سۈرە لەيل


وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ

قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى،


وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ

يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،


وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ

ئەر - ئايالنى ياراتقان زات اﷲ بىلەن قەسەمكى،


إِنَّ سَعۡيَكُمۡ لَشَتَّىٰ

سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك - شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر


فَأَمَّا مَنۡ أَعۡطَىٰ وَٱتَّقَىٰ

(پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك


وَصَدَّقَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

(پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك،


فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡيُسۡرَىٰ

ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز


وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسۡتَغۡنَىٰ

بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك


وَكَذَّبَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،



الصفحة التالية
Icon