ترجمة سورة الأنفال

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الأنفال باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

(ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىيمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار. ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار»[1].
پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر[2].
ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ[3].
ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ[4].
(غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ[5].
ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ[6].
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ[7].
ئاللاھ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ[8].
ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى[9].
ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[10].
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى[11].
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنىڭ قەدەملىرىنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار[12].
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[13].
(ئى كاپىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كاپىرلار (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[14].
ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار)[15].
كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![16]
(ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[17].
بۇ (ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر[18].
(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر[19].
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار[20].
ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار[21].
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر[22].
ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى[23].
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[24].
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[25].
ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى[26].
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار[27].
بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار[28].
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر[29].
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر[30].
ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى[31].
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ (يەنى قۇرئان) سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغىن!» دېدى[32].
سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ[33].
ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشىنى توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[34].
ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار[35].
شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال ـ مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ[36].
ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇپ قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى ـ ئۈستىگە دۆۋىلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[37].
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن)[38].
پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (يەنى ئىسلامغا داۋاملىق دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلار قىلمىشىدىن) يانسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ[39].
ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى![40].
(ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[41].
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[42].
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا ئۇلارنى (يەنى دۈشمەنلىرىڭنى) ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇنچ چۈشەتتى ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى مۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[43].
ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ)[44].
ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار[45].
(پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[46].
يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر[47].
ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا (قەبىھ) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا شەيتان ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مەن سىلەردىن ئادا ـ جۇدامەن، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى ھەقىقەتەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستلا ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى[48]
ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ). چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[49].
پەرىشتىلەر (بەدرى ئۇرۇشىدا) كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). (پەرىشتىلەر ئۇلارغا): «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» (دەيتتى)[50].
بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[51].
(بۇ كاپىرلارنىڭ گۇناھ قىلىش ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[52].
بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[53].
(ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى (كۇفرىلىق ۋە گۇناھ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى (قەۋم) بولدى[54].
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلاردۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدۇ[55].
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن (مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىكلىرى ئۈستىدە) مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ[56].
ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، ئارقىدىكىلىرىنىڭ قېچىشى ۋە ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق جازالىغىن (يەنى ئۇلارنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا دەرمانى قالمىسۇن)[57].
ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق ـ يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). ئاللاھ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ[58].
(بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلمەي قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن) ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[59].
دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)[60].
ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[61].
ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى[62].
ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن زېمىندىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ؛ لېكىن ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامىلەسى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[63].
ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) ئاللاھ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر[64].
ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، چۈشەنمەيدۇ[65].
ئاللاھ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يىنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، 200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. ئاللاھ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر[66].
پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە (يەنى تۆلەم) ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[67].
ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار[68].
(ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر[69].
ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر[70].
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشۇ ئەسىرلەر ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇلار (كۇفرى بىلەن، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن) ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى، ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ (بولغۇسى ھەممە ئىشنى) بىلگۈچى، ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىش قىلغۇچىدۇر[71].
ئىمان ئېيتقانلار، (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر ـ بىرىگە ياردەمچىدۇر ۋە دوستتۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[72].
كاپىرلار بىر ـ بىرىنىڭ قاياشىدۇر، ئەگەر بۇ (يۇقىرىدىكى) ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ[73].
ئىمان ئېيتقانلار، (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ[74].
كېيىن ئىمان ئېيتىپ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلار سىلەردىن سانىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار بىر ـ بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[75].
Icon