سورة المدثر

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Verse 1

سۈرە مۇددەسسىر


ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)
Verse 2

تۇر! (ئىنسانلارنى) اﷲ ىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر
Verse 3

پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا
Verse 5

ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول
Verse 6

كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)،
Verse 7

پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل
Verse 8

سۇر چېلىنغان ۋاقىت - ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر
Verse 9

سۇر چېلىنغان ۋاقىت - ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر
Verse 11

(ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت
Verse 13

ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم
Verse 14

ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردۈم
Verse 15

ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ

ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى
Verse 17

ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن
Verse 18

ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى
Verse 19

لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى
Verse 20

يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى
Verse 22

ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،
Verse 23

ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى،

«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى،

«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى
Verse 26

ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن
Verse 27

سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
Verse 28

ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)
Verse 29

ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ
Verse 30

ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر

بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن اﷲ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، اﷲ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى اﷲ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
Verse 32

ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى،
Verse 33

ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى،
Verse 34

يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى،
Verse 35

شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)
Verse 36

ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر
Verse 39

پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا
Verse 40

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ
Verse 41

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ
Verse 42

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق
Verse 45

بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھودە سۆز قىلاتتۇق
Verse 46

قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق،
Verse 47

تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)»
Verse 48

شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)

ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ
Verse 50

گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)
Verse 51

گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)

بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار اﷲ نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ)

ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ
Verse 54

ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز - نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر)
Verse 55

خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ

ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ، اﷲ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر
تقدم القراءة