ترجمة سورة القدر

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة القدر باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق[1].
شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟[2]
شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر[3].
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ[4].
شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر[5].
Icon