ترجمة سورة الغاشية

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الغاشية باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى[1].
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر[2].
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر[3].
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ[4].
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ[5].
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ[6].
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ[7].
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر[8].
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر[9].
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر[10].
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ[11].
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ[12].
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى[17]،
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى[18]،
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى[19]،
زېمىن قانداق يېيىتىلدى[20].
سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن[21].
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن[22].
لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن[23]،
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ[24].
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ[25].
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز[26].
Icon