سۈرە مۇرسەلات


وَٱلۡمُرۡسَلَٰتِ عُرۡفٗا

ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى،


فَٱلۡعَٰصِفَٰتِ عَصۡفٗا

قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،


وَٱلنَّـٰشِرَٰتِ نَشۡرٗا

(بۇلۇتلارنى اﷲ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،


فَٱلۡفَٰرِقَٰتِ فَرۡقٗا

(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،


فَٱلۡمُلۡقِيَٰتِ ذِكۡرًا

(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،


عُذۡرًا أَوۡ نُذۡرًا

(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،


إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٞ

(ئى مەككە كۇففارلىرى!) سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر


فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتۡ

يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا



الصفحة التالية
Icon