ترجمة سورة الهمزة

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الهمزة باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي![1].
ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى[2].
ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)[3].
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ[4].
ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[5]
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].
ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ[8].
ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ[9].
Icon