---
title: "ترجمة سورة عبس - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/80/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/80/book/1975"
surah_id: "80"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة عبس - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/80/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة عبس - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/80/book/1975*.

Translation of Surah عبس from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 80:1

> عَبَسَ وَتَوَلَّىٰ [80:1]

يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى\[1ـ2\].

### الآية 80:2

> ﻿أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَىٰ [80:2]

يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى\[1ـ2\].

### الآية 80:3

> ﻿وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّىٰ [80:3]

(ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن\[3\].

### الآية 80:4

> ﻿أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَىٰ [80:4]

ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن\[4\].

### الآية 80:5

> ﻿أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَىٰ [80:5]

ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)\[5ـ6\].

### الآية 80:6

> ﻿فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّىٰ [80:6]

ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)\[5ـ6\].

### الآية 80:7

> ﻿وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ [80:7]

ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى\[7\].

### الآية 80:8

> ﻿وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَىٰ [80:8]

سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك\[8ـ9\]،

### الآية 80:9

> ﻿وَهُوَ يَخْشَىٰ [80:9]

سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك\[8ـ9\]،

### الآية 80:10

> ﻿فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ [80:10]

سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن\[10\].

### الآية 80:11

> ﻿كَلَّا إِنَّهَا تَذْكِرَةٌ [80:11]

(بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر\[11\].

### الآية 80:12

> ﻿فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ [80:12]

خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ\[12\].

### الآية 80:13

> ﻿فِي صُحُفٍ مُكَرَّمَةٍ [80:13]

ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر\[13ـ14\].

### الآية 80:14

> ﻿مَرْفُوعَةٍ مُطَهَّرَةٍ [80:14]

ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر\[13ـ14\].

### الآية 80:15

> ﻿بِأَيْدِي سَفَرَةٍ [80:15]

(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر\[15ـ16\].

### الآية 80:16

> ﻿كِرَامٍ بَرَرَةٍ [80:16]

(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر\[15ـ16\].

### الآية 80:17

> ﻿قُتِلَ الْإِنْسَانُ مَا أَكْفَرَهُ [80:17]

ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!\[17\]

### الآية 80:18

> ﻿مِنْ أَيِّ شَيْءٍ خَلَقَهُ [80:18]

ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟\[18\]

### الآية 80:19

> ﻿مِنْ نُطْفَةٍ خَلَقَهُ فَقَدَّرَهُ [80:19]

ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى\[19\].

### الآية 80:20

> ﻿ثُمَّ السَّبِيلَ يَسَّرَهُ [80:20]

ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى\[20\].

### الآية 80:21

> ﻿ثُمَّ أَمَاتَهُ فَأَقْبَرَهُ [80:21]

ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى\[21\].

### الآية 80:22

> ﻿ثُمَّ إِذَا شَاءَ أَنْشَرَهُ [80:22]

ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ\[22\].

### الآية 80:23

> ﻿كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ [80:23]

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى\[23\].

### الآية 80:24

> ﻿فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ إِلَىٰ طَعَامِهِ [80:24]

ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن\[24\].

### الآية 80:25

> ﻿أَنَّا صَبَبْنَا الْمَاءَ صَبًّا [80:25]

(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق\[25\].

### الآية 80:26

> ﻿ثُمَّ شَقَقْنَا الْأَرْضَ شَقًّا [80:26]

ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق\[26\].

### الآية 80:27

> ﻿فَأَنْبَتْنَا فِيهَا حَبًّا [80:27]

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق\[27ـ32\].

### الآية 80:28

> ﻿وَعِنَبًا وَقَضْبًا [80:28]

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق\[27ـ32\].

### الآية 80:29

> ﻿وَزَيْتُونًا وَنَخْلًا [80:29]

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق\[27ـ32\].

### الآية 80:30

> ﻿وَحَدَائِقَ غُلْبًا [80:30]

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق\[27ـ32\].

### الآية 80:31

> ﻿وَفَاكِهَةً وَأَبًّا [80:31]

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق\[27ـ32\].

### الآية 80:32

> ﻿مَتَاعًا لَكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ [80:32]

سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق\[27ـ32\].

### الآية 80:33

> ﻿فَإِذَا جَاءَتِ الصَّاخَّةُ [80:33]

(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)\[33\].

### الآية 80:34

> ﻿يَوْمَ يَفِرُّ الْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ [80:34]

ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ\[34ـ36\].

### الآية 80:35

> ﻿وَأُمِّهِ وَأَبِيهِ [80:35]

ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ\[34ـ36\].

### الآية 80:36

> ﻿وَصَاحِبَتِهِ وَبَنِيهِ [80:36]

ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ\[34ـ36\].

### الآية 80:37

> ﻿لِكُلِّ امْرِئٍ مِنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ [80:37]

ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ\[37\].

### الآية 80:38

> ﻿وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ مُسْفِرَةٌ [80:38]

ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ\[38ـ39\].

### الآية 80:39

> ﻿ضَاحِكَةٌ مُسْتَبْشِرَةٌ [80:39]

ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ\[38ـ39\].

### الآية 80:40

> ﻿وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ [80:40]

يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ\[40ـ41\]،

### الآية 80:41

> ﻿تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ [80:41]

يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ\[40ـ41\]،

### الآية 80:42

> ﻿أُولَٰئِكَ هُمُ الْكَفَرَةُ الْفَجَرَةُ [80:42]

بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر\[42\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/80.md)
- [كل تفاسير سورة عبس
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/80.md)
- [ترجمات سورة عبس
](https://quranpedia.net/translations/80.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/80/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
