ترجمة سورة القارعة

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة القارعة باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

قىيامەت[1]،
قىيامەت نېمىدۇر[2].
قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[3]
شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ[4].
تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ[5].
تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ[6ـ7].
تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ[6ـ7].
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].
ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟[10]
ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر[11].
Icon