---
title: "ترجمة سورة البلد - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/90/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/90/book/1975"
surah_id: "90"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة البلد - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/90/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة البلد - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/90/book/1975*.

Translation of Surah البلد from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 90:1

> لَا أُقْسِمُ بِهَٰذَا الْبَلَدِ [90:1]

بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن\[1\].

### الآية 90:2

> ﻿وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَٰذَا الْبَلَدِ [90:2]

(ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر\[2\].

### الآية 90:3

> ﻿وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ [90:3]

ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن\[3\].

### الآية 90:4

> ﻿لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي كَبَدٍ [90:4]

بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق\[4\].

### الآية 90:5

> ﻿أَيَحْسَبُ أَنْ لَنْ يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ [90:5]

ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟\[5\]

### الآية 90:6

> ﻿يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُبَدًا [90:6]

ئۇ: **«كۆپ مال سەرپ قىلدىم»** دەيدۇ\[6\].

### الآية 90:7

> ﻿أَيَحْسَبُ أَنْ لَمْ يَرَهُ أَحَدٌ [90:7]

ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟\[7\]

### الآية 90:8

> ﻿أَلَمْ نَجْعَلْ لَهُ عَيْنَيْنِ [90:8]

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟\[8ـ10\]

### الآية 90:9

> ﻿وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ [90:9]

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟\[8ـ10\]

### الآية 90:10

> ﻿وَهَدَيْنَاهُ النَّجْدَيْنِ [90:10]

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟\[8ـ10\]

### الآية 90:11

> ﻿فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ [90:11]

ئۇ داۋان ئاشمىدى\[11\].

### الآية 90:12

> ﻿وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ [90:12]

داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟\[12\]

### الآية 90:13

> ﻿فَكُّ رَقَبَةٍ [90:13]

(داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر\[13\]،

### الآية 90:14

> ﻿أَوْ إِطْعَامٌ فِي يَوْمٍ ذِي مَسْغَبَةٍ [90:14]

ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر\[14ـ16\].

### الآية 90:15

> ﻿يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ [90:15]

ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر\[14ـ16\].

### الآية 90:16

> ﻿أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ [90:16]

ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر\[14ـ16\].

### الآية 90:17

> ﻿ثُمَّ كَانَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا بِالْمَرْحَمَةِ [90:17]

شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر\[17\].

### الآية 90:18

> ﻿أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ [90:18]

ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر\[18\].

### الآية 90:19

> ﻿وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا هُمْ أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ [90:19]

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر\[19\].

### الآية 90:20

> ﻿عَلَيْهِمْ نَارٌ مُؤْصَدَةٌ [90:20]

ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ\[20\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/90.md)
- [كل تفاسير سورة البلد
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/90.md)
- [ترجمات سورة البلد
](https://quranpedia.net/translations/90.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/90/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
