وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡهُدَىٰ وَأَوۡرَثۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَـٰٓءِيلَ ٱلۡكِتَٰبَ

شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق


هُدٗى وَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ

(ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر


فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِبۡكَٰرِ

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، اﷲ نىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى - ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن


إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ سُلۡطَٰنٍ أَتَىٰهُمۡ إِن فِي صُدُورِهِمۡ إِلَّا كِبۡرٞ مَّا هُم بِبَٰلِغِيهِۚ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ

شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اﷲ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، اﷲ قا سېغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر


لَخَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ أَكۡبَرُ مِنۡ خَلۡقِ ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ



الصفحة التالية
Icon