الترجمة الأويغورية دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە نۇر سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى
Verse 1
(ئى مۇھەممەد!) بۇ بىر سۈرىدۇركى، ئۇنى بىز (ساڭا) نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدىكى (ئەھكاملارنى) پەرز قىلىپ بېكىتتۇق، (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا (سىلەرنى ئەمەل قىلسۇن دەپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق[1].
Verse 2
زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن[2].
Verse 3
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى[3].
Verse 4
ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر). ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر)[4].
Verse 5
كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى ئىپپەتلىك ئاياللارغا قايتا تۆھمەت چاپلىمىغانلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا (ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىڭلار)، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى بەندە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ)، تولىمۇ مېھرىباندۇر[5].
Verse 6
خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن[6].
Verse 7
بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دېسۇن[7].
Verse 8
خوتۇن كىشى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچسە، جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىنىدۇ[8].
Verse 9
بەشىنچى قېتىمىدا، ئۇ ئەگەر راستچىللاردىن بولسا (يەنى ئېرىمنىڭ گېپى راست بولىدىغان بولسا) ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن دەپ قەسەم قىلىدۇ[9].
Verse 10
ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى (چوقۇم رەسۋا بولاتتىڭلار)، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[10].
Verse 11
شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامان دەپ گۇمان قىلماڭلار، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[11].
Verse 12
بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر بىر-بىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟[12]
Verse 13
ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ[13].
Verse 14
سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، بوھتان چاپلىغىنىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار[14].
Verse 15
ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر[15].
Verse 16
ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار[16].
Verse 17
ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار[17].
Verse 18
ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە گۈزەل ئەدەب ـ ئەخلاقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، (تەدبىر قوللىنىشتا ۋە شەرىئىتىنى بەرپا قىلىشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
Verse 19
مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر[19].
Verse 20
ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى (سىلەرنى قاتتىق جازالايتتى)، ئاللاھ شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[20].
Verse 21
ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋەلېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[21].
Verse 22
ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[22].
Verse 23
يامان ئىشتىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك، مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[23].
Verse 24
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ[24].
Verse 25
شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ[25].
Verse 26
يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ[26].
Verse 27
ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق ـ ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر[27].
Verse 28
ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[28].
Verse 29
شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان (يەنى دۇكان ـ سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ[29].
Verse 30
مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار[30].
مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن. تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار[31].
Verse 32
ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر[32].
ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار (يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل ـ مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار) بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال ـ مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى (ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم تەرىقىسىدە) ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا)رەھىم قىلغۇچىدۇر(يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ)[33].
Verse 34
(ئى مۆمىنلەر!) بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتلەرنى شەك – شۈبھىسىز نازىل قىلدۇق[34].
ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈن بويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ)، يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[35].
Verse 36
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ[36].
Verse 37
ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ[37].
Verse 38
ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[38].
Verse 39
كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[39].
Verse 40
ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشى دەپ گۇمان قىلغان) ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى (يەنى دېڭىزنى) قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ)[40].
Verse 41
ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر(مەخلۇق) نىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[41].
Verse 42
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، (خالايىقنىڭ) ئاخىر قايتىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[42].
Verse 43
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ (يەنى ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنىڭ زىرائىتى، مېۋىسى ۋە چارۋىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ) ۋە ئۇنىڭ (زىيىنىدىن) خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى (قارىغۇچىلارنى) كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ[43].
Verse 44
ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار[44].
Verse 45
ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[45].
Verse 46
شۈبھىسىزكى، بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ[46].
Verse 47
(مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۆمىن ئەمەس[47].
Verse 48
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ[48].
Verse 49
ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ[49].
Verse 50
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر[50].
Verse 51
(پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[51].
Verse 52
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[52].
Verse 53
(مۇناپىقلار) ئەگەر سەن ئۇلارنى (جىھادقا) چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى، «قەسەم قىلماڭلار، (قەسىمىڭلار يالغان، سىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى) ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر»[53].
Verse 54
ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»[54].
Verse 55
ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[55].
Verse 56
ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[56].
Verse 57
كاپىرلارنى زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![57].
ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئۇلار سىلەرگە كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[58].
Verse 59
كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلار ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار كىرىشتە) ئىجازەت سورىغاندەك، (ئۆيگە كىرىشتە ھەممە ۋاقىت) ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (دىننىڭ ئىشلىرىنى) سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[59].
Verse 60
ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا (رىدا، نىمچىغا ئوخشاش) تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە (ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن يۈرسە)، ھېچ گۇناھ يوقتۇر، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشتىن ساقلانسا ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[60].
(جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، ياكى دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن، دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ[61].
Verse 62
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[62].
Verse 63
(ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار. سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن[63].
Verse 64
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[64].
تقدم القراءة