فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ

ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ


فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ

ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ


قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ

ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ


كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ

(ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ


وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ

نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!


وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ

ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!


يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ

دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!


مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ

مېنىڭ مال - مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى


هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ

مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»



الصفحة التالية
Icon