الترجمة الأويغورية دىن الأويغورية تىلىدا سۈرە ساففات سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسى
Verse 1
ﭑﭒ
ﭓ
سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى[1 ـ 3].
Verse 2
ﭔﭕ
ﭖ
سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى[1 ـ 3].
Verse 3
ﭗﭘ
ﭙ
سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى[1 ـ 3].
Verse 4
ﭚﭛﭜ
ﭝ
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر[4].
Verse 5
(ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[5].
Verse 6
ﭦﭧﭨﭩﭪﭫ
ﭬ
بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق[6].
Verse 7
ﭭﭮﭯﭰﭱ
ﭲ
ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق[7].
Verse 8
ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، [8]
Verse 9
ﭽﭾﭿﮀﮁ
ﮂ
ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ[9].
Verse 10
لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)[10].
Verse 11
ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق[11].
Verse 12
ﮙﮚﮛ
ﮜ
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ[12].
Verse 13
ﮝﮞﮟﮠ
ﮡ
ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ[13].
Verse 14
ﮢﮣﮤﮥ
ﮦ
ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ[14].
Verse 15
ﮧﮨﮩﮪﮫﮬ
ﮭ
ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ[15ـ17].
Verse 16
ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ[15ـ17].
Verse 17
ﯗﯘ
ﯙ
ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ[15ـ17].
Verse 18
ﯚﯛﯜﯝ
ﯞ
ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»[18].
Verse 19
بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ[19].
Verse 20
ﯧﯨﯩﯪﯫ
ﯬ
ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ[20].
Verse 21
بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر[21].
Verse 22
(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار[22ـ23].
Verse 23
(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار[22ـ23].
Verse 24
ﰆﰇﰈﰉ
ﰊ
ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ[24].
Verse 25
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
(ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)[25].
Verse 26
ﭖﭗﭘﭙ
ﭚ
بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر[26].
Verse 27
ﭛﭜﭝﭞﭟ
ﭠ
ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ[27].
Verse 28
ﭡﭢﭣﭤﭥﭦ
ﭧ
ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توساتتىڭلار» دەيدۇ[28].
Verse 29
ﭨﭩﭪﭫﭬ
ﭭ
(ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار[29].
Verse 30
بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار[30].
Verse 31
پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز[31].
Verse 32
ﮂﮃﮄﮅ
ﮆ
سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»[32].
Verse 33
ﮇﮈﮉﮊﮋ
ﮌ
ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر[33].
Verse 34
ﮍﮎﮏﮐ
ﮑ
بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)[34].
Verse 35
ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى[35].
Verse 36
ﮝﮞﮟﮠﮡﮢ
ﮣ
ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى[36].
Verse 37
ﮤﮥﮦﮧﮨ
ﮩ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى[37].
Verse 38
ﮪﮫﮬﮭ
ﮮ
(ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر[38].
Verse 39
ﮯﮰﮱﯓﯔﯕ
ﯖ
سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر[39].
Verse 40
ﯗﯘﯙﯚ
ﯛ
پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ[40].
Verse 41
ﯜﯝﯞﯟ
ﯠ
ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ[41ـ42].
Verse 42
ﯡﯢﯣ
ﯤ
ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ[41ـ42].
Verse 43
ﯥﯦﯧ
ﯨ
ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ[43ـ44].
Verse 44
ﯩﯪﯫ
ﯬ
ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ[43ـ44].
Verse 45
ﯭﯮﯯﯰﯱ
ﯲ
ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ[45ـ46].
Verse 46
ﯳﯴﯵ
ﯶ
ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ[45ـ46].
Verse 47
ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ[47].
Verse 48
ﯿﰀﰁﰂ
ﰃ
ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ[48].
Verse 49
ﰄﰅﰆ
ﰇ
ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ[49].
Verse 50
ﰈﰉﰊﰋﰌ
ﰍ
ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ[50].
Verse 51
ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن[51ـ52].
Verse 52
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن[51ـ52].
Verse 53
بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟" دەيتتى»[53].
Verse 54
ﭞﭟﭠﭡ
ﭢ
ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ[54].
Verse 55
ﭣﭤﭥﭦﭧ
ﭨ
ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ[55].
Verse 56
ﭩﭪﭫﭬﭭ
ﭮ
ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن[56].
Verse 57
ﭯﭰﭱﭲﭳﭴ
ﭵ
ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتەمەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم[57].
Verse 58
ﭶﭷﭸ
ﭹ
بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58ـ59].
Verse 59
ﭺﭻﭼﭽﭾﭿ
ﮀ
بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58ـ59].
Verse 60
ﮁﮂﮃﮄﮅ
ﮆ
بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر[60].
Verse 61
ﮇﮈﮉﮊ
ﮋ
ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن»[61].
Verse 62
ﮌﮍﮎﮏﮐﮑ
ﮒ
بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟[62]
Verse 63
ﮓﮔﮕﮖ
ﮗ
زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق[63].
