ﮙ
surah.translation
.
من تأليف:
الشيخ محمد صالح
.
ﰡ
ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ[1].
ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[2].
ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[3].
يەر يۈزىدە بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[4].
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[5].
ئۇلار سەندىن (ئاللاھنىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك - شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ[6].
كۇففارلار، نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش)[7].
ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ ـ قىزمۇ، بىرمۇ ـ كۆپمۇ، چوڭمۇ ـ كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ ـ سەتمۇ، بەختلىكمۇ ـ بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ ـ قىسقىمۇ ـ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر[8].
ئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر[9].
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)[10].
ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ[11].
ئاللاھ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ[12].
گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر[13].
ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس ـ تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر[14].
ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ[15].
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزەڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (ئاللاھقا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كور (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر[16].
ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ[17].
ئاللاھنىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا زېمىندىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي![18]
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم، (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ[19].
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە (يەنى ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ[20].
ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ[21].
پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ[22].
ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ[23].
(پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ[24].
ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ[25].
ئاللاھ (ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (مۇشرىكلار) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئۆتكۈنچى بەھرىمەن بولۇشتۇر[26].
كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن[27].
(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ[28].
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[29].
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»[30].
مۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ[31].
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟[32].
ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: « بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[33].
ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ[34].
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر[35].
(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل) نازىل قىلغانلار (يەنى ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە نەجاشىغا ئوخشاشلار) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) دىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا (ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەدەنكەشلىكتىن) قۇرئاننىڭ بەزى (جايلىرىنى) ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، (ئىنسانلارنى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن[36].
شۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى- خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ[37].
بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ[38].
ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر[39].
ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر[40].
ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىز (يەنى كۇففارلارنىڭ زېمىنىنى قەدەممۇ قەدەم پەتھى قىلىپ، ئىسلام يۇرتىغا قوشۇۋاتقانلىقىمىز) نى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[41].
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ[42].
(ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»[43].