ترجمة معاني سورة يونس باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية

محمد صالح

الترجمة الإنجليزية - صحيح انترناشونال
المنتدى الإسلامي
الترجمة الإنجليزية
الترجمة الفرنسية - المنتدى الإسلامي
نبيل رضوان
الترجمة الإسبانية
محمد عيسى غارسيا
الترجمة الإسبانية - المنتدى الإسلامي
الترجمة الإسبانية (أمريكا اللاتينية) - المنتدى الإسلامي
المنتدى الإسلامي
الترجمة البرتغالية
حلمي نصر
الترجمة الألمانية - بوبنهايم
عبد الله الصامت
الترجمة الألمانية - أبو رضا
أبو رضا محمد بن أحمد بن رسول
الترجمة الإيطالية
عثمان الشريف
الترجمة التركية - مركز رواد الترجمة
فريق مركز رواد الترجمة بالتعاون مع موقع دار الإسلام
الترجمة التركية - شعبان بريتش
شعبان بريتش
الترجمة التركية - مجمع الملك فهد
مجموعة من العلماء
الترجمة الإندونيسية - شركة سابق
شركة سابق
الترجمة الإندونيسية - المجمع
وزارة الشؤون الإسلامية الأندونيسية
الترجمة الإندونيسية - وزارة الشؤون الإسلامية
وزارة الشؤون الإسلامية الأندونيسية
الترجمة الفلبينية (تجالوج)
مركز رواد الترجمة بالتعاون مع موقع دار الإسلام
الترجمة الفارسية - دار الإسلام
فريق عمل اللغة الفارسية بموقع دار الإسلام
الترجمة الفارسية - حسين تاجي
حسين تاجي كله داري
الترجمة الأردية
محمد إبراهيم جوناكري
الترجمة البنغالية
أبو بكر محمد زكريا
الترجمة الكردية
حمد صالح باموكي
الترجمة البشتوية
زكريا عبد السلام
الترجمة البوسنية - كوركت
بسيم كوركورت
الترجمة البوسنية - ميهانوفيتش
محمد مهانوفيتش
الترجمة الألبانية
حسن ناهي
الترجمة الأوكرانية
ميخائيلو يعقوبوفيتش
الترجمة الصينية
محمد مكين الصيني
الترجمة الأويغورية
محمد صالح
الترجمة اليابانية
روايتشي ميتا
الترجمة الكورية
حامد تشوي
الترجمة الفيتنامية
حسن عبد الكريم
الترجمة الكازاخية - مجمع الملك فهد
خليفة الطاي
الترجمة الكازاخية - جمعية خليفة ألطاي
جمعية خليفة الطاي الخيرية
الترجمة الأوزبكية - علاء الدين منصور
علاء الدين منصور
الترجمة الأوزبكية - محمد صادق
محمد صادق محمد
الترجمة الأذرية
علي خان موساييف
الترجمة الطاجيكية - عارفي
فريق متخصص مكلف من مركز رواد الترجمة بالشراكة مع موقع دار الإسلام
الترجمة الطاجيكية
خوجه ميروف خوجه مير
الترجمة الهندية
مولانا عزيز الحق العمري
الترجمة المليبارية
عبد الحميد حيدر المدني
الترجمة الغوجراتية
رابيلا العُمري
الترجمة الماراتية
محمد شفيع أنصاري
الترجمة التلجوية
مولانا عبد الرحيم بن محمد
الترجمة التاميلية
عبد الحميد الباقوي
الترجمة السنهالية
فريق مركز رواد الترجمة بالتعاون مع موقع دار الإسلام
الترجمة الأسامية
رفيق الإسلام حبيب الرحمن
الترجمة الخميرية
جمعية تطوير المجتمع الاسلامي الكمبودي
الترجمة النيبالية
جمعية أهل الحديث المركزية
الترجمة التايلاندية
مجموعة من جمعية خريجي الجامعات والمعاهد بتايلاند
الترجمة الصومالية
محمد أحمد عبدي
الترجمة الهوساوية
الترجمة الأمهرية
محمد صادق
الترجمة اليورباوية
أبو رحيمة ميكائيل أيكوييني
الترجمة الأورومية
الترجمة التركية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة الفرنسية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة الإندونيسية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة الفيتنامية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة البوسنية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة الإيطالية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة الفلبينية (تجالوج) للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
الترجمة الفارسية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
مركز تفسير للدراسات القرآنية
Dr. Ghali - English translation
Muhsin Khan - English translation
Pickthall - English translation
Yusuf Ali - English translation
Azerbaijani - Azerbaijani translation
Sadiq and Sani - Amharic translation
Farsi - Persian translation
Finnish - Finnish translation
Muhammad Hamidullah - French translation
Korean - Korean translation
Maranao - Maranao translation
Abdul Hameed and Kunhi Mohammed - Malayalam translation
Salomo Keyzer - Flemish (Dutch) translation
Norwegian - Norwegian translation
Samir El - Portuguese translation
Polish - Polish translation
Romanian - Romanian translation
Elmir Kuliev - Russian translation
Albanian - Albanian translation
Tatar - Tatar translation
Japanese - Japanese translation
محمد جوناگڑھی - Urdu translation
Ma Jian - Chinese translation
Turkish - Turkish translation
King Fahad Quran Complex - Thai translation
Ali Muhsin Al - Swahili translation
Abdullah Muhammad Basmeih - Malay translation
Hamza Roberto Piccardo - Italian translation
Indonesian - Indonesian translation
Bubenheim & Elyas - German / Deutsch translation
Bosnian - Bosnian translation
Hasan Efendi Nahi - Albanian translation
Sherif Ahmeti - Albanian translation
Sahih International - English translation
Czech - Czech translation
Abul Ala Maududi(With tafsir) - English translation
Tajik - Tajik translation
Alikhan Musayev - Azerbaijani translation
Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
Abdul Haleem - English translation
Mufti Taqi Usmani - English translation
Muhammad Karakunnu and Vanidas Elayavoor - Malayalam translation
Sheikh Isa Garcia - Spanish; Castilian translation
Divehi - Divehi; Dhivehi; Maldivian translation
Abubakar Mahmoud Gumi - Hausa translation
Mahmud Muhammad Abduh - Somali translation
Knut Bernström - Swedish translation
Jan Trust Foundation - Tamil translation
Mykhaylo Yakubovych - Ukrainian translation
Uzbek - Uzbek translation
Diyanet Isleri - Turkish translation
Ministry of Awqaf, Egypt - Russian translation
Abu Adel - Russian translation
Burhan Muhammad - Kurdish translation
Dr. Mustafa Khattab, The Clear Quran - English translation
Dr. Mustafa Khattab - English translation
الترجمة الإنجليزية - مركز رواد الترجمة
الترجمة الفرنسية - محمد حميد الله
الترجمة البوسنية - مركز رواد الترجمة
الترجمة الصربية - مركز رواد الترجمة - جار العمل عليها
الترجمة الألبانية - مركز رواد الترجمة - جار العمل عليها
الترجمة اليابانية - سعيد ساتو
الترجمة التاميلية - عمر شريف
الترجمة السواحلية - عبد الله محمد وناصر خميس
الترجمة اللوغندية - المؤسسة الإفريقية للتنمية
الترجمة الإنكو بامبارا - ديان محمد
الترجمة العبرية
الترجمة الإنجليزية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
الترجمة الروسية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
الترجمة البنغالية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
الترجمة الصينية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
الترجمة اليابانية للمختصر في تفسير القرآن الكريم
ترجمة معاني القرآن الكريم - عادل صلاحي
عادل صلاحي

