الترجمة الأويغورية دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە كەھف سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى
Verse 1
جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1 ـ 2].
Verse 2
جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1 ـ 2].
Verse 3
ﯸﯹﯺ
ﯻ
ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ[3].
Verse 4
ﯼﯽﯾﯿﰀﰁ
ﰂ
ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ[4].
Verse 5
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ[5].
Verse 6
ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن[6].
Verse 7
ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق[7].
Verse 8
ﭼﭽﭾﭿﮀﮁ
ﮂ
بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى (دەل ـ دەرەخ، تاغ ۋە بىنا قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز[8].
Verse 9
ئەسھابۇلكەھفنى ۋە رەقىم (يەنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختا) نى (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭھەيران قالارلىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟[9].
Verse 10
ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى[10].
Verse 11
ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق[11].
Verse 12
ئاندىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى ئەسھابۇلكەھف ئىچىدىكى قانچىلىك ئۇخلىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقان ئىككى گۇرۇھ) تىن قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق[12].
Verse 13
بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر[13].
Verse 14
ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (يەنى ئىرادىسىنى) مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئىمانسىز زالىم پادىشاھ ئالدىدا) دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار) دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز[14].
Verse 15
بىزنىڭ قەۋمىمىز ئاللاھنى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟»[15].
Verse 16
(ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ[16].
Verse 17
كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشىكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن[17].
Verse 18
(مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ[18].
Verse 19
ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئۇيقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن[19].
Verse 20
ئەگەر شەھەردىكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»[20].
Verse 21
ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشىلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى. ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى[21].
Verse 22
ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر). يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ». ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسەسىنى سورىمىغىن[22].
Verse 23
سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي[23]،
Verse 24
«خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ دۇرۇس ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن[24].
Verse 25
ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى[25].
Verse 26
ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ»[26].
Verse 27
(ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن[27].
Verse 28
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، داۋاملىق ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان ئادەمگە ئەگەشمىگىن[28].
Verse 29
(ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![29].
Verse 30
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز[30].
Verse 31
ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي![31]
Verse 32
ئۇلارغا مۇنداق (بىرى مۆمىن، بىرى كاپىر بولغان) ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە (يەنى كاپىرغا) بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، (ئىككى باغنىڭ) ئوتتۇرىسى ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق[32].
Verse 33
ھەر ئىككىلىسى كەم ـ كۈتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق[33].
Verse 34
ئۇ (يەنى باغ ئىگىسى) نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم (يەنى خىزمەتچىلىرىم، بالىلىرىم، ياردەمچىلىرىم) سېنىڭدىن كۆپ» دېدى[34].
Verse 35
ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن[35].
Verse 36
شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»[36].
Verse 37
ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟[37]
Verse 38
لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن[38].
Verse 39
سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ[39]،
Verse 40
ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي[40]،
Verse 41
ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئىزدەش (يەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي»[41].
Verse 42
ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، ئۈزۈم بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى[42].
Verse 43
ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭدىن بۇ بالانى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى[43].
Verse 44
بۇ يەردە (يەنى مۇنداق ھالەتتە) مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، (ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ) ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر[44].
Verse 45
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ ـ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[45].
Verse 46
ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر[46].
Verse 47
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز[47].
Verse 48
ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ ـ سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىڭغا توغرىلىنىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ، دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساپ بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز[48].
Verse 49
كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ[49].
Verse 50
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ (سەجدە قىلمىغانلىقتىن) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)[50].
Verse 51
ئۇلار (يەنى شەيتانلار) غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق (يەنى مەزكۇرلارنى خەلق ئەتكەن چېغىمدا ئۇلارنى ھازىر قىلغىنىم يوق)، (كىشىلەرنى) ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق[51].
Verse 52
شۇ كۈندە ئاللاھ (ئۇلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلار (نىڭ شېرىكلىرى) جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئۇلار ئۆتەلمەيدىغان) ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق[52].
Verse 53
گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ[53].
Verse 54
بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ (يەنى كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)[54].
Verse 55
ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ئاللاھنىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر[55].
Verse 56
بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) خوشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كاپىرلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن) ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (يەنى ئويۇنچۇق) قىلىۋالدى[56].