Verse 64
ﮘﮙﮚﮛﮜﮝ
ﮞ
شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر[64].
Verse 65
ﮟﮠﮡﮢ
ﮣ
ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ[65].
Verse 66
ﮤﮥﮦﮧﮨﮩ
ﮪ
ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ[66].
Verse 67
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ[67].
Verse 68
ﯔﯕﯖﯗﯘ
ﯙ
ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ[68].
Verse 69
ﯚﯛﯜﯝ
ﯞ
ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى[69].
Verse 70
ﯟﯠﯡﯢ
ﯣ
ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى[70].
Verse 71
ﯤﯥﯦﯧﯨ
ﯩ
ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى[71].
Verse 72
ﯪﯫﯬﯭ
ﯮ
بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق[72].
Verse 73
ﯯﯰﯱﯲﯳ
ﯴ
ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن[73].
Verse 74
ﯵﯶﯷﯸ
ﯹ
لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)[74].
Verse 75
ﯺﯻﯼﯽﯾ
ﯿ
نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز![75].
Verse 76
ﰀﰁﰂﰃﰄ
ﰅ
بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق[76].
Verse 77
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق[77].
Verse 78
ﭖﭗﭘﭙ
ﭚ
كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[78].
Verse 79
ﭛﭜﭝﭞﭟ
ﭠ
خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ[79].
Verse 80
ﭡﭢﭣﭤ
ﭥ
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[80].
Verse 81
ﭦﭧﭨﭩ
ﭪ
ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى[81].
Verse 82
ﭫﭬﭭ
ﭮ
ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق[82].
Verse 83
ﭯﭰﭱﭲﭳ
ﭴ
ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى[83].
Verse 84
ﭵﭶﭷﭸﭹ
ﭺ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى[84].
Verse 85
ﭻﭼﭽﭾﭿﮀ
ﮁ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟[85]
Verse 86
ﮂﮃﮄﮅﮆ
ﮇ
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟[86]
Verse 87
ﮈﮉﮊﮋ
ﮌ
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»[87]
Verse 88
ﮍﮎﮏﮐ
ﮑ
ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، [88 ـ ]
Verse 89
ﮒﮓﮔ
ﮕ
ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى[ 89].
Verse 90
ﮖﮗﮘ
ﮙ
ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)[90].
Verse 91
ﮚﮛﮜﮝﮞﮟ
ﮠ
ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى[91ـ92].
Verse 92
ﮡﮢﮣﮤ
ﮥ
ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى[91ـ92].
Verse 93
ﮦﮧﮨﮩ
ﮪ
ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى[93].
Verse 94
ﮫﮬﮭ
ﮮ
ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى[94].
Verse 95
ﮯﮰﮱﯓ
ﯔ
ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟[95].
Verse 96
ﯕﯖﯗﯘ
ﯙ
ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»[96].
Verse 97
ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى[97].
Verse 98
ﯢﯣﯤﯥﯦ
ﯧ
بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق[98].
Verse 99
ﯨﯩﯪﯫﯬﯭ
ﯮ
ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ[99].
Verse 100
ﯯﯰﯱﯲﯳ
ﯴ
پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»[100].
Verse 101
ﯵﯶﯷ
ﯸ
بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[101].
Verse 102
ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»[102].
Verse 103
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى[103].
Verse 104
ﭖﭗﭘ
ﭙ
بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
Verse 105
بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
Verse 106
ﭣﭤﭥﭦﭧ
ﭨ
بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر[106].
Verse 107
ﭩﭪﭫ
ﭬ
بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق[107].
Verse 108
ﭭﭮﭯﭰ
ﭱ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[108].
Verse 109
ﭲﭳﭴ
ﭵ
ئىبراھىمغا سالام بولسۇن![109]
Verse 110
ﭶﭷﭸ
ﭹ
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[110].
Verse 111
ﭺﭻﭼﭽ
ﭾ
ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[111].
Verse 112
ﭿﮀﮁﮂﮃ
ﮄ
ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[112].
Verse 113
ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ[113].
Verse 114
ﮑﮒﮓﮔﮕ
ﮖ
بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق[114].
Verse 115
ﮗﮘﮙﮚﮛ
ﮜ
ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق[115].
Verse 116
ﮝﮞﮟﮠ
ﮡ
بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى[116].
Verse 117
ﮢﮣﮤ
ﮥ
ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[117].
Verse 118
ﮦﮧﮨ
ﮩ
ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق[118].
Verse 119
ﮪﮫﮬﮭ
ﮮ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق[119].
Verse 120
ﮯﮰﮱﯓ
ﯔ
مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن![120]
Verse 121
ﯕﯖﯗﯘ
ﯙ
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[121].
Verse 122
ﯚﯛﯜﯝ
ﯞ
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[122]
Verse 123
ﯟﯠﯡﯢ
ﯣ
ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[123].
