---
title: "ترجمة سورة المطفّفين - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/83/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/83/book/1975"
surah_id: "83"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة المطفّفين - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/83/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة المطفّفين - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/83/book/1975*.

Translation of Surah المطفّفين from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 83:1

> وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ [83:1]

(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!\[1\]

### الآية 83:2

> ﻿الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ [83:2]

ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ\[2\].

### الآية 83:3

> ﻿وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ [83:3]

كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ\[3\].

### الآية 83:4

> ﻿أَلَا يَظُنُّ أُولَٰئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ [83:4]

ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ\[4ـ5\].

### الآية 83:5

> ﻿لِيَوْمٍ عَظِيمٍ [83:5]

ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ\[4ـ5\].

### الآية 83:6

> ﻿يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ [83:6]

ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ\[6\]

### الآية 83:7

> ﻿كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٍ [83:7]

ئۇلار (تارازىدا، ئۆلچەمدە) كەم بېرىشتىن يانسۇن، يامان ئادەملەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ\[7\].

### الآية 83:8

> ﻿وَمَا أَدْرَاكَ مَا سِجِّينٌ [83:8]

سىججىن دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟\[8\]

### الآية 83:9

> ﻿كِتَابٌ مَرْقُومٌ [83:9]

ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر\[9\].

### الآية 83:10

> ﻿وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ [83:10]

بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!\[10\]

### الآية 83:11

> ﻿الَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ [83:11]

ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ\[11\].

### الآية 83:12

> ﻿وَمَا يُكَذِّبُ بِهِ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ [83:12]

ئۇنى پەقەت (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ\[12\].

### الآية 83:13

> ﻿إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ [83:13]

ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: **«(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»** دەيدۇ\[13\].

### الآية 83:14

> ﻿كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ [83:14]

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن\[14\].

### الآية 83:15

> ﻿كَلَّا إِنَّهُمْ عَنْ رَبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَمَحْجُوبُونَ [83:15]

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان\[15\].

### الآية 83:16

> ﻿ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُو الْجَحِيمِ [83:16]

ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر\[16\].

### الآية 83:17

> ﻿ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ [83:17]

ئاندىن (ئۇلارغا): **«مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسە (يەنى ئازاب) دۇر»** دېيىلىدۇ\[17\].

### الآية 83:18

> ﻿كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْأَبْرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ [83:18]

راستلا ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى شەك ـ شۈبھىسىز ئىللىيوندا بولىدۇ\[18\].

### الآية 83:19

> ﻿وَمَا أَدْرَاكَ مَا عِلِّيُّونَ [83:19]

ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟\[19\]

### الآية 83:20

> ﻿كِتَابٌ مَرْقُومٌ [83:20]

(ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر\[20\].

### الآية 83:21

> ﻿يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ [83:21]

ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ\[21\].

### الآية 83:22

> ﻿إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ [83:22]

ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ\[22\].

### الآية 83:23

> ﻿عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ [83:23]

ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ\[23\].

### الآية 83:24

> ﻿تَعْرِفُ فِي وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ النَّعِيمِ [83:24]

ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن\[24\].

### الآية 83:25

> ﻿يُسْقَوْنَ مِنْ رَحِيقٍ مَخْتُومٍ [83:25]

ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ،\[25\]

### الآية 83:26

> ﻿خِتَامُهُ مِسْكٌ ۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ [83:26]

ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!\[26\]

### الآية 83:27

> ﻿وَمِزَاجُهُ مِنْ تَسْنِيمٍ [83:27]

ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان\[27\].

### الآية 83:28

> ﻿عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا الْمُقَرَّبُونَ [83:28]

تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ\[28\].

### الآية 83:29

> ﻿إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا يَضْحَكُونَ [83:29]

كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى\[29\].

### الآية 83:30

> ﻿وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ [83:30]

ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەززە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى\[31\].

### الآية 83:31

> ﻿وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ [83:31]

مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: **«بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار»** دېيىشەتتى\[32\].

### الآية 83:32

> ﻿وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَضَالُّونَ [83:32]

ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق\[33\].

### الآية 83:33

> ﻿وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ [83:33]

ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق\[33\].

### الآية 83:34

> ﻿فَالْيَوْمَ الَّذِينَ آمَنُوا مِنَ الْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ [83:34]

بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ\[34\]،

### الآية 83:35

> ﻿عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ [83:35]

(كاپىرلار) نىڭ ھالىغا (ئېسىل) تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ\[35\].

### الآية 83:36

> ﻿هَلْ ثُوِّبَ الْكُفَّارُ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ [83:36]

(كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟\[36\]

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/83.md)
- [كل تفاسير سورة المطفّفين
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/83.md)
- [ترجمات سورة المطفّفين
](https://quranpedia.net/translations/83.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/83/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
