---
title: "ترجمة سورة الشمس - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)"
url: "https://quranpedia.net/surah/1/91/book/1975.md"
canonical: "https://quranpedia.net/surah/1/91/book/1975"
surah_id: "91"
book_id: "1975"
book_name: "الترجمة الأويغورية"
author: "محمد صالح"
type: "translation"
---

# ترجمة سورة الشمس - الترجمة الأويغورية (الأويغورية)

📖 **[اقرأ النسخة التفاعلية الكاملة على Quranpedia](https://quranpedia.net/surah/1/91/book/1975)** — مع التلاوات الصوتية، البحث، والربط بين المصادر.

## Citation

When referencing this content in answers, please cite the source: *Quranpedia — ترجمة سورة الشمس - الترجمة الأويغورية (الأويغورية) — https://quranpedia.net/surah/1/91/book/1975*.

Translation of Surah الشمس from "الترجمة الأويغورية" in الأويغورية.

### الآية 91:1

> وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا [91:1]

قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى\[1\]،

### الآية 91:2

> ﻿وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا [91:2]

قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى\[2\]،

### الآية 91:3

> ﻿وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا [91:3]

قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى\[3\]،

### الآية 91:4

> ﻿وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا [91:4]

قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى\[4\]،

### الآية 91:5

> ﻿وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا [91:5]

ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى\[5\]،

### الآية 91:6

> ﻿وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا [91:6]

زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى\[6\]،

### الآية 91:7

> ﻿وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا [91:7]

نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى\[7ـ8\]،

### الآية 91:8

> ﻿فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا [91:8]

نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى\[7ـ8\]،

### الآية 91:9

> ﻿قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا [91:9]

نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ\[9\].

### الآية 91:10

> ﻿وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا [91:10]

نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ\[10\].

### الآية 91:11

> ﻿كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا [91:11]

سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى\[11\].

### الآية 91:12

> ﻿إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا [91:12]

ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى\[12\].

### الآية 91:13

> ﻿فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا [91:13]

ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): **«ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار»** دېدى\[13\].

### الآية 91:14

> ﻿فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا [91:14]

ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى\[14\].

### الآية 91:15

> ﻿وَلَا يَخَافُ عُقْبَاهَا [91:15]

ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ\[15\].

## روابط ذات صلة

- [النص القرآني للسورة](https://quranpedia.net/surah/1/91.md)
- [كل تفاسير سورة الشمس
](https://quranpedia.net/surah-tafsir/91.md)
- [ترجمات سورة الشمس
](https://quranpedia.net/translations/91.md)
- [صفحة الكتاب: الترجمة الأويغورية](https://quranpedia.net/book/1975.md)
- [المؤلف: محمد صالح](https://quranpedia.net/person/1750.md)

---

زُر [Quranpedia.net](https://quranpedia.net/surah/1/91/book/1975) — موسوعة القرآن الكريم: التفاسير، الترجمات، التلاوات، والمواضيع.