Verse 124
ﯤﯥﯦﯧﯨ
ﯩ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[124]
Verse 125
ﯪﯫﯬﯭﯮ
ﯯ
سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟[125]
Verse 126
ﯰﯱﯲﯳﯴ
ﯵ
ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[126].
Verse 127
ﭑﭒﭓ
ﭔ
ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127].
Verse 128
ﭕﭖﭗﭘ
ﭙ
پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[128].
Verse 129
ﭚﭛﭜﭝ
ﭞ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق[129].
Verse 130
ﭟﭠﭡﭢ
ﭣ
ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن![130].
Verse 131
ﭤﭥﭦﭧ
ﭨ
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[131].
Verse 132
ﭩﭪﭫﭬ
ﭭ
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[132].
Verse 133
ﭮﭯﭰﭱ
ﭲ
لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[133].
Verse 134
ﭳﭴﭵﭶ
ﭷ
ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق[134].
Verse 135
ﭸﭹﭺﭻ
ﭼ
پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[135].
Verse 136
ﭽﭾﭿ
ﮀ
ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق[136].
Verse 137
ﮁﮂﮃﮄ
ﮅ
(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138].
Verse 138
ﮆﮇﮈﮉ
ﮊ
(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138].
Verse 139
ﮋﮌﮍﮎ
ﮏ
يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[139]
Verse 140
ﮐﮑﮒﮓﮔ
ﮕ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى[140].
Verse 141
ﮖﮗﮘﮙ
ﮚ
(كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)[141].
Verse 142
ﮛﮜﮝﮞ
ﮟ
ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى[142].
Verse 143
ﮠﮡﮢﮣﮤ
ﮥ
ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، [143]
Verse 144
ﮦﮧﮨﮩﮪﮫ
ﮬ
بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[-144].
Verse 145
ﮭﮮﮯﮰﮱ
ﯓ
ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى[145].
Verse 146
ﯔﯕﯖﯗﯘ
ﯙ
ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق[146]. ئ
Verse 147
ﯚﯛﯜﯝﯞﯟ
ﯠ
ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[147].
Verse 148
ﯡﯢﯣﯤ
ﯥ
(ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق[148].
Verse 149
ﯦﯧﯨﯩﯪ
ﯫ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟[149]
Verse 150
ﯬﯭﯮﯯﯰﯱ
ﯲ
ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)[150].
Verse 151
ﯳﯴﯵﯶﯷ
ﯸ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152].
Verse 152
ﯹﯺﯻﯼ
ﯽ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152].
Verse 153
ﯾﯿﰀﰁ
ﰂ
ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟[153]
Verse 154
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟[154]
Verse 155
ﭖﭗ
ﭘ
ئويلاپ باقمامسىلەر؟[155]
Verse 156
ﭙﭚﭛﭜ
ﭝ
ياكى (ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟[156]
Verse 157
ﭞﭟﭠﭡﭢ
ﭣ
(ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)[157].
Verse 158
ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)[158].
Verse 159
ﭰﭱﭲﭳ
ﭴ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[159].
Verse 160
ﭵﭶﭷﭸ
ﭹ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)[160].
Verse 161
ﭺﭻﭼ
ﭽ
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
Verse 162
ﭾﭿﮀﮁ
ﮂ
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
Verse 163
ﮃﮄﮅﮆﮇ
ﮈ
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
Verse 164
ﮉﮊﮋﮌﮍﮎ
ﮏ
(پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار[164].
Verse 165
ﮐﮑﮒ
ﮓ
بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز[165].
Verse 166
ﮔﮕﮖ
ﮗ
بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»[166].
Verse 167
ﮘﮙﮚ
ﮛ
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
Verse 168
ﮜﮝﮞﮟﮠﮡ
ﮢ
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
Verse 169
ﮣﮤﮥﮦ
ﮧ
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
Verse 170
ﮨﮩﮪﮫﮬ
ﮭ
ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[170].
Verse 171
ﮮﮯﮰﮱﯓ
ﯔ
بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان[171].
Verse 172
ﯕﯖﯗ
ﯘ
ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر[172].
Verse 173
ﯙﯚﯛﯜ
ﯝ
بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر[173].
Verse 174
ﯞﯟﯠﯡ
ﯢ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن[174].
Verse 175
ﯣﯤﯥ
ﯦ
ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[175].
Verse 176
ﯧﯨ
ﯩ
ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟[176].
Verse 177
ﯪﯫﯬﯭﯮﯯ
ﯰ
ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان![177].
Verse 178
ﯱﯲﯳﯴ
ﯵ
ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن[178].
Verse 179
ﯶﯷﯸ
ﯹ
ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[179].
Verse 180
ﯺﯻﯼﯽﯾﯿ
ﰀ
قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[180].
Verse 181
ﰁﰂﰃ
ﰄ
پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن![181]
Verse 182
ﰅﰆﰇﰈ
ﰉ
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![182]
تقدم القراءة