---
title: "ترجمة سورة القيامة - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/75/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/75/book/1975"
surah_id: "75"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة القيامة - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/75/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة القيامة - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/75/book/1975*.

Translation of Surah القيامة from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 75:1

> لَا أُقْسِمُ بِيَوْمِ الْقِيَامَةِ [75:1]

قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى\[1\]،

### الآية 75:2

> ﻿وَلَا أُقْسِمُ بِالنَّفْسِ اللَّوَّامَةِ [75:2]

ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)\[2\].

### الآية 75:3

> ﻿أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَلَّنْ نَجْمَعَ عِظَامَهُ [75:3]

ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟\[3\]

### الآية 75:4

> ﻿بَلَىٰ قَادِرِينَ عَلَىٰ أَنْ نُسَوِّيَ بَنَانَهُ [75:4]

ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز\[4\].

### الآية 75:5

> ﻿بَلْ يُرِيدُ الْإِنْسَانُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُ [75:5]

بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ\[5\].

### الآية 75:6

> ﻿يَسْأَلُ أَيَّانَ يَوْمُ الْقِيَامَةِ [75:6]

ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): **«قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟»** دەپ سورايدۇ\[6\].

### الآية 75:7

> ﻿فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ [75:7]

ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): **«قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟»** دەپ سورايدۇ\[6\].

### الآية 75:8

> ﻿وَخَسَفَ الْقَمَرُ [75:8]

كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: **«قاچىدىغان جاي قەيەردە؟»** دەيدۇ\[7ـ10\].

### الآية 75:9

> ﻿وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ [75:9]

كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: **«قاچىدىغان جاي قەيەردە؟»** دەيدۇ\[7ـ10\].

### الآية 75:10

> ﻿يَقُولُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ [75:10]

كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: **«قاچىدىغان جاي قەيەردە؟»** دەيدۇ\[7ـ10\].

### الآية 75:11

> ﻿كَلَّا لَا وَزَرَ [75:11]

ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر\[11\].

### الآية 75:12

> ﻿إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمُسْتَقَرُّ [75:12]

بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر\[12\].

### الآية 75:13

> ﻿يُنَبَّأُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ [75:13]

بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ\[13\].

### الآية 75:14

> ﻿بَلِ الْإِنْسَانُ عَلَىٰ نَفْسِهِ بَصِيرَةٌ [75:14]

بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر\[14\].

### الآية 75:15

> ﻿وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُ [75:15]

ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)\[15\].

### الآية 75:16

> ﻿لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ [75:16]

(ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما\[16\].

### الآية 75:17

> ﻿إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ [75:17]

ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر\[17\].

### الآية 75:18

> ﻿فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ [75:18]

ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن\[18\].

### الآية 75:19

> ﻿ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ [75:19]

ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر\[19\].

### الآية 75:20

> ﻿كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ [75:20]

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر\[20\].

### الآية 75:21

> ﻿وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ [75:21]

ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر\[21\].

### الآية 75:22

> ﻿وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاضِرَةٌ [75:22]

بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ\[22\].

### الآية 75:23

> ﻿إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ [75:23]

(ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ\[23\].

### الآية 75:24

> ﻿وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ [75:24]

بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ\[24\].

### الآية 75:25

> ﻿تَظُنُّ أَنْ يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ [75:25]

ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ\[25\].

### الآية 75:26

> ﻿كَلَّا إِذَا بَلَغَتِ التَّرَاقِيَ [75:26]

راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، **«(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ»** دېيىلىدۇ\[26ـ27\].

### الآية 75:27

> ﻿وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ [75:27]

راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، **«(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ»** دېيىلىدۇ\[26ـ27\].

### الآية 75:28

> ﻿وَظَنَّ أَنَّهُ الْفِرَاقُ [75:28]

(سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ\[28\].

### الآية 75:29

> ﻿وَالْتَفَّتِ السَّاقُ بِالسَّاقِ [75:29]

(سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ\[29\].

### الآية 75:30

> ﻿إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمَسَاقُ [75:30]

بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر\[30\].

### الآية 75:31

> ﻿فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ [75:31]

(كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى\[31\].

### الآية 75:32

> ﻿وَلَٰكِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ [75:32]

لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى\[32\].

### الآية 75:33

> ﻿ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰ أَهْلِهِ يَتَمَطَّىٰ [75:33]

ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى\[33\].

### الآية 75:34

> ﻿أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ [75:34]

ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!\[34\]

### الآية 75:35

> ﻿ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ [75:35]

يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!\[35\]

### الآية 75:36

> ﻿أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَنْ يُتْرَكَ سُدًى [75:36]

ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟\[36\]

### الآية 75:37

> ﻿أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِنْ مَنِيٍّ يُمْنَىٰ [75:37]

ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟\[37\]

### الآية 75:38

> ﻿ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ [75:38]

ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى\[38\].

### الآية 75:39

> ﻿فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ [75:39]

ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى\[39\]

### الآية 75:40

> ﻿أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ [75:40]

(يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟\[40\]

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/75.md)
- [كل تفاسير سورة القيامة
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/75.md)
- [ترجمات سورة القيامة
](https://quranpedia.net/translations/75.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/75/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
