ترجمة سورة الشرح

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الشرح باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟[1]
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق[2ـ3].
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق[2ـ3].
سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق[4].
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار[5].
ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار[6].
(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن[7].
پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن[8].
Icon