---
title: "ترجمة سورة التكوير - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/81/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/81/book/1975"
surah_id: "81"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة التكوير - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/81/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة التكوير - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/81/book/1975*.

Translation of Surah التكوير from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 81:1

> إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ [81:1]

كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا\[1\]،

### الآية 81:2

> ﻿وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ [81:2]

يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا\[2\]،

### الآية 81:3

> ﻿وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ [81:3]

تاغلار گۇمران بولغان چاغدا\[3\]،

### الآية 81:4

> ﻿وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ [81:4]

بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا\[4\]،

### الآية 81:5

> ﻿وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ [81:5]

ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا\[5\]،

### الآية 81:6

> ﻿وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ [81:6]

دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا\[6\]،

### الآية 81:7

> ﻿وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ [81:7]

جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا\[7\]،

### الآية 81:8

> ﻿وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ [81:8]

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا\[8ـ9\]،

### الآية 81:9

> ﻿بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ [81:9]

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا\[8ـ9\]،

### الآية 81:10

> ﻿وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ [81:10]

نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا\[10\]،

### الآية 81:11

> ﻿وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ [81:11]

ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا\[11\]،

### الآية 81:12

> ﻿وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ [81:12]

دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا\[12\]،

### الآية 81:13

> ﻿وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ [81:13]

جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا\[13\]،

### الآية 81:14

> ﻿عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ [81:14]

ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ\[14\].

### الآية 81:15

> ﻿فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ [81:15]

كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن\[15ـ16\]،

### الآية 81:16

> ﻿الْجَوَارِ الْكُنَّسِ [81:16]

كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن\[15ـ16\]،

### الآية 81:17

> ﻿وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ [81:17]

قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن\[17\]،

### الآية 81:18

> ﻿وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ [81:18]

يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن\[18\].

### الآية 81:19

> ﻿إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ [81:19]

قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر\[19\].

### الآية 81:20

> ﻿ذِي قُوَّةٍ عِنْدَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ [81:20]

ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر\[20\].

### الآية 81:21

> ﻿مُطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ [81:21]

پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر\[21\].

### الآية 81:22

> ﻿وَمَا صَاحِبُكُمْ بِمَجْنُونٍ [81:22]

سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر\[22\].

### الآية 81:23

> ﻿وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ [81:23]

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى\[23\].

### الآية 81:24

> ﻿وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ [81:24]

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر\[24\].

### الآية 81:25

> ﻿وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ [81:25]

ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر\[25\].

### الآية 81:26

> ﻿فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ [81:26]

قەيەرگە بارىسىلەر؟\[26\]

### الآية 81:27

> ﻿إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ [81:27]

ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر\[27\].

### الآية 81:28

> ﻿لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ [81:28]

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر\[28\].

### الآية 81:29

> ﻿وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ [81:29]

پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە\[29\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/81.md)
- [كل تفاسير سورة التكوير
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/81.md)
- [ترجمات سورة التكوير
](https://quranpedia.net/translations/81.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/81/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
