Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە بەلەد سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى
Verse 1
ﭽﭾﭿﮀ
ﮁ
سۈرە بەلەد
بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن
Verse 2
ﮂﮃﮄﮅ
ﮆ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر
Verse 3
ﮇﮈﮉ
ﮊ
ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن
Verse 4
ﮋﮌﮍﮎﮏ
ﮐ
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق
Verse 5
ﮑﮒﮓﮔﮕﮖ
ﮗ
ئۇ (يەنى فاجىر، شەقى ئادەم) ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
Verse 6
ﮘﮙﮚﮛ
ﮜ
ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ
Verse 7
ﮝﮞﮟﮠﮡ
ﮢ
ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟
Verse 8
ﮣﮤﮥﮦ
ﮧ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟
Verse 9
ﮨﮩ
ﮪ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟
Verse 10
ﮫﮬ
ﮭ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟
Verse 11
ﮮﮯﮰ
ﮱ
ئۇ داۋان ئاشمىدى
Verse 12
ﯓﯔﯕﯖ
ﯗ
داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟
Verse 13
ﯘﯙ
ﯚ
(داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر،
Verse 14
ﯛﯜﯝﯞﯟﯠ
ﯡ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر،
Verse 15
ﯢﯣﯤ
ﯥ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر،
Verse 16
ﯦﯧﯨﯩ
ﯪ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر
Verse 17
شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر
Verse 18
ﯵﯶﯷ
ﯸ
ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر
Verse 19
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖ
ﭗ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر
Verse 20
ﭘﭙﭚ
ﭛ
ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ
تقدم القراءة