ترجمة سورة الفجر

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الفجر باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

سۈبھى بىلەن، [1]
[2](زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن،
قۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن، [3]
(كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز) [4]
ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك)قەسەم بارمۇ؟. [5]
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].
بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى[8].
شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى[9].
شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى[10].
ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى[11].
ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى[12].
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى[13].
پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[14].
پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ[15].
پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ[16].
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر[17].
بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر[18].
مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر[19].
مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر[20].
(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا[21].
پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا[22].
(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن[23].
ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»[24]
شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ[25].
ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ[26].
ئى ئارام تاپقۇچى جان![27]
سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن[28].
سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن[29].
مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن[30].
Icon