الترجمة الأويغورية دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە تاھا سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى
Verse 1
ﭵ
ﭶ
تاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!)[1].
Verse 2
ﭷﭸﭹﭺﭻ
ﭼ
قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس[2]،
Verse 3
ﭽﭾﭿﮀ
ﮁ
پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق[3].
Verse 4
ﮂﮃﮄﮅﮆﮇ
ﮈ
ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان[4].
Verse 5
ﮉﮊﮋﮌ
ﮍ
مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى[5].
Verse 6
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر)[6].
Verse 7
ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[7].
Verse 8
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار[8].
Verse 9
ﮭﮮﮯﮰ
ﮱ
مۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟[9]
Verse 10
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى[10].
Verse 11
ﯦﯧﯨﯩ
ﯪ
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا![11]
Verse 12
مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن[12].
Verse 13
ﭑﭒﭓﭔﭕ
ﭖ
مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن[13].
Verse 14
مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن[14].
Verse 15
قىيامەتنىڭ بولۇشى مۇھەققەقتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم[15].
Verse 16
قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ )[16].
Verse 17
ﭹﭺﭻﭼ
ﭽ
ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»[17]
Verse 18
مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»[18].
Verse 19
ﮌﮍﮎ
ﮏ
ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى[19].
Verse 20
ﮐﮑﮒﮓﮔ
ﮕ
مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى[20].
Verse 21
ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز[21].
Verse 22
قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر[22].
Verse 23
ﮫﮬﮭﮮ
ﮯ
ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز[23].
Verse 24
ﮰﮱﯓﯔﯕ
ﯖ
پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»[24].
Verse 25
ﯗﯘﯙﯚﯛ
ﯜ
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن[25].
Verse 26
ﯝﯞﯟ
ﯠ
مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن[26].
Verse 27
ﯡﯢﯣﯤ
ﯥ
تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن[27].
Verse 28
ﯦﯧ
ﯨ
ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن[28].
Verse 29
ﯩﯪﯫﯬﯭ
ﯮ
ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
Verse 30
ﯯﯰ
ﯱ
ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
Verse 31
ﯲﯳﯴ
ﯵ
ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن[31].
Verse 32
ﯶﯷﯸ
ﯹ
مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن[32].
Verse 33
ﯺﯻﯼ
ﯽ
بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز[33].
Verse 34
ﯾﯿ
ﰀ
ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز[34].
Verse 35
ﰁﰂﰃﰄ
ﰅ
سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»[35].
Verse 36
ﰆﰇﰈﰉﰊ
ﰋ
ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى[36].
Verse 37
ﰌﰍﰎﰏﰐ
ﰑ
(بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق[37].
Verse 38
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖ
ﭗ
ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»[38].
Verse 39
(ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم[39].
Verse 40
ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ[40].
Verse 41
ﮖﮗ
ﮘ
سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم[41].
Verse 42
(ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار[42].
Verse 43
ﮢﮣﮤﮥﮦ
ﮧ
پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[43].
Verse 44
ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن[44].
Verse 45
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى[45].
Verse 46
ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن[46].
Verse 47
سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ[47].
Verse 48
بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىندىكى، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەم (قاتتىق) ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار»[48].
Verse 49
ﰉﰊﰋﰌ
ﰍ
(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى[49].
Verse 50
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»[50].
Verse 51
ﰘﰙﰚﰛﰜ
ﰝ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟ (يەنى قانداق بولغان؟) »[51]
Verse 52
مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ[52].
Verse 53
ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»[53].
Verse 54
(ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[54].
Verse 55
سىلەرنى زېمىندىن خەلق ئەتتۇق، (ئۆلگۈنۈڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز[55].
Verse 56
ﮇﮈﮉﮊﮋﮌ
ﮍ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى[56].
Verse 57
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز (مىسىر) دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟[57]
Verse 58
ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»[58].
Verse 59
مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»[59].
Verse 60
ﮮﮯﮰﮱﯓﯔ
ﯕ
پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى[60].
Verse 61
مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»[61].
Verse 62
ﯧﯨﯩﯪﯫ
ﯬ
ئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى[62].
Verse 63
ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ[63].
Verse 64
ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»[64].
Verse 65
ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى (ئارغامچا، ھاسىلىرىمىزنى) بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»[65]
Verse 66
مۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى[66].
Verse 67
ﭫﭬﭭﭮﭯ
ﭰ
(بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى[67].
Verse 68
ﭱﭲﭳﭴﭵﭶ
ﭷ
بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن[68]،
Verse 69
قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[69].
Verse 70
(مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى[70].
Verse 71
پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»[71].
Verse 72
ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ[72].
Verse 73
بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»[73].
Verse 74
كىمكى گۇناھكار ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ[74].
Verse 75
كىمكى مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ[75].
Verse 76
ئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر[76].
Verse 77
بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»[77].
Verse 78
پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ لەشكىرىنى) دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى (يەنى ئۇلار دېڭىزدا غەرق بولدى)[78].
Verse 79
ﭭﭮﭯﭰﭱ
ﭲ
پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، (ئۇلارنى) توغرا يولغا باشلىمىدى[79].
Verse 80
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[80].
Verse 81
(ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ـ ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ[81].
Verse 82
تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»[82].
Verse 83
ﮟﮠﮡﮢﮣﮤ
ﮥ
«ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق[83].
Verse 84
مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»[84].
Verse 85
ئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»[85].
Verse 86
مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»[86].
Verse 87
ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇ- زىننەتلىرىنى) تاشلىدى»[87].
Verse 88
سامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇ - زىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)»[88].
Verse 89
ئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟[89].
Verse 90
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى[90].
Verse 91
ئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى[91].
Verse 92
مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟[92]
Verse 93
ﮏﮐﮑﮒﮓ
ﮔ
مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟[93].
Verse 94
ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»[94].
Verse 95
ﮩﮪﮫﮬ
ﮭ
مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)»[95].
Verse 96
سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»[96].
Verse 97
مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»[97].
Verse 98
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[98].
Verse 99
(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[99].
Verse 100
كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ[100].
Verse 101
(ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان![101].
Verse 102
بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز[102].
Verse 103
ﭼﭽﭾﭿﮀﮁ
ﮂ
(قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ[103].
Verse 104
ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ[104].
Verse 105
ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)[105].
Verse 106
ﮘﮙﮚ
ﮛ
ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ[106].
Verse 107
ﮜﮝﮞﮟﮠﮡ
ﮢ
ئۇ يەرلەردە نە چوڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن»[107].
Verse 108
بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن[108].
Verse 109
بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ[109].
Verse 110
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ[110].
Verse 111
گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى(مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ[111].
Verse 112
مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ[112].
Verse 113
ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق[113].
Verse 114
ئاللاھ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغىچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن[114].
Verse 115
بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق[115].
Verse 116
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى[116].
Verse 117
بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر[117].
Verse 118
جەننەتتە سەن ھەقىقەتەن ئاچ قالمايسەن ۋە يالىڭاچ قالمايسەن[118].
Verse 119
ﮐﮑﮒﮓﮔﮕ
ﮖ
ھەمدە ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتمەيسەن، ئىسسىپ كەتمەيسەن»[119].
Verse 120
شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى[120].
Verse 121
ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى[121].
Verse 122
ﯗﯘﯙﯚﯛﯜ
ﯝ
ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى[122].
Verse 123
ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ[123].
Verse 124
كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»[124].
Verse 125
ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ[125].
Verse 126
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»[126].
Verse 127
ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[127].
Verse 128
ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[128].
Verse 129
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە) قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى) چوقۇم ئىدى[129].
Verse 130
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن[130].
Verse 131
بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ - زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر[131].
Verse 132
(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر[132].
Verse 133
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟[133].
Verse 134
ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى[134].
Verse 135
ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»[135].
تقدم القراءة