ترجمة معاني سورة القمر باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية

محمد صالح

الترجمة الأويغورية

محمد صالح

الناشر

مجمع الملك فهد

آية رقم 1
قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى[1].
آية رقم 2
(قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ[2].
آية رقم 3
ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر[3].
آية رقم 4
ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى[4].
آية رقم 5
مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ[5].
ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)[6].
آية رقم 7
ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ[7].
ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ[8].
ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى[9].
آية رقم 10
ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى[10].
آية رقم 11
ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق[11].
زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى[12].
آية رقم 13
نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق[13].
آية رقم 14
كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)[14].
آية رقم 15
ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[15]
آية رقم 16
مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![16]
آية رقم 17
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[17]
آية رقم 18
ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![18]
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، [19]
آية رقم 20
بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى[ـ20].
آية رقم 21
مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![21]
آية رقم 22
بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[22]
آية رقم 23
سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى[23].
ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز[24].
ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»[25].
آية رقم 26
ئۇلار ئەتە (يەنى ئاخىرەتتە) كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ[26].
آية رقم 27
بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن[27].
سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن[28].
آية رقم 29
ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى[29].
آية رقم 30
مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟[30]
آية رقم 31
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق[31].
آية رقم 32
بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[32]
آية رقم 33
لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى[33].
بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[34ـ35].
آية رقم 35
بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[34ـ35].
آية رقم 36
شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى[36].
ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)[37].
آية رقم 38
ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى[38].
آية رقم 39
(ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)[39].
آية رقم 40
بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[40].
آية رقم 41
شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى[41].
آية رقم 42
ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[42].
(ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟[43]
آية رقم 44
ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟[44]
آية رقم 45
(مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ[45].
آية رقم 46
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر[46].
آية رقم 47
گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر[47].
ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)[48].
آية رقم 49
بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق[49].
آية رقم 50
(بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)[50].
آية رقم 51
بىز ھەقىقەتەن (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن كۇفرىدا) سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟[51]
آية رقم 52
ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر[52].
آية رقم 53
كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەندۇر[53].
آية رقم 54
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ[54].
آية رقم 55
(ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ[55].
تقدم القراءة