ترجمة سورة آل عمران

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة آل عمران باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

ئەلىف، لام، مىم[1].
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر[2].
(ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھ) ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى[3].
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى بارلىق ساماۋى كىتابلارنى) نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، (يامانلارنى) جازالىغۇچىدۇر[4].
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس[5].
ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ[7].
پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن[8].
پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»[9].
كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر[10].
(بۇ كۇففارلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر[11].
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك»[12].
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى ئاللاھ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار[13].
ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)[14].
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى بار». ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[15].
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ[16].
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر[17].
ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[19].
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) :«مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن[21].
ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر[22].
كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)[23].
بۇ ئۇلارنىڭ «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان 40 كۈنلۈك ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكلىرى ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈندۇر[24].
كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟[25].
ئېيتقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن[26].
كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن، (شۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»[27].
مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتمىسۇن. ئۇلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[28].
ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[29].
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر[30].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[31].
ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ[32].
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى[33].
ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن»[35].
ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل، (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس، (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن»[36].
ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[37].
شۇ ۋاقىتتا (ئاللاھنىڭ مەريەمگە قىلغان ئىنئامىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى[38].
ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى[39].
ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىييە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى[40].
ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى[41].
پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى[42].
ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»[43].
(ئى مۇھەممەد!) بۇ ـ ساڭا ۋەھىي قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە (چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيەسىدە بولۇشىنى) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ[44].
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ[45].
ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»[46].
مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى[47].
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز - ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ[48].
ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار[49].
مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50].
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[51].
ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز[52].
پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»[53].
ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر[54].
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن[55].
كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»[56].
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟)[57].
(ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر[58].
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)[59].
(ئىيسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[60].
سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن[61].
شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسەسىدۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[62].
ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[63].
«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار[64].
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[65].
(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەرسىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىيسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدە نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دېگىن[66].
ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋەلېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى[67].
ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار، شۈبھىسىزكى، (ئىبراھىمنىڭ زامانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنىڭغا (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇر، (بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان) مۆمىنلەردۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر[68].
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلا قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ[69].
ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟[70].
ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟[71].
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن.
پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقساڭلار پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[74].
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[75].
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[76].
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[77].
ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[78].
بىرەر ئىنسانغا ئاللاھ كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋەلېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)[79].
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟[80].
ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى[81].
كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[82].
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ[83].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[84].
كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر[85].
ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[86].
ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر[87].
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[88].
پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر[89].
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر[90].
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ[91].
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە غىچەھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[92].
تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار»[93].
شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىل مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن)، كىمكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر[94].
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[95].
ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر[96].
ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم (شۇلارنىڭ بىرى)، بەيتۇللاھقا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر[97].
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋەھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر»[98].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[99].
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ[100].
سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالماي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ[101].
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار[102].
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ[103].
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر[104].
روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[105].
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»[106].
يۈزى ئاقارغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا (يەنى جەننەتتە) مەڭگۈ قالىدۇ[107].
بۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر، ئۇلارنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز، ئاللاھ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[108].
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ[109].
(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[110].
ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ[111].
ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[112].
ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە بار[113].
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر[114].
ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ[115].
شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەرگىز ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[116].
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا (رىيا قىلىپ) بەرگەن سەدىقىلىرى، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ زىرائىتىگە تېگىپ ئۇنى نابۇت قىلىۋەتكەن سوغۇق شامالغا ئوخشايدۇ (ئىگىلىرىنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن نابۇت قىلىنغان بۇ زىرائەتكە ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بەربات قىلىدۇ). ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى ۋەلېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[117].
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق[118].
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى ئاللاھ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر[119].
ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىيمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر[120].
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئۇھۇدقا) چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[121].
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن![122].
ئاللاھ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار[123].
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ[124].
شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ[125].
ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر[126].
(ئاللاھنىڭ ياردىمى) كاپىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشلىرى ئۈچۈندۇر[127].
(ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى) سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ[128].
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[129].
ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن (نەھيى قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار[130].
كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار[131].
سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[132].
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار[133].
تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[134].
تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ[135].
ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى![136].
سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار[137].
بۇ (قۇرئان) (پۈتكۈل) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[138].
(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر[139].
ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ[140].
مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر[141].
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟[142].
سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار [143].
مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ[144].
ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (يەنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز[145].
نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ[146].
ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى[147].
ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[148].
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر[149].
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر[150].
ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر[151].
ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[152].
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[153].
غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى). بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»[154].
ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[155].
ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[156].
شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا (يەنى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كېتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر[157].
ئەگەر سىلەر (ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار ياكى (جەڭ مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار، (ئاخىرەتتە) چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر (ئاللاھ سىلەرنى ئەمەلىڭلارغا قاراپ مۇكاپاتلايدۇ)[158].
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[159].
ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)[160].
ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ[161].
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![162].
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[163].
ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى[164].
سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[165].
ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر[166].
ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزۈڭلارنى) قوغداڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلاتتۇق)» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن مۇشرىكلىكنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ[167].
(بۇ يەنە ئاللاھنىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»[168].
ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ)[169].
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ[170].
ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ[171].
(ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ[172].
(مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى[173].
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[174].
ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار[175].
(ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[176].
ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[177].
كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[178].
ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋەلېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر[179].
ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[180].
«ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز[181].
بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[182].
ئۇلار: «(تەۋراتتا) ئاللاھ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئاتەش يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگۈچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر كەلدى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»[183].
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن، مۆجىزىلەرنى، كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى[184].
ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى جەزمەن تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان نەرسىدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)[185].
سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[186].
ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان![187].
(ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[188].
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[189].
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار[190].
ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن[191].
پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ[192].
پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ”رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار“ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن[193].
پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»[194].
ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار[195].
كاپىرلارنىڭ (پۇل ـ مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن[196].
بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك![197].
پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر (يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇقتۇر[198]
ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[199].
ئى مۆمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)[200].
Icon