ذَرۡنِي وَمَنۡ خَلَقۡتُ وَحِيدٗا

(ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت


وَجَعَلۡتُ لَهُۥ مَالٗا مَّمۡدُودٗا

ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم


وَبَنِينَ شُهُودٗا

ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم


وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمۡهِيدٗا

ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردۈم


ثُمَّ يَطۡمَعُ أَنۡ أَزِيدَ

ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ


كَلَّآۖ إِنَّهُۥ كَانَ لِأٓيَٰتِنَا عَنِيدٗا

ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى


سَأُرۡهِقُهُۥ صَعُودًا

ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن


إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ

ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى


فَقُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ

لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى


ثُمَّ قُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ

يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى



الصفحة التالية
Icon