سورة الواقعة

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Verse 1

سۈرە ۋاقىئە

قىيامەت قايىم بولغان چاغدا،
Verse 2

ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ
Verse 3

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ
Verse 4

Verse 5

Verse 6

Verse 7

سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر

(بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر

(ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە - ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر
Verse 10

(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر
Verse 11

ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر
Verse 12

ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر
Verse 13

بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر
Verse 14

بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر
Verse 15

ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ
Verse 16

Verse 17

(قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ

ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ
Verse 20

ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ
Verse 21

ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ
Verse 22

ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ
Verse 23

بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر
Verse 24

ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ

Verse 26

سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە - ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ
Verse 28

ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
Verse 29

Verse 30

Verse 31

Verse 32

Verse 33

Verse 34

Verse 35

شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق
Verse 36

Verse 37

Verse 38

بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر
Verse 39

بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر
Verse 40

كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

بەختسىزلەر (يەنى نامە - ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟
Verse 42

ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ
Verse 43

Verse 44

چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى

ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى

ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى
Verse 48

Verse 49

ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ

ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!
Verse 53

ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر
Verse 54

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر
Verse 55

Verse 56

مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر
Verse 57

(ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟
Verse 58

سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنىي دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە اﷲ نىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (اﷲ نىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟
Verse 63

سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)

ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق - دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار
Verse 66

سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)
Verse 67

Verse 68

سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
Verse 71

سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ

ئۇنىڭ دەرىخىنى (يەنى مۇرخۇ، ئۇبار ناملىق بىرىنىڭ شېخىنى بىرىگە سۈركىسە ھۆل تۇرۇپلا ئوت ئالىدىغان دەرەخنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟

ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق
Verse 74

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن قىلىمەن

شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار اﷲ نىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر
Verse 77

شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
Verse 78

كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر
Verse 79

ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ
Verse 80

ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
Verse 81

(ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟
Verse 82

(سىلەر اﷲ نىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟
Verse 83

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر
Verse 84

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)

ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار
Verse 87

ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت - ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت - پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ
Verse 89

ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا، (ئۇلار راھەت - پاراغەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن ساڭا سالام!

ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ
Verse 93

Verse 94

جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ
Verse 96

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن
تقدم القراءة