ﯨ
ترجمة معاني سورة الحشر
باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية
.
من تأليف:
الشيخ محمد صالح
.
ﰡ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار[2].
ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا (ئۆلتۈرۈش) بىلەن ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[3].
بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشتى، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شۈبھىسىز، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[4].
(ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەر مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسىگە ئاللاھ رۇخسەت قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلىشى) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر[5].
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن (يەنى بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن) قايتۇرغان غەنىيمەتلەرنى سىلەر ئات ـ تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ (يەنى ئەجىر قىلىپ، جاپا ـ مۇشەققەت تارتىپ) قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە مۇسەللەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[6].
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[7].
(ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر[8].
ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[9].
ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ[10].
مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر[11].
ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ، ئەھلى كىتاب ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ[12].
شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھقا قارىغاندىمۇ قورقۇنچلۇقسىلەر (يەنى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھتىن قورققاندىنمۇ بەك قورقىدۇ)، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ (ئۇلۇغلۇقىنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر[13].
ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر[14].
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[15].
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىيلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مەن سەندىن ئادا ـ جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى[16].
ئۇلارنىڭ (يەنى شەيتان بىلەن ئىنساننىڭ) ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر[17].
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[18].
سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر[19].
ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت باراۋەر بولمايدۇ، ئەھلى جەننەت بولسا مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[20].
ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز[21].
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر[22].
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[23].
ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[24].