْ يُجِيرُ الْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ [67:28]

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَهۡلَكَنِيَ ٱللَّهُ وَمَن مَّعِيَ أَوۡ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ ٱلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ


(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، **«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى تەخىر قىلىپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا (سىلەرگە نېمە پايدا بار)، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»**

---

### الآية 67:29

> ﻿قُلْ هُوَ الرَّحْمَٰنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ [67:29]

قُلۡ هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ءَامَنَّا بِهِۦ وَعَلَيۡهِ تَوَكَّلۡنَاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ مَنۡ هُوَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ


ئېيتقىنكى، **«ئۇ ناھايىتى مېھرىبان اﷲ دۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»**

---

### الآية 67:30

> ﻿قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ [67:30]

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَصۡبَحَ مَآؤُكُمۡ غَوۡرٗا فَمَن يَأۡتِيكُم بِمَآءٖ مَّعِينِۭ


(ئۇلارغا) **«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ»** دېگىن

---

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/67.md)
- [كل تفاسير سورة الملك
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/67.md)
- [ترجمات سورة الملك
](https://quranpedia.net/translations/67.md)
- [صفحة الكتاب: Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation](https://quranpedia.net/book/13643.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/67/book/13643) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
