ترجمة سورة الضحى

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
ترجمة معاني سورة الضحى باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation .

سۈرە زۇھا


چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،

قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،

(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق

ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر،

پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن

ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟

قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟

سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟

يېتىمنى خارلىما

سائىلغا قوپاللىق قىلما

پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)
Icon