Verse 57
پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ)[57].
Verse 58
پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىت كەلگەندە) ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناھگاھ تاپالمايدۇ[58].
Verse 59
شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى (يەنى ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئوخشاش ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق[59].
Verse 60
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا (يەنى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا): «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، (شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر) ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى[60].
Verse 61
ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى[61].
Verse 62
ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن) ئۆتكەندە، مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى[62].
Verse 63
ياش خادىم: «بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا (يۈز بەرگەن ئىشتىن يەنى پىشۇرۇلغان بېلىقنىڭ تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىزىق ئىشتىن) خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن راستلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. بېلىقنىڭ (ئاجايىپ ۋەقەسى) نى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى[63].
Verse 64
مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى[64].
Verse 65
ئۇ ئىككىسى (بېلىقنى ئۇنتۇغان چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى (يەنى ئىلمىي غەيبنى) بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى (يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) ئۇچراتتى[65].
Verse 66
مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى[66].
Verse 67
ﮘﮙﮚﮛﮜﮝ
ﮞ
ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن[67].
Verse 68
سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن (يەنى قارىماققا يامان، ئەمما ماھىيىتىنى سەن چۈشەنمىگەن) ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟»[68].
Verse 69
مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»[69].
Verse 70
(خىزىر) ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگۈچە ئۇنىڭدىن سورىما (يەنى ئۆزۈم سۆزلەپ بەرمىگۈچە قىلغان ئىشلىرىمدىن سورىما)»[70].
Verse 71
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى (يەنى كېمىنىڭ بىر تاختىسىنى سۇغۇرۇۋەتتى)، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن، دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچلۇق) چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى[71].
Verse 72
(خىزىر) سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟» دېدى[72].
Verse 73
مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»[73].
Verse 74
ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»[74].
Verse 75
(خىزىر) ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟ »[75]
Verse 76
مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام (يەنى قىلغان ئىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم)، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا (ماڭا ھەمراھ بولماسلىقتا) مەزۇرسەن»[76].
Verse 77
ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»[77].
Verse 78
(خىزىر) ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش (ۋاقتىمىز)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان (يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ) ھەقىقىتىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي[78].
Verse 79
كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيبناك قىلماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (يەنى بارىدىغان يوللىرىدا) ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى[79].
Verse 80
(ئۆلتۈرۈلگەن) بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۆمىن ئىدى. ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق[80].
Verse 81
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق[81].
Verse 82
تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر، ئۇنى (يەنى يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»[82].
Verse 83
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسەسىنى (ۋەھىي ئاساسىدا) بايان قىلىمەن» دېگىن[83].
Verse 84
ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق[84].
Verse 85
ﭜﭝ
ﭞ
زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) يولغا ماڭدى[85].
Verse 86
ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق[86].
Verse 87
زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[87].
Verse 88
كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز»[88].
Verse 89
ﮖﮗﮘ
ﮙ
ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى[89].
Verse 90
زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈن نۇرىنىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق[90].
Verse 91
ئەھۋال شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق[91].
Verse 92
ﯓﯔﯕ
ﯖ
ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى[92].
Verse 93
زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى[93].
Verse 94
ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى[94].
Verse 95
زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي[95].
Verse 96
ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆرۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى[96].
Verse 97
ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى[97].
Verse 98
زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»[98].
Verse 99
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز[99].
Verse 100
ﭱﭲﭳﭴﭵ
ﭶ
ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز[100].
Verse 101
ئۇلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا دىللىرىنىڭ) كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىنى زۇلمەت باسقانلىقى ئۈچۈن كالامۇللاھنى) ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى[101].
Verse 102
كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق[102].
Verse 103
ﮓﮔﮕﮖﮗ
ﮘ
سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟[103]
Verse 104
ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر[104].
Verse 105
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز[105].
Verse 106
كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر[106].
Verse 107
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ[107].
Verse 108
ﯪﯫﯬﯭﯮﯯ
ﯰ
ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ[108].
Verse 109
ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ»[109].
Verse 110
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»[110].
تقدم القراءة