ترجمة معاني سورة الطور باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية
محمد صالح
ﰡ
آية رقم 1
ﮞ
ﮟ
تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى[1]،
آية رقم 2
ﮠﮡ
ﮢ
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى[2ـ3]،
آية رقم 3
ﮣﮤﮥ
ﮦ
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى[2ـ3]،
آية رقم 4
ﮧﮨ
ﮩ
بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى[4]،
آية رقم 5
ﮪﮫ
ﮬ
ئاسمان بىلەن قەسەمكى[5]،
آية رقم 6
ﮭﮮ
ﮯ
(قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى[6]،
آية رقم 7
ﮰﮱﯓﯔ
ﯕ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر[7].
آية رقم 8
ﯖﯗﯘﯙ
ﯚ
ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ[8].
آية رقم 9
ﯛﯜﯝﯞ
ﯟ
ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ[9].
آية رقم 10
ﯠﯡﯢ
ﯣ
تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)[10].
آية رقم 11
ﯤﯥﯦ
ﯧ
ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي![11].
آية رقم 12
ﯨﯩﯪﯫﯬ
ﯭ
ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر[12].
آية رقم 13
ﯮﯯﯰﯱﯲﯳ
ﯴ
ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ[13].
آية رقم 14
ﯵﯶﯷﯸﯹﯺ
ﯻ
(ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ)[14].
آية رقم 15
ﭑﭒﭓﭔﭕﭖ
ﭗ
(ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟[15]
آية رقم 16
دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)[16].
آية رقم 17
ﭦﭧﭨﭩﭪ
ﭫ
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ[17].
آية رقم 18
ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ[18].
آية رقم 19
ﭵﭶﭷﭸﭹﭺ
ﭻ
(ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)[19].
آية رقم 20
ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز[20].
آية رقم 21
ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر[21].
آية رقم 22
ﮚﮛﮜﮝﮞ
ﮟ
ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز[22].
آية رقم 23
ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ[23].
آية رقم 24
گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ[24].
آية رقم 25
ﯓﯔﯕﯖﯗ
ﯘ
ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ[25].
آية رقم 26
ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق[26].
آية رقم 27
ﯡﯢﯣﯤﯥﯦ
ﯧ
ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى[27].
آية رقم 28
بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[28].
آية رقم 29
(ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن[29].
آية رقم 30
ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز».[30]
آية رقم 31
ﰄﰅﰆﰇﰈﰉ
ﰊ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»[ـ31].
آية رقم 32
ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر[32].
آية رقم 33
ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ[33].
آية رقم 34
ﭣﭤﭥﭦﭧﭨ
ﭩ
ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار[34].
آية رقم 35
ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟[35]
آية رقم 36
ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ[36].
آية رقم 37
ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟[37]
آية رقم 38
ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن[38].
آية رقم 39
ﮏﮐﮑﮒﮓ
ﮔ
ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟[39]
آية رقم 40
ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟)[40]
آية رقم 41
ﮝﮞﮟﮠﮡ
ﮢ
ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟[41]
آية رقم 42
ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ[42].
آية رقم 43
ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) ئاللاھ پاكتۇر[43].
آية رقم 44
ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ[44].
آية رقم 45
ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن[45].
آية رقم 46
ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ[46].
آية رقم 47
ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[47].
آية رقم 48
پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[48].
آية رقم 49
ﰋﰌﰍﰎﰏ
ﰐ
كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن[49].
تقدم القراءة