---
title: "ترجمة سورة الغاشية - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/88/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/88/book/1975"
surah_id: "88"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة الغاشية - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/88/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة الغاشية - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/88/book/1975*.

Translation of Surah الغاشية from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 88:1

> هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ [88:1]

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى\[1\].

### الآية 88:2

> ﻿وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ [88:2]

بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر\[2\].

### الآية 88:3

> ﻿عَامِلَةٌ نَاصِبَةٌ [88:3]

ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر\[3\].

### الآية 88:4

> ﻿تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً [88:4]

ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ\[4\].

### الآية 88:5

> ﻿تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ [88:5]

(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ\[5\].

### الآية 88:6

> ﻿لَيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِنْ ضَرِيعٍ [88:6]

ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ\[6\].

### الآية 88:7

> ﻿لَا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِنْ جُوعٍ [88:7]

زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ\[7\].

### الآية 88:8

> ﻿وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاعِمَةٌ [88:8]

بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر\[8\].

### الآية 88:9

> ﻿لِسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ [88:9]

بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر\[9\].

### الآية 88:10

> ﻿فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ [88:10]

ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر\[10\].

### الآية 88:11

> ﻿لَا تَسْمَعُ فِيهَا لَاغِيَةً [88:11]

ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ\[11\].

### الآية 88:12

> ﻿فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ [88:12]

ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ\[12\].

### الآية 88:13

> ﻿فِيهَا سُرُرٌ مَرْفُوعَةٌ [88:13]

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار\[13ـ16\].

### الآية 88:14

> ﻿وَأَكْوَابٌ مَوْضُوعَةٌ [88:14]

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار\[13ـ16\].

### الآية 88:15

> ﻿وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ [88:15]

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار\[13ـ16\].

### الآية 88:16

> ﻿وَزَرَابِيُّ مَبْثُوثَةٌ [88:16]

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار\[13ـ16\].

### الآية 88:17

> ﻿أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ [88:17]

ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى\[17\]،

### الآية 88:18

> ﻿وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ [88:18]

ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى\[18\]،

### الآية 88:19

> ﻿وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ [88:19]

تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى\[19\]،

### الآية 88:20

> ﻿وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ [88:20]

زېمىن قانداق يېيىتىلدى\[20\].

### الآية 88:21

> ﻿فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ [88:21]

سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن\[21\].

### الآية 88:22

> ﻿لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ [88:22]

سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن\[22\].

### الآية 88:23

> ﻿إِلَّا مَنْ تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ [88:23]

لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن\[23\]،

### الآية 88:24

> ﻿فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ [88:24]

ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ\[24\].

### الآية 88:25

> ﻿إِنَّ إِلَيْنَا إِيَابَهُمْ [88:25]

ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ\[25\].

### الآية 88:26

> ﻿ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُمْ [88:26]

ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز\[26\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/88.md)
- [كل تفاسير سورة الغاشية
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/88.md)
- [ترجمات سورة الغاشية
](https://quranpedia.net/translations/88.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/88/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
