Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە نەملە سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى
Verse 1
سۈرە نەملە
طا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر
Verse 2
ﭙﭚﭛ
ﭜ
مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە خۇش خەۋەردۇر
Verse 3
(شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ
Verse 4
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار (گۇمراھلىقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ
Verse 5
ئۇلار (دۇنيادا) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر
Verse 6
ساڭا قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ تەرىپىدىن بېرىلىدۇ
Verse 7
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىيىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي، ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى
Verse 8
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «اﷲ ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشىنى ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى مۇبارەك قىلدى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ پاكتۇر
Verse 9
ﮥﮦﮧﮨﮩﮪ
ﮫ
ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ دۇرمەن
Verse 10
ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (اﷲ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ
Verse 11
لېكىن كىمكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلسا، ئاندىن يامان ئەمەللىرىنى ياخشى ئەمەلگە ئۆزگەرتسە، مەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن، ناھايىتى مېھرىباندۇر
Verse 12
قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
Verse 13
ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى
Verse 14
ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
Verse 15
بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان اﷲ قا خاستۇر!»
Verse 16
سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى
Verse 17
سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى
Verse 18
ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»
Verse 19
سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»
Verse 20
ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! يا ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ
Verse 21
ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ»
Verse 22
ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۆپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھىرىدىن) بىر مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كەلدىم
Verse 23
مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ ئەرشكە ئىگە ئىكەن
Verse 24
ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ اﷲ نى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى اﷲ نى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ
Verse 25
ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلەرنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى اﷲ قا سەجدە قىلمايدۇ
Verse 26
اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
Verse 27
سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز
Verse 28
بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن»
Verse 29
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
Verse 30
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
Verse 31
ﮯﮰﮱﯓﯔ
ﯕ
سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار»
Verse 32
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق»
Verse 33
ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، (بىزنى) نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى (ئويلاپ) كۆرگىن»
Verse 34
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى (ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئېلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش بىلەن) خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ
Verse 35
مەن چوقۇم ئۇلارغا سوۋغا ئەۋەتىمەن، ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن»
Verse 36
ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ اﷲ نىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوغاڭلار بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر
Verse 37
سەن قايتىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز، ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز»
Verse 38
سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ»
Verse 39
جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»
Verse 40
(نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇز كورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (اﷲ نىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى
Verse 41
سۇلايمان (بىلقىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىناش يۈزىسىدىن) ئېيتتى: «ئۇنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) تەختىنىڭ (شەكلىنى) ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، تونىمامدۇ، قارايمىز»
Verse 42
بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلايمان اﷲ نىڭ نېمىتىنى سۆزلەش يۈزىسىدىن ئېيتتى) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇن بىزگە (اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بېرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق
Verse 43
ئۇنى اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى (اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتىن) توستى. چۈنكى ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى
Verse 44
ئۇنىڭغا (يەنى بىلقىسقا): «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ (كىيىمىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا بويسۇندۇم (يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)»
Verse 45
بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا (يەنى سەمۇد قەبىلىسىگە نەسەب جەھەتتىن) قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ناگاھان ئۇلار جېدەللىشىدىغان (يەنى دىن بارىسىدا جىدەللىشىدىغان مۆمىنلەر ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى
Verse 46
سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»
Verse 47
ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى يامانلىق اﷲ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى اﷲ سىنايدۇ»
Verse 48
شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى
Verse 49
ئۇلار: «ئۆز ئارا اﷲ بىلەن قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئېيتتى: «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز، دەيلى»
Verse 50
ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن) سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق
Verse 51
ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق
Verse 52
ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالى بولۇپ قالدى. اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار
Verse 53
ﯗﯘﯙﯚﯛ
ﯜ
(سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق
Verse 54
(لۇتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر
Verse 55
سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر»
Verse 56
ئۇلارنىڭ بىردىن - بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
Verse 57
بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى ئازابقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق
Verse 58
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
Verse 59
«جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. اﷲ ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟
Verse 60
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، اﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر
Verse 61
زېمىننى) ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ اﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
Verse 62
بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ اﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر
Verse 63
قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ اﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
Verse 64
(ئىنساننى) دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ اﷲ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى، «) ئەگەر دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار»
Verse 65
اﷲ تىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ
Verse 66
ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر
Verse 67
كاپىرلار (يەنى قايتا تىرىلىشىنى ئىنكار قىلغۇچى مەككە مۇشرىكلىرى) ئېيتتى: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (قەبرىمىزدىن تىرىلىپ) چوقۇم چىقىرىلامدۇق
Verse 68
ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا ئىلگىرى (قايتا تىرىلىش) ۋەدە قىلىنغان ئىدى. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسىلىرىدۇر»
Verse 69
سەن (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىن: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار») ئۇلارنى اﷲ ھالاك قىلمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكى كۇففارلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن كېيىنكى كۇففارلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ)
Verse 70
(ئى مۇھەمممەد!) سەن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن (اﷲ سېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)
Verse 71
ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان) ئازاب قاچان چۈشىدۇ» دېيىشىدۇ
Verse 72
«سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن (بۇ بەدرى سوقۇشىدا ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئەسىرگە ئېلىنىشىدۇر)
Verse 73
پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (پەرۋەردىگارىغا) شۈكۈر قىلمايدۇ
Verse 74
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ئاداۋىتىنى ۋە سۈيىقەستىنى) شەك - شۈبھىسىز بىلىدۇ
Verse 75
ئاسمان زېمىندا لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق
Verse 76
(پەيغەمبەرلەرنڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
Verse 77
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
قۇرئان مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر
Verse 78
شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ غالىبتۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى) بىلگۈچىدۇر
Verse 79
اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى اﷲ قا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا اﷲ قا يۆلەنگىن، اﷲ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) دىسەن
Verse 80
سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن
Verse 81
سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن
Verse 82
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ
Verse 83
ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى) ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى - كەينى يىغىلغۇچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ
Verse 84
ئۇلار) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، اﷲ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟» دەيدۇ
Verse 85
ئۇلار) ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ
Verse 86
ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
Verse 87
ئۇ كۈندە سۇر چىلىنىدۇ، اﷲ خالىغانلاردىن (يەنى پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلاردىن) باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە اﷲ قا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ
Verse 88
تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان اﷲ نىڭ ھۈنىرىدۇر، اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
Verse 89
ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنجىدىن ئەمىن بولىدۇ
Verse 90
يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
Verse 91
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت اﷲ ھۈرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ) سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»
Verse 92
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت اﷲ ھۈرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ) سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»
Verse 93
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇر، اﷲ سىلەرگە (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى (تونۇش پايدا بەرمەيدىغان چاغدا) تونۇيسىلەر، پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
تقدم القراءة