ترجمة سورة الفتح

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الفتح باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3]. وَيَنْصُرَكَ اللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا
ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر[5].
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![6].
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7].
بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق[8].
سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق)[9].
شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ[10].
(ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[11].
بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»[12].
كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن(ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[14-13].
(ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ[15].
(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن[16].
(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن[16].
(جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخىرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ[17].
ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18ـ 19].
ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18ـ 19].
ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىيمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى)[20].
ئاللاھ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىيمەت (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[21].
ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى[22].
بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ)[23].
ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلىدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[24].
ئۇلار كاپىر بولدى، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشتىن توستى، مەككىدە سىلەر بىلمەيدىغان ئەر ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئ‍ۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشىڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى<ئەلۋەتتە مەككىگە كىرشىڭلارغا رۇىسەت قىلاتتى ۋە سىلەرنى كاپىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى.> اللە خالىغان ئادەمنى رەھمىتى< دائىرىسگە> كىرگۈزۈش ئ‍ۈچۈن <سىلەرنى مەككىنى فەتىھ قىلىشتىن توستى.>، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا <يەنى مۆمىنلەر كاپىرلاردىن ئايرىلسا>، ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاپ بىلەب ئازاپلايتۇق.
كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[26].
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرامغا كىرىسىلەر، ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى مۇيەسسەر) قىلدى[27].
ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[28].
مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى[29].
Icon