الترجمة الأويغورية

محمد صالح

الناشر

مجمع الملك فهد

آية رقم 1
ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر[1].
ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھىي قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى[2].
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟[3].
(قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[4].
ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرۇجلارنى) تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور مەنپەئەت ئۈچۈن ياراتتى)، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) بىلىدىغان (ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان) قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[5].
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[6].
شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار[7]
آية رقم 8
ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ[8].
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ[9].
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر ـ بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر[10].
ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارغا ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز[11].
ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[12].
سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز[13].
سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلدۇق[14].
ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيەلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن[15].
«ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن[16].
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ[17].
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر[18].
ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ھەق دىن) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى)[19].
ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە): «نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاس (مۆجىزىلەرنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن)، سىلەر (ئاللاھنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن»[20].
كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ[21].
ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ[22].
ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز[23].
ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز[24].
ئاللاھ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) چاقىرىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ[25].
ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[26].
(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[27].
شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلارنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار)[28].
سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»[29].
بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ ـ يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ[30].
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟[31].
(يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»[32].
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ[33].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»[34].
ئېيتقىنكى، « شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (نەرسىلەرگە) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»[35].
ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[36].
بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ). قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[37].
ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»[38].
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن[39].
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، پەرۋەردىگارىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ[40].
ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ قىلغان ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ قىلغان ئەمەلىمدىن سىلەر ئادا ـ جۇداسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن مەنمۇ ئادا ـ جۇدامەن (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ قىلغان گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس)» دېگىن[41].
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا [42].
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). سەن كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ ئۇلار (ھەقىقەتنى) كۆرمەيدىغان تۇرسا[43].
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ[44].
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى[45].
ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ[46].
(ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[47].
آية رقم 48
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ[48].
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»[49].
ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟) گۇناھكارلار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟[50]
(ئاللاھنىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار»[51].
ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ[52].
ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن[53].
ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[54].
راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، راستلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) نىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[55].
آية رقم 56
ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر[56].
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى[57].
ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (دۇنيا ـ ماللىرىدىن) ياخشىدۇر»[58].
ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟»[59].
ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[60].
سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر[61].
راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ[62].
آية رقم 63
ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر[63].
ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر[64].
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[65].
راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ئاللاھتىن باشقىغا بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ[66].
ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[67].
ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، ئاللاھ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟[68].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ»[69].
ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[70].
ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار[71].
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى[72].
لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[73].
نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيمىز[74].
. ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى[75].
ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى[76].
مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى[77].
ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى[78].
آية رقم 79
پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى[79].
سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «(ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى[80].
ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى[81].
آية رقم 82
گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ[82].
مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن) ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر[83].
مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى[84].
ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن[85].
آية رقم 86
بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»[86].
بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[87].
مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ »[88].
ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»[89].
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى[90].
آية رقم 91
(ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ[91].
سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر[92].
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا)ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[93].
مۇبادا سەن ساڭا بىز نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلار (يەنى تەۋرات بىلەن ئىنجىل نازىل قىلىنغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[94].
سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، (ئۇنداق بولساڭ) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن[95].
آية رقم 96
شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ[96].
آية رقم 97
ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە (ئىمان ئېيتمايدۇ)[97].
(ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق[98].
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟[99].
ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ[100].
ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ[101].
ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشىنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى) كۈتكۈچىمەن»[102].
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز[103].
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»[104].
آية رقم 105
يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن[105].
ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزۈڭگە) زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن[106].
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)[107].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»[108].
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر[109].
تقدم القراءة