سورة النازعات

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە نازىئات سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation

Verse 1

سۈرە نازىئات


(كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
Verse 2

(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
Verse 3

(اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
Verse 4

(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،
Verse 5

(اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)
Verse 6

بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ
Verse 7

ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ
Verse 8

بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ
Verse 9

شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ

ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)
Verse 11

ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»

ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»
Verse 13

بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ
Verse 14

بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:

«سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى

ئۇنىڭغا: (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى خالامسەن
Verse 19

سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن - دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»
Verse 20

مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى
Verse 21

پىرئەۋن (اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى
Verse 22

ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى
Verse 23

(ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ
Verse 24

دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»

اﷲ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى

شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ تىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ

سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ اﷲ ئاسماننى ياراتتى
Verse 28

ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم - كۈتىسىز قىلدى
Verse 29

ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى
Verse 30

شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى
Verse 31

زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى
Verse 32

تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى
Verse 33

اﷲ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)

(شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى - يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ
Verse 36

قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ
Verse 37

كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،
Verse 38

دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن،
Verse 39

ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ

پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك،
Verse 41

ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ

ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ
Verse 43

سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟
Verse 44

ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر

سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر

ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)
تقدم القراءة