surah.translation .

سۈرە فىل


پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟

ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟

ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى

قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ،

ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى