سورة القدر

الترجمة الأويغورية

الترجمة الأويغورية دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە قەدر سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى

الترجمة الأويغورية

الناشر

مجمع الملك فهد

بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق[1].
شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟[2]
شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر[3].
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ[4].
شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر[5].
تقدم القراءة